ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى قىممەت

ۋاقتى:2010-08-06 15:27مەنبە: تەھىرىر:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  

مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى قىممەت

ئىز تورى www.iz.la

ئىز تورى بەك ياخشى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئىز تورى بەك ياخشى

بىز قەدىمكى يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى كەنجى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆپ قىرلىق، كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بىلەن راۋاجلانئ غان مىللەتلەر قاتارىدا گۈللەپ راۋاجلىنىش قىممىتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال (ئومۇملاشقان) ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان رىقابەت ئىقتىدارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ۋاھالەنكى، پۈتۈن ھاياتىي كۈچ ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىشىش، مۇجەسسەملىشىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان بۇنداق ئۇنىۋېرسال رىقابەت قىممىتى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن، ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن، ھەر بىر مەملىكەت ئۈچۈنمۇ ئاساسلىق ھايات ۋە قابىلىيەت دەرىجىسىدۇر. ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىممونىتېت ھالىتى، مىزاج-خىلىتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مۇجەسسەملىشىپ، بەدىنىنى ئوراپ تۇرغان نۇر چەمبىرىكى --«ئائۇرا» جىلۋىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆتمۈش تارىخى ئەمەس، ھازىرقى ئائىلە-جەمئ ئىيەت-مىللەت ئەھۋالى، مەنىۋىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار ھالىتى ئۇنىڭ ھاياتىي سۈپەت ئىقتىدارىنى، رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت كۈچلىرىنى قىسقىسى، ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارىغا مەركەزلىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، يەر يۈزىدىكى نەچچە مىڭلىغان مىللەتنى، تارىختا نامى ئۆچكەن ياكى ھاياتىي ئىقتىدارىنى نامايەندە قىلغان مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچەيدىغان، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە «پال» ئاچىدىغان بىرلا مىزان بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  copyright by www.iz.la

ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەيلى ئۇ تۇغما قابىل ياكى ساھىبجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم-پەن، سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسىي ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر-قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ-قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈمنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس رەقدىرىنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورى www.iz.la

ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. ئۇلار: «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت»تىن ئىبارەت.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 

copyright by www.iz.la

«ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» دېگەندە، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بويىچە ئۆلچىگەندە، مىللەتلىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز. ئۇيغۇرلار ئۆز تىل-يېزىقى، تارىخى، فولكلور بايلىقى، مائارىپ سىستېمىسى، مۇقام-مەشرەپ خەزىنىسى، كىلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى، توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم يوسۇنلىرى، مىللىي مەدەنىيەت ئىرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز. ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىرقاتار ئىللەتلەر، دەل مۇشۇ مۇقامغا يەتكەنلىك، ئەمما ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر. كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار-نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلىسمۇ، ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىش، راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ. مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارشى سۆز-چۆچەككە سېلىش مۇمكىن. مانا بۇ گۇماندا بولۇپ، ئىشەنچتە بولماسلىق، غەزەبتە بولۇپ ئەقىلدە بولماسلىقتۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورى بەك ياخشى

«ئىجتىمائىي مىللەت» دېگەنلىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىئىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر. ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق، ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ، بۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن. ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى، ئاڭلىق ئەنئ ئەنىۋىي مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈكلىرى، زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئاللىقانداق ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكارتەلەپ لايغەزەللىك، تەلۋىلەرچە ھەشىمەتخورلۇق، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئىتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئىتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا چەتلەشكەن. بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرخاھلىق-تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى.

ئىز تورى www.iz.la

 

ئىز تورى www.iz.la

«سىياسىي مىللەت» دېگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى، «ئىجتىمائىي مىللەت» كاتېگورىيىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى سىياسىي سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىمىغان. «سىياسىي مىللەت» ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى مىللىي-ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت، مىللىي ئاڭ ۋە بىرلىك ھەمدەملىككە، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بىرقاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئۇلار يالغۇز پەن-تېخنىكا، تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋىي تەسىر قوزغاپ قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش، تۇرمۇش مەدەنىيىتى جەھەتتىنمۇ باشقا خەلقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان. www.iz.la

