سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

ۋاقتى:2011-09-19 23:46مەنبە: تەھىرىر:ھەسەن جان چېكىلىشى:قىتىم
   سەيپىدىن ئەزىزى 1915-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتۇشتا مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تاشاخۇن ئەزىزى ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر زات، مىللىي كاپىتالىست، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى، بىلىملىك زات ئىدى. تاشاخۇن ئەزىزى رۇسىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىن ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، يۇرتىدا ئەينى چاغدىكى ئاسىيا بويىچە كەم ئۇچرايدىغان سەرەڭگە زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەنە ياۋروپادا ئۆگەنگەن تېخنىكىلىرىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ بوياقچىلىق زاۋۇتى قۇرغان. جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىدا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغان. بولۇپمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ مەرىپەت ھەرىكىتىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، يۇرتىدا يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرۇپ، يېڭىچە ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. دادىسىنىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق بىلەن توختىماي مەرىپەتكە ئىنتىلىش روھى سەيپىدىن ئەزىزىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئاخىرى دادىسىغا ئوخشاش مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلىك يولىدا مېڭىشىغا ئىلھام بەرگەن. ئانىسى سارىخانمۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس، ئادەمگەرچىلىكى بار ئايال ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قەدەر قالاق يېزىدا دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ساۋاتلىق، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل بولغاچقا ھەم دوختۇرلۇقنى ياخشى بىلگەچكە، يۇرتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. سارىخان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دىلىغا تۇنجى ئىلىم سالغان ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ۋە ئەسلىمىسىدە ئەڭ سەمىمىي ھېسىياتى بىلەن ئانىسىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ۋە سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەيپىدىن ئەزىزى ياش چېغىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ زۇلمەتتىن ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ئېلىپ بارغان مەشھۇر قەشقەر قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئارقىدىنلا يەنە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېڭى مەدىنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مائارىپ مەرىپەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرغان. ئاتۇشنىڭ تېجەن يېزىسىدا قۇرۇلغان يېڭى تىپتىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان.
ھەقىقەت ئىزلەش يولىدا، 1935-يىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇغان. ئوقۇش مەزگىلىدە سىستېمىلىق ھالدا ماركسىزم، لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى ئۆگەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ لېنىن، سىتالىن ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. پەقەت پرولتارىياتنىڭلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئاندىن ئۆزىنى ئازاد قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. بۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

1937-يىلى سەيپىدىن ئەزىزى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەريانىدا چۆچەك گېزىتخانىسىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. چۆچەكتىكى مەزگىلىدە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. كېيىن ئۇ يەنە غۇلجىغا يۆتكىلىپ بېرىپ، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان.
1944-يىلى شىنجاڭدا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى غۇلجا، چۆچەك، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قوزغالغان. سەيپىدىن ئەزىزى ئاساسىي رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنى تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھايات-ماماتلىق كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ماۋجۇشى يۇقىرى باھا بېرىپ: «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگو يېڭى دىموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 1949-يىلى 9-ئايدا سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ تىنچلقىنى قوغداش دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماۋجۇشىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭغا بېرىپ، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ۋە يىغىندا سۆز قىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 56 نەپەر ھەيئىتىنىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇن كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ماۋجۇشىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، بىر دانا داھىينىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىغان سۆزىدىن ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ كۈچلۈك تەسىرات ئالغان. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، ماۋجۇشى ئۆز قولى بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىشىنى تەستىقلىغان. ماۋجۇشى تەستىق سېلىپ:« خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى كاندىداتلىق مەزگىلىدىن ھالقىپ، بىۋاستە جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىگە قوبۇل قىلىنسا بولىدۇ» دەپ قۇشۇلغان. شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، پېڭ دېخۇەي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، سەيپىدىن ئەزىزى ۋاڭ جىن، تاۋ سىيۆ بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسى، غەربىي-شىمال مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ماۋ زېدۇڭ ۋە جۇ ئېنلەينىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. سەيپىدىن ئەزىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. يەنە بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-سېكرېتارى، ھۆكۈمەت رەئىسى، ھەربىي رايوننىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 9-، 10-، 11-، 12-، 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەيپىدىن ئەزىزى باشتىن-ئاخىر ھەر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆز ئارا ياردەملىشىش پرىنسىپىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىغا يېتەكلىگەن. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


