باھاردا ئېچىلار خۇشپۇراق گۈللەر،
سۆيگۈگە ھەمراھتۇر سۈكۈت ۋە تۈنلەر.
ساداقەت ۋاپادىن كۆكلەيدۇ سۆيگۈ،
ئۆز يارىڭ ھەر ۋاقىت بىر سىنى كۈيلەر.
سۆيگۈنى خارلىما كېلىدۇ خارلىق،
ئۇ ئەمەس ۋە ياكى قاردىكى قارلىق.
ھەۋەستىن چىن سۆيگۈ شامى ئۆچىدۇ،
سۆيگۈدىن كۆكلەيدۇ مەۋجۇدات بارلىق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىشەنچنى ئىشەنچ بىل سۆيگۈنى ۋاپا،
ئۆز سۆيگەن يارىڭغا سالمىغىن جاپا.
ئۆزگىنىڭ كۆزىگە قارىساڭ ئۇزاق،
بىلمەستىن يارىڭنى قىلىسەن خاپا.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق