قايتا ئۇچۇرشىش
بەلكىم تەڭرى شۇنداق بۇيرۇغان،
مىنى سىنى قايتا كۆرسۇن دەپ.
بەلكىم شۇنداق ئۇچراشقاندىمىز،
ئۆچكەن ئوتلار قايتا كۆيسۇن دەپ.
كۈيۈش نىمە كۆيدۈرۈش نىمە ،
بىلمەس چاغدا كۆيۈشكەن ئىدۇق.
ئاشۇ تەنتەك بالىلىق چاغدا ،
بىز بۇرۇنلا سۈيۈشكەن ئىدۇق. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆتۈپ كەتتى نەچچە ئون يىللار،
قاباھەتكە پاتتى چۈشۈمىز.
تۇيۇقسىزلا ئۇچراشتۇق بۈگۈن ،
تېڭىرقاشتا ۋىسال قۇشۇمىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۆزلۈرۈمگە قارپباق مىنىڭ ،
تالاي يىلنى مۇڭ باسار بەلكىم.
چۈشلۈرۈڭدىن ئىزدەپ باق مىنى،
گۈل بۇيۇڭغا گۈل ئاسار بەلكىم.
بۈگۈن شۇنداق قايتا ئۇچراشتۇق ،
بۇ ئۇچۇرشىش ئەبەدىل بولسۇن.
ھويلىمىزدا ياۋا دەرەخلەر ،
ئەمدى شىرىن مىۋىگە تولسۇن.
www.iz.la
ئىلياس يۈسەن
2011-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنى
باي بازىرى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور