ئۈنچە-مارجان تۆكسەڭ كۆزۈڭدىن،
چىرايلىقى يوقكەن ئۆزۈڭدىن.
قاپاقلىرىڭ سالپايسا پەسكە،
قاچىدىكەن كۈلكە يۈزۈڭدىن.
غەزىپىڭدىن خۇدا ساقلىسۇن،
ھەم ساقلىسۇن نەشتەر سۆزۈڭدىن.
پۈتۈن كېچە چىقمىدىڭ ئەستىن،
ئىشتىياقىڭ ئەيلىدى مەستتىن.
سەن بىخەۋەر ئۇخلىغان بىلەن،
مەن پىراقتا ئۆلەتتىم تەستىن.
چاقچاق قىلغان ئوخشايدۇ دېمە،
بىر قىسمىلا بوپ قالدىم راستتىن.
مەي باغلاپتۇ گىلاستەك لېۋىڭ،
بىر تۇتاممۇ كەلمەيدۇ بېلىڭ.
پىشىپ قاپتۇ كۆكسۈڭدە ئالما،
ھېچ دېمەيسەن بىر چىشلەپ ئېلىڭ.
ئەمدى قانداق قىلىمەن دىلبەر،
يوقمۇ ماڭا سوۋغاتلىق مېلىڭ؟
كۆزۈڭدىمۇ ،يۈزۈڭدىمۇ ئوت،
بەستىڭدىمۇ ،سۆزۈڭدىمۇ ئوت.
ئوت ئىچىدە قالدىم نە قىلاي،
مەندىمۇ يا سېنىڭدىمۇ ئوت.
سۈيۈڭ يوقمۇ ئوتقا سەپكىلى،
يىغلاڭغۇ قىز كۆيدى بۇ ۋۇجۇد.......
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى
چىرايلىقى يوقكەن ئۆزۈڭدىن.
قاپاقلىرىڭ سالپايسا پەسكە،
قاچىدىكەن كۈلكە يۈزۈڭدىن.
غەزىپىڭدىن خۇدا ساقلىسۇن،
ھەم ساقلىسۇن نەشتەر سۆزۈڭدىن.
پۈتۈن كېچە چىقمىدىڭ ئەستىن،
ئىشتىياقىڭ ئەيلىدى مەستتىن.
سەن بىخەۋەر ئۇخلىغان بىلەن،
مەن پىراقتا ئۆلەتتىم تەستىن.
چاقچاق قىلغان ئوخشايدۇ دېمە،
بىر قىسمىلا بوپ قالدىم راستتىن.
مەي باغلاپتۇ گىلاستەك لېۋىڭ،
بىر تۇتاممۇ كەلمەيدۇ بېلىڭ.
پىشىپ قاپتۇ كۆكسۈڭدە ئالما،
ھېچ دېمەيسەن بىر چىشلەپ ئېلىڭ.
ئەمدى قانداق قىلىمەن دىلبەر،
يوقمۇ ماڭا سوۋغاتلىق مېلىڭ؟
كۆزۈڭدىمۇ ،يۈزۈڭدىمۇ ئوت،
بەستىڭدىمۇ ،سۆزۈڭدىمۇ ئوت.
ئوت ئىچىدە قالدىم نە قىلاي،
مەندىمۇ يا سېنىڭدىمۇ ئوت.
سۈيۈڭ يوقمۇ ئوتقا سەپكىلى،
يىغلاڭغۇ قىز كۆيدى بۇ ۋۇجۇد.......
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى