ئىز تورى

بىز جان - جىگەر دوست بولالامدۇق ؟

ۋاقتى:2010-06-10يوللىغۇچى: ugunux چېكىلىشى:958قىتىم

                                                                    بىز جان - جىگەر دوست بولالامدۇق  

ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەر ھامان بېر- بېرى بىلەن دوستلىشىپ ئۆتىدۇ . دوستسىز ھايات خۇددى تۇزسىز تاماققا ئوخشاش

مەنىسىزدۇر . دوستلۇق قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەتتىن قالسىلا مۇھىم ئورۇندا تۇردىغان بىر خىل كىشىلىك مۇناسىۋەت . بۇ مۇناسىۋەت قىزغىن ، ئىشەنچلىك راۋاجلانسا ، ئۆگىنىش ، خىزمەت ، تۇرمۇش ۋە ئالغا ئىلگىرلەشكە زور ياردەم بولىدۇ . ئەكسىنچە بولغاندا ، كىشىلەرگە چۈشكۈنلۈك ، ئازاپ ۋە روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ - دە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ . دوستلۇقتا ياش ۋە جىنىس پەرقى چەكلەنمەيدۇ . پەقەت ئورتاق بىر دۇنيا قاراشقا ئىگە بولغان ، بىر - بىرىگە ئىشەنچلىك بولغان كىشىلەرلا دوستلۇق ئورنىتالايدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇق ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ . بىر خىل دوستلۇق ئادەتتىكى دوستلۇق ، يەنە بىر خىل دوستلۇق جانجىگەر دوستلۇق . ئالدىنقىسى پەقەت يېقىنراق ئارلىشالايدىغان ، ئۆز- ئارا مىجەزى قاملىشالايدىغان ، چۈشىنشەلەيدىغان ، پىكىرداشلار ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ، كېيىنكى دوستلۇق بەكمۇ نازۇك ، قىزغىن دوستلۇق بولۇپ ، ئىنتايىن مۇھىم دوستلۇق ھېساپلىنىدۇ .
            ئادەتتە ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بىر ياكى ئىككى جانجىگەر دوستى بولىشى كېرەك . بۇنداق دوستلۇق ئىنتايىن ئالىجاناپ بولۇپ ، بۇ دوستلار ھەرقانداق كىشىگە ، ھەتتا ئاتا- ئانىسى ، قېرىنداشلىرغا دىيەلمەيدىغان سىرلىرنى ۋە ئوي- پىكىرلىرنى بىر- بىرىگە ئېيتالايدۇ ۋە بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ . بۇ خىل دوستلۇق  بىر- بىرىدىن ھىچنىمىسىنى ئايىمىغان ، بىر- بىرىنى ئەپۇ قىلالايدىغان ، ئېغىر كۈنلەردە بىر- بىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان ، بىر- بىرىنى داۋاملىق سېغىنىدىغان ، بىر- بىرىنىڭ جاپالىق ئىشلىرنى ئۆزىنىڭ دەيدىغان ، ۋاقتى كەلسە بىر- بىرى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان كىشىلەر ئارىسىدىلا بولىدۇ .
              دوستۇم ، بىز ھەقىقىي جان- جىگەر دوستلاردىن بولۇپ قالالامدۇق ؟
             ئەلۋەتتە جان -جىگەر دوستلاردىن بولۇپ قالالايمىز . ئالدى بىلەن ھەر كىم دوستلاشماقچى بولغان ئوبىيكىتنى مۇۋاپىق تاللىشى كېرەك . ئەتراپلىق كۈزىتىش ، ئارلىشىش جەريانىدا چۈشىنىش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزگە ياقسا ، ئۇنى ھەقىقى دوست بولۇشقا تاللىسىڭىز بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا شۇ دوست بولغۇچى ئىشقا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلامدۇ ؟ ئۆز ۋەدىسىگە ۋاپا قىلامدۇ ؟ دىگەندەك ئىشلار گەرچە ئۇششاق مەسىلە بولسىمۇ لېكىن ھەقىقى دوستلۇقتا ئىنتايىن مۇھىم .
           يەنە بىرتەرەپتىن ، بەزىبىر كىشىلەر بىلەن دوستلاشماقچى بولسىڭىز ، ئادەتتە < ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسە تېگىدە مانتا يەيدىغان > ، نە ۋىجدانى ياكى ئېنىق مەيدانى يوق ، بىرەر كىشىگە ياخشىلىق قىلىشنى ياكى خوش قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ . سىز پەرىشان بولغاندا تەسەللى بېرىشنىمۇ ، نەتىنجە قازانغاندا ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىمۇ بىلمەيدۇ ، سىز ئىزدىمىسىڭىز سىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىمەيدۇ . بۇنداق كىشىلەر ھەقىقى دوستلۇققا ھەرگىز يارىمايدۇ ، ھەم ئۆزىمۇ ھەقىقى دوستلۇققا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ .
           دىمەك مەيلى ئادەتتىكى دوستلۇق بولسۇن ياكى جان- جىگەر دوستلۇق بولسۇن چۇقۇم شۇ دوستلۇق ئۈچۈن سەمىمىلىك ، ۋاپادارلىق ، كۈيۈمچانلىق ، پىداكارلىق بولۇش كېرەك .

جەمئىي 1 بەت/10پارچە ئۇچۇر

  • anzarx
  • ھەققەتەن ياخشى ئـكەن. مەن بـر دوستۇمفا پۇتۇن ۈۇجۇدۇم بـلەن ئەقـدە قـلفان ئـدـم.تۇلـمۇ ئەپسۇس ؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛قـيـن كۇنلەردە بۇرۇنقـدەك يەنـلا مـنـڭلا ئەقـدە قتلـشنى،تەشەببۇسكار بۇلۇشۇمنـلا كۇتۇپ يېقـن كەلمـدى.مەن ئۇ ئېغـر كۇنلەردە قالغاندا پەقەت يېنـدـن ئايرىلماي تەڭ يىغلىغان ئىدىم.قىلغان ئەقىدەمگە تۇلىمۇ ئۆكىنىمەن؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛يۇرىكىم يىغلايدۇ؛؛؛؛؛؛؛؛:9 بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-08-17

  • anzarx
  • ئادەمنىڭ جان جىگەر دوستىدىن بىرسى بولسا نېمە دىگەن زۇر بەخىت ھە دوسلار؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛دوستنى توغرا تاللاش تۇلىمۇ مۇھىمكەن. بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-08-17
جەمئىي 1 بەت/10پارچە ئۇچۇر
يىڭى تىمىلار