بىرمىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتتە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ، بۇ دۆلەتتە پەقەت ئاياللارلا تاماكا (ئەپيۈن) چېكىدۇ ، تاماكا (ئەپيۈن) چېكىۋاتقان ئەرلەرنى ئۇچرىتىش ئىنتايىن تەس .
غ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ يەردىكى ئەرلەر ئەپيۈندىنمۇ بەك ‹‹خۇمارنى باسىدىغان›› (ھاياجانلاندۇرىدىغان ، غىدىقلايدىغان) نەرسىنى تاپتى، ئۇ بولسىمۇ — * ئارېكا چايناش . ئۇنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى .
مانا بۇ يەرلىكتىكى ئارېكا يايمىسى
ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدا ئارېكا چايناش بىر خىل ئىنتايىن ئاددىي قوشۇمچە يېمەكلىك يېيىش ھېسابلىنىدۇ، بىراق بىرمىدا ، ئارېكىنى يېيىش ئۇسۇلىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ : ئالدى بىلەن بىر دەرەخ يوپۇرمىقىنى يېيىپ ، يۈزىگە سۇ قوشۇپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان بىر قەۋەت ھاك سۈركىلىدۇ ، ئاندىن بىر قانچە ئارېكا دانچىسى تۆكۈلۈپ ، يەنە ئوخشاش بولمىغان قۇتىلاردىن تۈرلۈك پۇراقلىق ماتېرىياللار قوشۇلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
تۈرلۈك خام ماتېرىياللار تولۇق تەييارلانغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى يېشىل يوپۇرماققا ئورۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ‹‹بىرما ئارېكاسى›› ۋۇجۇدقا كېلىدۇ . بىرمىلىقلار ئارېكا سېتىۋالغاندا بىر قېتىمدا ئاز دېگەندە بىر بولاق سېتىۋالىدۇ ، بولاقتا 4 ~ 6 تال ئارېكا بولىدۇ ، ئارېكىلار كىچىك بىر سۇلياۋ خالتىغا قاچىلىنىپ، چىش كولىغۇچ بىلەن خالتا ئېغىزى ھىملىنىدۇ ، خالىغان چاغدا ئېلىپ يېيىشكە بولىدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئادەتتە، يېتىلگەن بىر ئەر بىر كۈندە بىر–ئىككى بولاق يېسە مىقدارى ئۆلچەملىك بولغان بولىدۇ . تاماكا چەككەنگە ئوخشاش ، ئارېكا چاينىسىمۇ خۇمار بولۇپ قالىدۇ . ئارېكا تەركىبىدە ئالكالوئىد بار بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ، ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ، بىر كۈنلەردە يېمەي قالسا، ئادەمنىڭ ئاغزى ئېچىق پۇراپ قالىدىكەن ، بۇمۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ نېمىشقا توختىماي ئارېكا چاينايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇڭلاشقا، كوچىدىكى ئارېكا چايناۋاتقان ئەرلەر بۇ جاينىڭ ئادەمگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدىغان ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىز تورى www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىل بويى مۇشۇنداق چايناۋەرسە ، ئەلۋەتتە چىشمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، سېرىق چىش ئادەمنىڭ سىرتقى گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەندەك ، قىزىل چىشمۇ ئادەمنى سەت كۆرسىتىپ قويىدۇ . ئارېكىنى دائىم چايناۋەرسە چىشنىڭ رەڭگى قىزىلغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ . بىرمىدىكى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ‹‹قىزىل چىشلىق ئەر›› بولۇپ ، ئۇلار قارا قىزىل چىشلىرىغا كۆنۈپمۇ قالغان . بۇ ئىشتىن سىرتقى ناخشىچىنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن ياڭراق بولسىمۇ، بىراق چىشلىرى قىزىل رەڭدە .
copyright by www.iz.la
ئەلۋەتتە، ئاياللارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ‹‹غىدىقلىغۇچى بۇيۇم›› ى بار ، ئۇ بولسىمۇ — ئەپيۈن . بىرما بۈگۈنگىچە يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەپيۈن ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى ، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىلا ئەپيۈن چېكىدىغان ئەنئەنىسى بار. بىراق ، بۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ ئاغزىغا قىستۇرۇۋالغىنى كۆپىنچە بىر خىل بىرما پاپىروسى. www.iz.la
* ئىزاھات : ئارېكا دەرىخى — كوكۇس دەرىخىگە ئوخشايدىغان بىر خىل دەرەخ، ھىندىستان، سىرى لانكا، تايلاند ، مالايسىيا ۋە فىلىپپىنلاردا كۆپ ئۆسىدۇ . دەرەخ غولى شاخ ئايرىمايدۇ ، 12 ~ 15 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ . مېۋىسى تېبابەتتە دورا خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ . بۇ يەردىكى ئارېكا چايناش دېگىنىمىز ئۇنىڭ مېۋىسى خام ماتېرىيال قىلىنىپ ياسالغان بىر خىل نەرسىنى يېيىشنى كۆرسىتىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئارېكا دەرىخى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئارېكا مېۋىسى www.iz.la