ساڭا بەخىت تىلەيمەن

ۋاقتى:2011-09-13 20:56مەنبە: يوللىغۇچى:ھەسەن جان چېكىلىشى:قىتىم
   سەن كەتتىڭ . يۈرۈكۈمنى يەنە بىر قىتىم ئاچچىق ئازاپ ، ئۈكۈنۈش ، ھەسرەت - پۇشايمان بىلەن ئۆرتەپ ، ماڭا ئۆمۈرلۈك ھىجراننى ئارتىپ ، مەغرۇرلارچە قەدىملىرىڭ بىلەن  خوشمۇ دىمەي كەتتىڭ . قېنى ماڭا بەرگەن ۋەدە - قەسەملىرىڭ ؟ قېنى مەن كۈتكەن شىرىن كۈنلەر ؟
كىتىۋاتىمەن . ھارغىن ھالسىز قەدەملىرىم بىلەن  ئۈنسىز - ئۈمۈتسىز كىتىۋاتىمەن . چانىقىمغا سىغمىغان ئاچچىق ياش مەڭزىمنى يۇيۇپ ئاستا - ئاستا سىرغىماقتا !!!
سىنى بارلىقىم بىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيگەن ئىدىم . سىنى ياخشى كۈرەتتىم . سىنىڭسىز ھاياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم . سەن مىنىڭ ، بەخىتم ، شاتلىقىم ، ئارمىنىم  ئىدىڭ . ئىز تورى www.iz.la
ئايلىنىپ كونا جايغا كەلدىم . بىز تالاي كېچە ئايلانغان چىغىر يول ئاچچىق تولغانماقتا .  بىز سۇ چېچىشىپ ئوينىغان ئۆستەڭ سۈيى ئەلەم بىلەن ئۈكسىمەكتە . بىز سايىدىغان ، كەلگۈسىمىز توغرىسىدا تاتلىق خىياللارنى سۈرگەن مەجنۇنتال خۇرسىنماقتا . بىزنىڭ سۆيگۈمىزگە گۇۋا بولغان تۇلۇنئاي ، لەۋلىرى تاتارغان ھالدا باش چايقىماقتا . چاچلىرىڭنى لەرزان ئۇچۇرغان ، بىزنى شىرىن تۇيغۇلار قوينىدا ئەللەيلەتكەن ئەركە شامال ئاچچىق تىترىمەكتە . دوسلىرىمنىڭ ئۈنى چۈشۈپ ، دۈشمەنلىرىم مەغرۇر چۇقان سېلېشماقتا .
ئويلىماپتىمەن . سەندىن ئايرىلىپ قېلىشنى ، مىنى بۇنچىلا ئازاپ بىلەن تاشلاپ كىتىشىڭنى پەقەت ئويلىماپتىمەن . مىنىڭ غەمسىز كۈنلىرىمنى بەربات قىلىپ ، ئۈمۈت گۈللىرىمنى چەيلەپ  ، مەغرۇر قەددىمنى سۇلدۇرۇپ ، يۈرۈكۈمنى چۇل - چۇل قىلىپ كىتىپ قېلىشىڭنى  . سىنىڭ بۇنچىلا باغرى تاش ۋاپاسىزلىقىڭنى ئويلىماپتىمەن . ئىز تورى www.iz.la
ئاشۇ كۈن  سەن كۆز ئالدىمغا باشقا بىراۋنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقان ،  بېشىڭنى مۈرىسىگە قۇيۇپ ئالدىمدىن ئۆتكەن چېغىڭدا ، مەن بارلىقىمنى يوقاتتىم . يەر شارى گۇيا ئۆز ئۇقىدا توختاپ قالدى . كۆزلىرىم بۇلارنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بۇلۇپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئۈمۈت قىلدىم . ئەمما بۇ بىر رىئاللىق ، مەن ئەڭ قورقىدىغان پەقەت ئۈمۈت قىلمايدىغان رىئاللىق ئىدى . چىدىمىدىم . كۆزلىرىمدىن  ئازاپ - ھەسرەت كەلكۈنى كۆز ياش بۇلۇپ تۈكۈلدى . پۈتۈن بەدىنىم ھالسىزلىنىپ تۇرغان ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ قالدىم .
شۇندىن بۇيان  ھايات مەن ئۈچۈن مەنىسىنى يوقاتتى . ئۆزەمنى تاشلىۋەتتىم . نۇرىنى يوقاتقان كۆزلىرىم ، چۈشكۈنلۈككە تولغان چىرايىم ، ئۈسۈپ كەتكەن ، ئېلېنمىغىلى خېلى بولغان چاچ - ساقاللىرىم . كىر پۇرلاشقان  كىيىملىلىرىم ... ئاھ ... خۇدا !!! مەن ساڭا نىمە قىلغان بولغىيتىم ؟ نىمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسەن ؟ ئۇنىڭسىزمۇ يۈرۈكۈم  قان - قان ئىدىغۇ ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەن ئامراق ناخشىلارنى ئاڭلىدىم . سەن ياقتۇرىدىغان كىتاپلارنى ۋاراقلىدىم . سەن بىلەن چۈشكەن سۆرەتلەرنى ئۈكسۈپ - ئۈكسۈپ تۇرۇپ باغرىمغا باستىم . ھەسرەتلىرىم يەنە دۇلقۇنلىدى .
ئاڭلىسام توي قىلماقچى بۇپسەن . بۇنى بىلگەن چېغىمدا ئارقامغا يىقىپ چۈشۈشىمدىن  ئۆزەمنى ئاران تۇتىۋالدىم . ئەمدى سەن ماڭا تەئەللۇق ئەمەسسەن . مەن تۇتقان قوللىرىڭنى ئەمدى باشقا بىراۋلار تۇتىدۇ . مەن پۇراپ قانمىغان چاچلىرىڭنى ئەمدى باشقا بىراۋلار سىلايدۇ . مىنى مۇھەببەت ئالىمىگە باشلاپ كىرگەن شەھلا كۆزلىرىڭ ئەمدى باشقا بىراۋلارنىڭ ئالىمدە ...مەن قۇچاغلىغان تەنلىرىڭ ئەمدى باشقا بىرىگە مەنسۇپ . يەنە چىدىمىدىم . باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىر يېغلاڭغۇ يىگىتكە ئايلاندىم . تاشلىۋەتكىلى ئۈچ يىل بولغان تاماكا ئۇزۇن تۈنلەردىكى بىردىنبىر ھەمرايىمغا ئايلاندى . ئاچچىق ئىسنى ھەر - بىر پۈۋلىگىنىمدە ، ۋۇجۇدۇم ئاشۇ ئىسقا ئوخشاش تولغاندى . دوسلىرىمنىڭ تەسەللىلىرى  ماڭا كار قىلمىدى . ئۆيگە يالغۇز بىكىنىۋېلىپ خىياللارغا غەرىق بولغىنىم بولغان ...
www.iz.la