سەيپىدىن ئەزىزى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، دراماتورگ ۋە شائىر. دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلق ئارىسىدىكى بىر پېشقەدەم سەنئەتكارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىنىڭ گۆھىرى بولغان «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» نىڭ يوقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزى بىۋاستە جۇزۇڭلىغا تەكلىپ بەرگەن ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللىگەن. ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. 1980-يىللاردا سەيپىدىن ئەزىزى يەنە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. بۇ قىممەتلىك مىراسنى تۈپتىن ياخشىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ھەم ئۇنى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئىتى، بولۇپمۇ مىللىي ناخشا-ئۇسسۇلى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىنتايىن چوڭ تەسىر پەيدا قىلىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش، ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت خەزىنىسىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 1956-يىلى بېيجىڭدا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ- مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئاساسەن ھېكايە، شېئىر، درامما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەسەل، نەسر، چۆچەك قاتارلىقلارمۇ بار. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن باشلاپلا، ھېكايە ئىجادىيىتىنى باشلىغان. ۋەكىل خاراكتېرلىك تارىخىي رومانى «سۇتۇق بۇغراخان» چەت ئەلدە نەشر قىلىنغان. تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرى «تەڭرىتاغ بۈركۈتى»، ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئەسىرى «ئۆمۈر داستانى» ھەمدە بىر مۇنچە ھېكايىلىرى بار. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ درامما ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «شانلىق يىللار» ناملىق درامما توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يېزىپ چىققان تارىخىي درامما «ئاماننىساخان» بولۇپ، بۇ درامما ئېلان قىلىنىشىغىلا كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپ، كەڭ كىتابخانلار ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئىز تورى www.iz.la
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ نەسرىي شېئىر، نەسىر، چۆچەك، مەسەل قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئەۋلىيا ئاتا» ۋە «ساما ناخشىسى» قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 1938-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «بىرلىكسەپ» ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ تاكى ۋاپات بولغۇچە ئېلان قىلغان شېئىرلىرى 1000 پارچىدىن ئاشىدۇ. بۇ شېئىرلار ئۇنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن ھەمدە شېئىر سەنئىتى ئۈستىدىكى جاپالىق ئىزدىنىشىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ شېئىرلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر شېئىر سەنئىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ چوڭقۇر، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى ئىپادىلەپ بېرىشكەن ماھىر بولۇشتەك بەدىئىي ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرگەن. مىللىي ئالاھىدىلىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئوي-پىكرى، ئىلىمگە بولغان مەدھىيەسى، كىشلىك قەدىر-قىممەتكە بولغان ئىزدىنىشى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. يەنە بىر تەرەپتىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ شېئىرلىرى ھەر مىللەت شېئىرىيىتىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ، كۈچلۈك دەۋر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىنغان
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئوت يۈرەك سەنئەتكار مەۋلان نىياز

    مەۋلان نىياز 1971-يىلى7-ئاينىڭ28-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ دادىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدە،ئاپىسى پوچتا-تېلىگىراف ئىدارىسىدا خىزمەت قىلاتتى. مەۋلان نىياز ئىئىلە مۇھىتىغا نىسىبەتەن غۇلجىنىڭ ئەمگەكچان، پاراسەتلىك يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا بار، سەنئەتخ...

  • ئۇيغۇر ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن

    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمبەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىقئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 2...

  • ئاتاقلىق شائىر ، تەتىقىقاتچى ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى

    ئالى مۇھەررىر ،فدلكورشۇناس ، شائىر ،تەتىقىقاتچى ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى 1967-يىلى شىنجاڭ ئۈنۋىرىستىتى جۇڭگۇ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۇتتۇرگەن . 37 يىل ئاخبارات ئىشلىرىغا جان بەدەل قىلىپ ، قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ ، بېرىلىپ تەتىقىق قىلىپ ،يېڭىلىق يارىتىپ ،...

  • بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى

    بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان.فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى ئىككىنچى ئۇستاز. فارابىنىڭ ئىككىنچى ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى - ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گ...

  • ياش شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت

    ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇر...

  • كورىيە پارلامىنتىدىكى ئۇيغۇر قىزى

    ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل ئەدەبىياتى ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشل...

  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...