دۇنيادىكى خىلمۇ - خىل تاشيوللار ئىز تورى بەك ياخشى
بىز ئادەتتە كۆرۈپ كېلىۋاتقان تاشيوللار قۇم - شېغىللىق يول ، سېمىنۇت يول ۋە ئاسفالىت يوللاردىن ئىبارەت . لېكىن ھازىرقى دۇنيادا بەزى دۆلەتلەردە كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان تاشيوللار بارلىققا كەلمەكتە . بۇ يوللارنىڭ كۆپلىگەن ئەۋزەللىكى بار . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كاۋچۇك يول . كانادادا بىر خىل كاۋچۇك يول بار . بۇ يول كاردىن چىققان بالۇن ۋە بىراك رېزىنكە ماتېرياللارنى پىشىشىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق كاۋچۇك دانچىللىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا قارا ماي ئارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تاشتىن ئۈستىگە يېيتىش ئارقىلىق ياسالغان . يول يۈزى ئىلاستىك ، سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇپ ، يازلىغى قۇياش ئىسسىغاندا يۇمشاپ كەتمەيدۇ . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
چىمەن يول . چەتئەللەردىكى ئېنژېنېر - تېخنىك خادىملار بىر خىل چىمەن يولنى سىناق تەرىقىسىدە تەتقىق قىلماقتا . ئۇلار بىتون ئۈستىگە ئاستىدىكى توپا قاتلىمىنى يەتكۈزۈپ نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تۆشۈكلەرنى تېشىپ ئۇنىڭغا ئوت - چۆپ تېرىدى . ئۈنۈپ چىققان ياپ - يېشىل مايسىلار ماشىنىلارنىڭ بېسىپ ئۈتىشىدىنمۇ ھەم ئادەملەرنىڭ دەسسىشىدىنمۇ قورىقمايدۇ .
سولياۋ يول . نورۋېگىيىنىڭ پايىتەختى ئوسلونىڭ ئەتراپىدا سولياۋ يېپىلغان تاشيول ياسالدى . بۇ يولنىڭ ماتېريالى 3 ديۇيىم قېلىنلىقتىكى پولىستېرىن كۆپۈك سولياۋ خىشتىن ياسالغان . سولياۋ تاشيولنىڭ ۋەزىنى يېنىك بولۇشتەك ئالاھىيدىكى بولغانلىغى ئۈچۈن ، يول ھۇلى ئاستىدىكى قۇرۇلمىلارنىڭ تۇراقلىق بولماسلىغى تۈپەيلىدىن يول ھۇلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئازايتىپ ، يولنىڭ ئىشىلتىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتىدۇ .