شۇنداق بىر كۈن چىقماس پەقەت ئېسىمدىن ،
تويۇم بولۇپ بوسۇغاڭدىن ئۆتكەندە .
ئىللق سېزىم ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى،
مىھرىڭ بىلەن پېشانەمدىن سۆيگەندە .
كېلىن بۇ دەپ مەندىن كۆڭۈل ئايرىما ،
قىزىڭ كەبى پارەڭ بولۇپ ئۆتكۈم بار .
غەملىرىڭگە ھەمدەم بولۇپ ھەر نەپەس ،
ئاياغىڭدا خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈم بار .
پەرزەنت ئۈچۈن جاپا چەكتىڭ بىر ئۆمۈر ،
بىكار بولسام تۇتۇپ قوياي پۇتۇڭنى ،
خىجىل بولما جېنىم ئانا مەنمۇ قىز ،
مېھرىم بىلەن يۇيۇپ قوياي بويۇڭنى .
ئۆيۈم ئۈچۈن جېنىم پىدا جان ئانا ،
بۇلار ئۈچۈن قاتۇرمىغىن بېشىڭنى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۇتۇپ كېتەي گۈلدەك قىلىپ ئۆيۈمنى ،
غەم ئىچىدە ئاققۇزمىغىن يېشىڭنى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!