ئىسىم:
پارۇل:
كىرىش
تىزىملىتىڭ
پارۇل ئۇنتۇلغان؟
ئەزالار مەركىزى
TAGخەتكۈچلەر
بىكەت خەرىتىسى
RSSزاكاس
ئىز تورى
باش بەت
ئىز كۇلۇبى
ئىز مەھەللىسى
ئىختىساسلىقلار بازىرى
كىنو-فىلىملەر
سۈرەتلىك ناخشىلار
ناخشا-مۇزىكىلار
ئويۇنلار
پىسخىكا سىناق
تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
خەۋەرلەر
مەدەنىيەت
قانۇن ۋە ساۋاتلار
خىزمەت ئۇچۇرى
ئۆي-مۇلۇك ئۇچۇر
تورداشلار ئەسەرلىرى
ئوقۇ-ئوقۇتۇش
شىركەتلەر توپلىمى
ئىزدەش ماتورى
تور لۇغىتى
تورداشلار تىلەكلىرى
فوتو سۈرەتلەر
لاتارىيە قانىلى
يۇمشاق دىتاللار
كۆڭلۈمدىكى چىن سۆزلەر
يىڭى تىمىلار
ئاۋات تىمىلار
يىڭى ئىنكاسلىق تىمىلار
ئىز مەھەللىسى
ئەزا بولىمەن
كىرىمەن
باش بەت
تىمىلار رېتىگە قايتىش
مەنمۇ يوللايمەن
سۆيــــــــــــــــگۈنىمنىڭ تويى
ۋاقتى:
2010-06-09
يوللىغۇچى:
RAYIP
چېكىلىشى:
1073قىتىم
بىز ئالىي مەكتەپنى بىر سىنىپتا بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ پۇتتۈرگەن ساۋاقلاشلار ،مەكتەپتە ئوقوۋاتقىنىڭدا سەن قىزلارغا بەك ئامراق ئىدىڭ ،لىكىن مىنى بولسا ئەڭ يىقىن سىردىشىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ماڭا قايسى قىزنى ياخش كۆرۈپ قالغىنىڭنى،قايسى قىزنى تاشلىۋەتكىنىڭنى ئىشقىلىپ بارلىقسىرلىرىڭنىڭ بىرىنىمۇ قۇيماي ئىيتىپ بىرەتتىڭ،قىسقىغىنە بەش يىللىق ئوقوش ھاياتىمىزدا سىنىڭ بىردىن بىر سىردىشىڭ يالغۇز مەن ئىدىم،ئوقوش پۈتتۈردىغان ئاخىرقى يىلى ساڭا خىلى ئەقىل ۋە قىزلارنى جەلىپ قىلىدىغان ئىسىللىق كىرىپ قالغان ئىدى، سەن بۇ قىتىم ئۆزۈڭنى قاتتىق توختۇتۇپ مىنى مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭ قىلىپ تاللىغان ئىدىڭ،چۈنكى سەن مىنىڭ بىغۇبارسىز ،پاك ،سەمىمى قىز ئىكەنلىكىمنى بەش قولدەك بىلەتتىڭ،مەنمۇ تەلىپىڭگە قۇشۇلدۇم،شۇندىن بىرى بىز نەدە بولمايلى،ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك ئەخلاقلىق،ساپ ۋىجدانىمىز بىلەن يۈرۈپ قالدۇق،سىنىڭ ئەڭ خۇش بولغان ئىككى خۇشاللىقىڭ بىر سىنىڭ تەلىپىڭگە قۇشۇلغۇنۇم،يەنە بىرى مىنىڭ سەن تۇرىۋاتقان شەھەرگە تەخسىم قىلىنغىنىم ئىدى.سەن شۇ ۋاقىتتاماڭا <مەن سىنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈپ قەدىرلەيمەن> دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ. بۇ ئىشلارغىمۇ ھەش پەش دىگۈچە خىلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى.مەن ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ ئىلگىركى كۈنلىرىمىزنى بىر بىرلەپ ئويلاپ چىقتىم.بىز مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى،مۇشۇ ئىككى يىلدا سىنىڭ ماڭا بەرگەن مۇھەببىتىڭنى تىل بىلەن ئىپادىيەلمەيمەن.بىردىن بىر دىيەلەيدىغان سۆزۈم <مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىز>. يىقىندىن بۇيان سىنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلۇڭ بارغانسىرى سوۋغىغاندەك كۆرىنەتتى،ئالدىڭدا بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قۇيغۇنۇمنىمۇ بىلمەيمەن.سەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاسمان زىمىن ئۆزگرىپ كەتكەن ئىدىڭ،مەن شۇلارنى سىزىپ تۇرساممۇ ئەمما سىنىڭ چىن مۇھەببىتىڭدىن گۇمانلىنىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. ساڭا زادى نىمە بولغاندۇ،سەن ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدىڭ،ماڭا شۇنچىلىك قىزغىن ۋە شۇنچىلىك مىھرىبان ئىدىڭ،يىراق يىزىدىن مۇشۇ شەھەرگە خىزمەتكە چۈشكەندىن كىيىن بۇ يەردە سىنىڭدىن بۆلەك ھىچبىر يىقىن ئادىمىم يوق ئىدى،مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان،سىردىشىدىغان ،بىللە تاماقيەيدىغان ھەتتا تىلفۇن ئۇردىغان ۋاقىتلىرىڭمۇ يوق.سىنىڭ ئىلگىركىدەك سەمىمىيەتلىرىڭنى مەن كۆرەلمەي قىينىلىۋاتىمەن. دىل ئازار-خۇدا بىزار.....مەن يەنىلا سەۋىرچانلىق بىلەن سىنىڭ ئىلگىركى ھالىتىڭگە قايتىشىڭنى نامىزىمدا ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەپ كۈن ئۆتكۈزدۈم. بۈگۈن بىزنىڭ مۇھەببەت بىغىغا قەدەم قۇيغانلىقىمىزنىڭ دەل ئىككى يىل بولغان كۈنىمىز. مەن ھاياجان ئىچىدە سىنىڭ ئىلگىركىدەك ئالدىمغا بىردەستە چىرايلىق تىزىلغان ئەتىر گۈللەرنى كۆتۈرۈپ كىلىپ مۇھەببەت بىغىمىزنى پاك ،ھەقىقى سۆيگۈ ئۈمۈدلىرى بىلەن يەنە بىر قىتىم توشقۇزۇشىڭنى ئۈمۈد بىلەن كۈتىۋاتىمەن.
سەن ۋاقىتقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرەتتىڭ،ئەجىبا بۈگۈن ئىدارەڭدە ئىشىڭ چىقىپ قالغان ئوخشىمامدۇ،چۈشمۇ بولدى مەن تاماق يىمەي سىنىڭ كىلىشىڭنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن ،مەن سىنىڭ چوقوم كىلىشىڭگە ئىشىنىمەن...... كەچمۇ بولدى سائەت ئىستىرىلكىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر ئايلىنىپ بولاي دىدى،مەن پەقەت تاقەت قىلالماي ساڭا يەنە نەچچە قىتىم قايتىلاپ تىلفۇن ئۇردۇم،سەن تىلفۇنۇڭنىمۇ كۆتۈرمىدىڭ،ساڭا نىمە بولدى جىنىم سەن ئەزەلدىن مەن ئۇرغان تىلفۇننى كۆتۈرمەي قالمايتتىڭ ھەم بۈگۈنكى تەبىرىكلەشكە تىگشلىك مۇھىم كۈنىمىزنى قەتئى ئۇنتۇپ قالمايتتىڭ....
