ئانىجان
(شىئىر)
ئەقىدەڭنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايمەن ئانىجان ،
ساڭا كۆيگەن باغرىمنى سوۋۇتمايمەن ئانىجان .
پۇتلىرىڭنى كۆيدۈرگەن تومۇزلارنى تىللايمەن ،
كۆزۈڭ چۈشكەن گىياھنى قۇرۇتمايمەن ئانىجان .
قوناق يايغان ئۆگزەڭنى قويمىساڭمۇ تاپىلاپ ،
دانلىرىڭنى قۇشلارغا چوقۇتمايمەن ئانىجان .
"ئاناڭ يامان "دېگەنلەر قۇرۇپ كەتسۇن ئىلاھىم ،
شۇ ساۋاقتا كۆڭلۈمنى ئوقۇتمايمەن ئانىجان ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۈلۈپ قويساڭ "بالام"دەپ ، جان ۋەجاھان شۇ ماڭا ،
تەمەيىمگە باشقىنى يۇقۇتمايمەن ئانىجان . ھ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن