
مىسىردىكى ئەڭ چوڭ تۆگە بازىرى قاھىرە شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىركاش يېزىسىدا. بىركاشتىكى تۆگە بازىرى بىر قانچە پۇتبول مەيدانىدەك چوڭلۇقتىكى بىر ھويلىغا بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئەتراپىنى قىزىل خىش بىلەن قوپۇرۇلغان تام قورشاپ تۇرىدۇ. ھويلىغا قوتان–قوتان تۆگىلەر سولانغان بولۇپ، نەچچە ئون قوتان بار. ھەر بىر قوتاندا ئاز دېگەندىمۇ 10 نەچچە، كۆپ بولغاندا يۈز نەچچە تۆگە بار. قوتانغا سولانغان تۆگىلەردىن باشقا، ھويلا، ئاپتوموبىللاردا ئۆرە تۇرغان ياكى چۆكۈپ تۇرغان چوڭ–كىچىك تۆگىلەرمۇ بار. ئىئوردانىيە، سۇرىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ چارۋىچىلىرى تۆگىلىرىنى بۇ يەرگە ساتقىلى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

ئادەتتىكى كۈنلەردە، تۆگىلەرنىڭ بوزلىغان ئاۋازلىرى، تۆگە بېدىكلىرىنىڭ ۋارقىراشلىرى، قامچىنىڭ تاراسلاشلىرى، خېرىدارلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېگنال ئاۋازى قاتارلىقلار ئىسسىق، سېسىق پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرغان، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ھاۋا بىلەن بىرلىشىپ، تەرتىپسىز، قالايمىقان شاۋقۇن–سۈرەنلىك دۇنيانى ھاسىل قىلىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la

قاھىرە شەھەر ئەتراپى، سىناي يېرىم ئارىلىدىكى ئارىش ۋە سۇۋەيش قانىلى بويىدىكى ئىسمائىلىيە شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ‹‹خەلقئارا تۆگە مۇسابىقىسى›› ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىگە ئون نەچچە دۆلەتنىڭ ماھىرلىرى قاتناشقان. تۆگىنىڭ ئادەتتە ئىنتايىن سالماقلىقىغا، ئادەمگە ئېغىر–بېسىق تەسىر بېرىدىغانلىقىغا قارىماڭ، مۇسابىقىدە ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى دەل ئەكسىچە بولۇپ، قېرى جېنىنى تىكىپ، كۈچىنىڭ بارىچە يۈگرەيدۇ. چاڭ–توزان ئىچىدە، تۆگە چاپتۇرغۇچىلارمۇ ئەڭ ياخشى ئاماللارنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ تۆگىسىنى بىرىنچى قىلىشقا تىرىشىدۇ. مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، غەلىبە قازانغۇچىغا شەلپەر يېپىلىپ، زەپەر قۇچقان قەھرىمانلاردەك ئالقىشلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يېزىدا، كىشىلەر تۆگە ئارقىلىق خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە سۇ قاتارلىقلارنى توشۇيدۇ. تۆگىلەر ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا، كىشىلەر ئۇلارغا رىتىمى تېز كۈچلۈك مۇزىكىلارنى قويۇپ بەرسە، تۆگىلەر ئىنتايىن تېزلا روھلىنىدۇ. كىشىلەر يەنە تۆگىلەر بىلەن بىرلىكتە تاماكا چېكىدۇ، تاماكىنى تۆگىنىڭ بۇرۇن تۆشىكىگە تىقىپ قويسا، تاماكىنىڭ بىر غىدىقلىشى بىلەن، تۆگىنىڭ روھى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈلىشىپ، يەنىمۇ كۈچەپ ئىشلەيدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

تۆگىنىڭ ‹‹قۇملۇق كېمىسى›› دېگەن چىرايلىق نامى بار، ئۇنىڭ ‹‹پۈتۈن بەدىنى گۆھەر›› دېيىشكە بولىدۇ. تۆگە كىشىلەرنىڭ چەكسىز قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتۈشتىكى، ئېغىر نەرسىلەرنى توشۇشتىكى قاتناش قورالى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تاتلىق سۈتى سالامەتلىككە پايدىلىق، گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تۆگىنىڭ تېرىسى ۋە يۇڭىدىن كىيىم–كېچەك، ئاياغ، خۇرۇم سومكا، بەلباغ، بېزەك بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ.

ساتقۇچى تۆگىنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر ئالدى پۇتىنى ئارقان بىلەن چىڭ چىگىۋېتىدۇ. بۇ تۆگىلەر پەقەت بىر پۇتى بىلەن دىڭگوسلاپ ماڭالايدۇ، تۇرقى كېنگۇرۇغا بەك ئوخشاش بولۇپ، ئىنتايىن كۈلكىلىك.
