يۈرسە يالغۇز ناچار دېمە،
ياخشىلارنى غاجار دېمە .
كۈتۈپ يۈردۈم پەقەت ياخشنى،
ياخشىدىنمۇ بىر كۈن تانار دېمە.
تۇغۇلدۇم ياشايمەن بەك ئۇزاق دېمە،
يېڭىلمەك،يىقلماق توزاق دېمە .
بۇ ھايات تۆت كۈنلۈك سىناق تېخى،
يامان تۇرۇپ يراقمەن دوزاق دېمە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇھەببەت ياشلىقتىكى ئويۇن دېمە،
بىر پەس چىقىپ توختايدىغان قۇيۇن دېمە.
ياشىغىن غورۇر،ئەخلاق بىلەن دېسە،
ياق،بۇ مەڭگۈلۈك خۇيۇم دېمە. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
چوڭلار قىلسا نەسھەت قېرى دېمە ،
ئىلغارلىقتىن،يېڭىلىقتىن نېرى دېمە.
ھاياتتىن يەكۈنلىگەن ئەمەلى ساۋاق،
سۆزىنىڭ يوقتۇر دېنى دېمە. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ھۆرمەتلىسە كىشلەر چوڭ مەن دېمە،
ماختىسا دۈشمەنلىرىڭ ئوڭ مەن دېمە.
ئەمەستۇر مەۋجۇد مۇكەممەللىك ،
ياشا قەيسەر توڭ مەن دېمە .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھىرىس بولسا نادان قىز ئالدايمەن دېمە،
ياشلىق بېغىنى بىمەھەل ئارلايمەن دېمە.
يانجىپ،بۇلغاپ گۈلزار بېغىنى ،
كۆزلىرىنى نەم قىلىپ تاشلايمەن دېمە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەن چەيلىگەن گۈللەرنى خەقنىڭ دېمە،
ھاراق،تاماكا دورىسى دەرتنىڭ دېمە .
سەبى قىزلارنى قوغداش ئەركەك بۇرچى،
بۇزۇلغان قىز سەۋەبى چەتنىڭ دېمە.
ئىز تورى بەك ياخشى
دەز كەتكەن چىنىنى يەملەيمەن دېمە،
ئەزىز مىھمانغا ھەم تەڭلەيمەن دېمە.
دەز كەتتى ھامان چېقىلار بىر كۈن ،
گۇناھ تىلەپ چاي دەملەيمەن دېمە.
ئەركەك مەن قاتالاشتۇرۇپ ئوينايمان دېمە،
ياخشىنى ئازدۇرۇپ،خاتالاشتۇرۇپ دېمە .
جاھاننىڭ بار سورىقى ،تىگشلىك جازاسى،
ياشايمەن قىز كۆزىگە قان ئارلاشتۇرۇپ دېمە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەقنى سۆزلىسە گاس مەن دېمە ،
غايىلىك بول پىس-پاس مەن دېمە.
نىشاندىن ئايرىلسا ھەممە ئۆنۈمسىز،
مەيلى،شۇ ھاياتقا ماس مەن دېمە .
2011-9-13 ئۈرۈمچ copyright by www.iz.la
س.ئا.ئۇيغۇرى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!