بۈگۈن ماڭا ئۇچۇر قىلىپ « بەخىتلىك بۇلۇڭ . تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن باشلاڭ » دەپسەن . ئېيتقىنا قانداق باشلايمەن ؟ قانداق بەخىتلىك بۇلىمەن ؟ مىنىڭ بەخىتىم سەن ئەمەسمىدىڭ ...
ئۇزاق ناھايىتى ئۇزاق ئويلاندىم . تاماكىنى ئەلەم بىلەن چىكىپ ئولتۇرۇپ ، دۈم يېتېۋېلىپ ، كومپىيوتىرىمنى ئېچىپ ، ياڭراتقۇنىڭ بار ئاۋازىنى ئېچېۋېتىپ ناخشا قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلاندىم . سەن ئەسلى مىنى ئەزەلدىن ياخشى كۈرۈپ باقماپسەن . مىنى بۇرۇنتىنلا ئالداپ كەپتىكەنسەن . سەندە ۋاپا  - ساداقەت مەۋجۇت ئەمەسكەن . سەن مىنىڭ سۈيۈشۈمگە ، قەدىرلىشىمگە ، ياش تۈكۈشىمگە ئەرزىمەيدىكەنسەن .
قاياقتىندۇر بىر سادا ئاڭلاندى : بولدى بەس بىپەرۋا! ئۈكسۈشلىرىڭنى قوي . ئاچچىق ياشلىرىنىڭنى سۈرتىۋەت . ھايات يەنىلا گۈزەل . دۇنياغا ئۈمۈت بىلەن قارا . ۋاپاسىزلار  ئازاپ چىكىشكە ئەرزىمەيدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئورنۇمدىن تۇردۇم . كومپىيوتىرىمدىكى بارلىق سۆرەتلەرىڭنى ،  تېلىفۇنۇمدىكى ئۇچۇرلىرىڭنى  پاك - پاكىز ئۈچۈرىۋەتتىم . ئەمدى سىنى ئويلاپ ئاۋارە بولمايمەن . سەن ئۈچۈن ئازاپ چەكمەيمەن . تەڭرىگە  ، سەندىن - سەندەك بىر ۋاپاسىزدىن بالدۇرراق قۇتۇلغانلىقىم ئۈچۈن ، ھەمدۇ - سانا ئېتىمەن . لىكىن كەچۈر ! ساڭا بەخىت تىلىيەلمەيمەن .
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(12)
92.3%
ئالقىشلايمەن
(1)
7.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • مۇڭسىرغان يۈرەك

