(شىئىر)
ئۈزۈلمىسۇن ئۈمۈت يىپلىرىڭ ،
تۈننى تاڭغا ئۇلاپ مىنى كۈت .
تاشلىنارمەن كۆكسۈڭگەبىر كۈن ،
قونغان كەبى چوققىغا بۈركۈت .
مەن بارارمەن ئۆمۈرلۈك چوقۇم ،
بارالمىدىم يېنىڭغا كۈندە .
بارسام ئېلىپ بارارمەن شادلىق ،
مەيلى كۈندۈز ۋەياكى تۈندە . ئىز تورى www.iz.la
بوي ئەگمىگىن ھىجران ئالدىدا ،
يۈرىكىمگە ئەبەدىي چىن پۈت .
ئەقىدەڭگە تاڭ قالسۇن ئالەم ،
كۈتكىن مىنى ، ئۆمۈر بويى كۈت .
ئىز تورى بەك ياخشى