  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئۇلار ئۆز مىللىي تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىغان. ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي مىللەت، «تەبىئىي مىللەت» چاغلىرىدىكى غەيرىي ئىنسانپەرۋەر، غەيرىي مەدەنىي ئىللەتلىرىنى ئاشكارا، سىستېمىلىق تەنقىد-مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇنئ غان. بۇ ھەقتە ئەسەرلەر نەشر قىلغان، كىنو-فىلىملەر ئىشلىگەن؛ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇلار نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىزدىنىشىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. توپلىشىپ ياشايدىغان ياپونلار بىلەن تارقىلىپ ياشاش ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارغا نەزەر سالساقلا كۇپايە. ياپونلار كىچىككىنە ئۈنۈمسىز، تاغلىق ئارالنى ماكان قىلغان، مەدەنىيەت تارىخىغا خېلىلا كېيىن قەدەم قويغان مىللەت. ئۇلاردىكى ياشاش رىقابەت كۈچى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللەتنىڭ قاتتىق ھەمدەملىكىگە شۇ قەدەر زىچ مەركەزلەشكەنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىگە مىللىي نومۇس-ئىپتىخارىنى ئۆلچەم قىلغان. ئۇلار خەلق ئىگىلىكى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈمدارلىق مۇمكىنلىكى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغان. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يەھۇدىيلارمۇ شۇنداق خەلق. ئۇلار تارىخىي ھادىسىلەر سەۋەبىدىن چەت ئەللەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، نەدە تۇرمۇش پاراۋان بولسا شۇ يەرگە ئۆزىنى ئاتماي، يەنىلا كىچىككىنە بولسىمۇ، ئانا زېمىنى ئىسرائىلىيىگە تەخىرسىز توپلىنىپ، تېز ئارىدا كۈچلۈك رىقابەت قۇدرىتىگە ئېرىشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

ئىز تورى بەك ياخشى

ئەلۋەتتە، بىرىنچىدىن، ھازىرقى بۇ ئۈچ خىل مىللەت كاتېگورىيىسى تۇغما ياكى ئۆزگەرمەس قېلىپتا قۇيۇلغان ئەمەس. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يېتىلىش تارىخىدا بۇ پەللىلەرنى بېسىپ ئۆتۈشى ياكى چېكىنىپ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدىكى يۇقىرى كاتېگورىيىدە تۇرغان مىللەتمۇ تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلار، بۆھران ۋە زىلزىلىدىن خالىي ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى كامالەتكە يۈزلىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مانا، ھازىرقى جاھان مىللەتلىرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، تۇرمۇش رىسقى، يۈز-ئابرۇيى، مەتبۇئات نوپۇزى، تونۇلۇش دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا! مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  ئىز تورى بەك ياخشى

مانا ئەمدى ئۆزىمىزگە قايرىلىپ قاراپ باقايلىچۇ! ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 

ئىز تورى www.iz.la

ئۇلۇغبېك پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىپ-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆرۈنگەن ئالەمشۇمۇل ئالىملار چىقمىدى، مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىنبىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتېگورىيىسىدىكى «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى»، «شېئىرىيەت مىللىتى» بولۇپ قېلىۋەردۇق. بوياقچىدىن ئارتۇقراق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سەنئەتتە داڭق چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كېزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، جەڭ-جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

«شېئىر مىللىتى» دېگەن نام بىلەن «تالانتلىق»، «ئاتاقلىق» ئىبارىئىرىگە مەست بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمىز نېمىشقا مىللىتىمىزنى «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»تىن ھېچبولمىغاندا «ئىجتىمائىي مىللەت»لىك مۇقامىغا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆردۇقمۇ؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  ئىز تورى www.iz.la

ھەممىگە مەلۇم، ئۇلۇغبېك پاجىئەسىدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ نوقۇل «كەتمەن بىلەن ھوسۇل»، «ناماز بىلەن غۇسۇل»، «دۇتار بىلەن ئۇسسۇل»دىن ئىبارەت بارى-يوقى ئۈچلا شادىلىق پىرقىرىما چاققا بەند بولغان مىللەت ئەمەس ئىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  copyright by www.iz.la

قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ-ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە-مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە-ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلق يەنىلا كونا مۇقامغا يورغىلىسا، ئەسر ئالماشقان بىلەن ئۇنىڭ رىسقى نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يېقىنقى بەش ئەسر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن، مۇرت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

يېقىنقى بەش ئەسردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت-مۇخلىسلىق پىرقىۋازلىقى، يۇرتۋازلىق-مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ-بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل-دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسئۇلىيەتسىز پىتنە-ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