    ھەجەپ كۈنلەر كەلدى بىشمغا ، دەرتلەر چۈشتى غەمسىز بۇ باشقا ، كۆزۈم تولدى ھىجرانلىق ياشقا، يالغۇز قالدى مۇڭسىرغان يۈرەك. كەتتى توزۇپ بىغۇبار غۇنچە ، ئون سەككىزنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ، تالاي قىستى ئاسىيلىق شۇنچە ، يالغۇز قالدى مۇڭسىرغان يۈرەك. ئەلەم بولغاچ بۇ كۈل...

  • شاپاق قىزغا

    غىرىپ بولدۇم سۆيۈپ بىرسنى ، چۈشەنمىگەچ سنىڭ قەلبىڭنى ، ئالداپ كەپسەن مىنى نەچچە رەت، ماڭا بەرگەن قەسەملىرىڭ قىنى . كۆڭلۈڭ شۇنداق ئونۋىرسال كۆڭۈل، ھەممىگە بىرىپ تۈگمەس كۆڭۈلنى ، ئۆزۈڭچە چىرايىڭ ئاي،چاچلىرىڭ سۇمبۇل، ئەمدە شاخىڭغا قونۇپ سايرىماس بۇلبۇل. نەچچ...

  • ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە

    ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى بىر چەمبەرگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇنىڭ مەركەزدىن قېچىش دەرىجىسى مەڭگۈ نۆل. ساڭا بولغان سېغىنىشىم بولسا دەۋرىي سانغا ئوخشايدۇ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدۇ. نۆل ۋېكتورنىڭ يۆنىلىشى چەكسىز كۆپ بولالىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنلىقى پ...

  • ئۆتەڭ دۇنيادا

    سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھمۇ ؟ سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھ بولسا مەن بۇ ھاياتتمىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنى ۋە ئەڭ ئەخمەق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلمەن ... سەن بىلەن ۋىسالىمغا يىتىش بۇ ئۆتەڭدۇنيادىكىئەڭ چوڭ ئارۇزۇلىرىمنىڭ بىرسى....... ساڭا بولغان پاك مۇھەبتىنم بۇ ئۆتەڭ...

  • خىلۋھ ت سۆيگۈ (ئىمكان)

    خىلۋەت سۆيگۈ مەن يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چاغدا ئارزۇيۇمدىكىدەك كومپىيوتېر تور خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشتىم، بىكار چاغلىرىمدا تور ئارىلاپ تۇراتتىم، بىر كۈنى بىر مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەسەرگە قىززىقىپ قالدىم، بۇ قىزىقىشنىڭ ئاخىرىدا مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغى...

  • مـــەۋھــۇم سۈكــــۈت

    داستىخان راستلاپ سۈكۈتتىن چىللىغان نامەرد ئۆزۈڭ، يوق ئىكەن بۇغداي نېنىڭمۇ ،يوقمىدى بۇغداي سۆزۈڭ؟ كۆزلەرىڭگە تەلمۈرۈپ ئاۋارە بولدى دېققىتىم ، نەئۈچۈن مۈشكۈل مۇئەمما ياغدۇرار بىرجۈپ كۆزۈڭ؟ كەپتىمەن ھۆسنۈڭدىكى مەۋھۈم سۈكۈتكە ئۈلگۈرۈپ ، ھېچقاچان مۇنداق پەرىشا...

  • ئازاپلىق سويگۈ

    1...

  • سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ(ئابىدە)

    ئۆخشار ئىدىم قاينام بۇلاققا، ئۆخشاپ قالدىم ئوكيان دىڭىزغا، شۇنداق تىنىچ ياشىدىم نىمىشقا؟ سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ. يۇلتۇزلا گەر تۇرسىمۇ ماراپ، ئۆتەر كۇنۇم ئايغىلا قاراپ. بۇ ھالىم ساڭا قالارمۇ ياراپ. يۇرىكىم بۇچۇق، دەرتلىرىڭ تالاپ. ئۇيىلىمەن تىكىلىپ قا...

  • ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش

    ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش...

  • قىزنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل

    مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز تەتىلدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەنۇبتا بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن پۇلدار مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشلەر ئىكەن. قىز ئۇ يەرگە بېرىپ شۇنچىلىك خۇشال - خۇرام ۋە بەختىيار ئو...