گەرچە تارىخىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق سەھىپىلىرى بىر-بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، ئەمما بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇيۇشقاقلىق ئۇلىدا جىلۋىلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار دىغار، ھون، تېلې قەبىلىلىرى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنى بىرلەشتۈرۈپ جۇجان ۋە كۆكتۈرك خانلىقىنى غۇلىتىپ، تاڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىنى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن قوشۇنلىرى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ تالاڭ قىلغۇچ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىپەك يولىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈپ قويغان كۈچلەرنى تازىلاپ، سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىپ، ئۆز تىلىنى ئىمپىرىيە تىلىئەرەب تىلى بىلەن «بەيگىدىكى ئاتتەك» مەرتىۋىگە كۆتۈرۈپ، ئىچكى ئۇيۇشۇش ۋە سىرتقا قارىتا بىرلىك-ھەمدەملىكنىڭ شاراپىتىنى نامايىش قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى چېكىندۈرگەن، چىڭگىزخان سەلتەنىتىگە مەنىۋىي ئوزۇق بېغىشلىغان بۇ خەلق كېيىنچە، ئەھمەتشاھ قاراقاشى غەزىلىدىكى «ئات» ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىز تورى بەك ياخشى

بىلىشىمىز كېرەككى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بىزگە ئەقىل-ئىدراكىمىزدىن باشقا ھېچقانداق خىزىر رەھنەما ئەمەس! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىز تورى بەك ياخشى

(«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» گېزىتىدىن ئېلىندى) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...

  • دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەر

    ماشساررا دەرىخى ، ئامېرىكا نېرۋانا شىتاتى 4800 يىللىق تارىخقائىگە سەئىد ئاباكۇ دەرىخى ئىران 4000 يىل باتاگونىيا دەرىخى چىلى 3600 يىل Jardine Juniper قارىغاي دەرىخى ئامېرىكا يۇتا شىتاتى 3200 يىل پاترىياك فلورېستا دەرىخى برازىلىيە 3200 يىل ئاق ئات دەرىخى سى...

  • ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەرلەر

    ئەنگىلىيە ئەينەك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2010-يىللىق دۇنيادىكى ئولتۇراقلىشىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان (ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئەڭ ياخشى)شەھەرلەر تىزىملىكى : 1. ميۇنخېن 2. كوپىنھاگېن 3. سيۇرىخ 4. توكيو 5. خېلىنىسكىي 6. ستوكھولىم 7. پارىژ 8. ۋېنا 9. مىلبۇرن 10 ....

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ خەتەرلىك قۇرۇلۇش

    1. ئىتالىيىدىكى پىسا يانتۇ مۇنارى 2. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاستانە دەرۋازىسى 3. گوللاندىيىدىكى ۋوزوك تۇرالغۇسى 4. گرىتسىيىدىكى بوشلۇق ئىبادەتخانىسى 5. ياۋروپا دەرۋازىسى ئىسپانىيە مادرىد 6. روسىيىدىكى ؟ ؟ ؟ 7. ئاسترا بىناسى گېرمانىيە ھامبۇرگ 8. تاكاسۇك...

  • دۇبەيدىكى ئاپتوماتىك ئالتۇن ئېلىش ماشىنىسى

    ...

  • سەئۇدىي ئەرەبىستان ئالاھىدە قىسمى

    ...

  • ئوبامانىڭ نۇتقى نېمىدىگەن زېرىكىشلىك ؟!

    يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مېچىگان شىتاتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ، زۇڭتۇڭنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى (ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭدا)باشتىن-ئاخىر مۈگدەپ ياكى ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بىغەم بالادېگەن نام بىلەن توردا بىر...

  • 12ياشلىق تورىئادور بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدە ئۆلگىلى تاس قالدى

    كىچىك تورىئادور بۇقا ئوينىتىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە 400 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بۇقا ئۇنى ئۇچلۇق مۈڭگۈزى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۈسىۋەتكەن ......

  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت گېلەم 20 مىليون دوللارغا سېتىلدى !

    شۇ ......

  • دۇبەي خان جەمەتىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى

    ھامىدىن دۇبەينىڭ ھازىرقى خەلىپىسى شەيخ بىن رەشىدنىڭ 2-ئوغلى بولۇپ ، 2008-يىلى تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلگەن . ئۇنىڭ جەمئىي 17 قېرىندىشى بار، ئۇلارمۇ خۇددى ھامىدىنغا ئوخشاشلا بىر-بىرىدىن چىرايلىق ۋە كېلىشكەن ......

  • دۇنيادىكى 10 چوڭ دېڭىز ئاستى خارابىلىقى

    لوپنۇر-نىيە خارابىسى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ......

  • سىگانلارنىڭ توي مۇراسىمى

    سىگان قىزى تويىدا ......

  • دۇنيا تاماكا چەكلەش كۈنى __ تاماكىڭىزنى ئۆچۈرۈڭ !

    3-ئاينىڭ 31-كۈنى 23-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى (تاماكا چەكلەش كۈنى) بولۇپ ، بۇ يىلقى تاماكا چەكلەش كۈنىنىڭ تېمىسى ئاياللار ۋە تاماكا __ ئاياللارغا تاماكا سېتىشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت . تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر خىل ئاستا خارەكتېرلىك يا...