ئەمدىلىكتە سەندىن يۈرۈكۈم ئاغرىدى،ئاغرىغىنىدىن كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى.سەن ھىچقاچان بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئەمەس ئىدىڭ،ئەجىبا سىنىڭ قەلبىڭ ئۆزگەرگەنمىدۇ،...ياق...ياق مۇمكىن ئەمەس،ئۆزۈمنىڭ بۇنداق شۇم ئويلارنى ئويلاپ سالغىنىمغا ئاچچىقىم كىلەتتى.تۈن نىسپى بولدى ،مەن تىخىغىچە ئۇخلىماي سىنىڭ خەۋىرىڭنى كۈتىۋاتاتتىم،
تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايرىدى،تىلفۇننى سەن ئۇرغانتىڭ.....ۋەي....ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتىم،چۈنكى سەن بۈگۈن ئاللا ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ھاراق ئىچكەن ئىدىڭ،سەن توختىماي ...مىنى كەچۈرگىن،مەن ۋاپاسىز،دەپ ئىگىز پەس سۆزلەيتتىڭ،ماڭا گەپ قىلىش نۆۋىتى بەرمەيلا تىلفۇنۇڭنى ئۈزىۋىتىپ ھەتتا ئىتىۋەتكەن ئىدىڭ،يۈرۈگۈم بارغەنچە سالاتتى،چىرماش خىياللار ئازاپتىن سوقالماي مىنى قىينايتتى.
شۇخىياللار ئىچىدە تاڭ سۈزۈلەي دىگەن ئىدى،مەن پۈتۈن خىيالىم بىلەن ئۇلۇغ ئىگىمىزدىن سىنىڭ ساق -سالامەتلىكىڭنى تىلىدىم،
جايناماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن ساڭا رەخمە تىلەيتتىم،ئاخىردا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا ئىسسىق ياشلىرىم ئىتىكىمگە چۈشمەكتە ئىدى، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ئاللا بەختىمىزگە ۋە پاك مۇھەببىتىمىزگە كۆز تىگشىدىن ساقلىغىن ئامىن.
بىر كىچە ئۇخلىماي ئىش ئورنۇمغا ئىنتايىن ھالسىز باردىم،پۈتۈن خىيالىم سەندە بولغاچقا قوللۇرۇم ھىچ ئىشقا بارمايتتى،تۇيۇقسىز دەرىزە سىرتىغا قاراپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئىلىپ ئازراق بولسىمۇ ئارام ئىلىش ئۈچۈن دەرىزە يىنىغا كەلدىم.سىرىتتكى شاۋقۇن ئاۋازلار ئازاپلىق خىياللىرىمنى توختىماي بۇزاتتى،دەرىزىنى يىپىۋەتمەكچى بولدۇم،لىكىن قانداقتۇر بىر سىزىم مىنى دەرىزە يىنىدىن كەتكىلى قۇيمايۋاتاتتى،يۈرۈكۈم بولسا تىىخمۇ تىز سوقاتتى،خۇددى يولغا قارا دىگەن بىر سىزىم بىلەن يولدا تەنتەنە بىلەن قاتار ئۇزۇن تىزىلغان توي يۆتكەۋاتقان ماشىنىلارنى كۆردۈم،ماشىنا ئىچىدىكى ئاشۇ بىر جۈپلەرنى كۆرەلمىسەممۇ ئۇلارغا چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلىدىم،چۈنكى پات ئاردا باشقىلارمۇ ماڭا بەخىت تىلەيدۇ ئەمەسمۇ...گۈزەل خىياللىرىم ئازابىمنى بىردەم بولسىمۇ يەڭگىللەتكەن ئىدى.
تۇيۇقسىز سىڭلىمنىڭ ماڭا تىلفۇن ئۇرىشى بىلەن گۈزەل خىياللىرىم ئۇچۇپ كەتتى،
__ھەدە بىر دوستۇمدىن ئاڭلىسام سەن يۈرىۋاتقان ھىلىقى يىگىت نىڭ 8-مارىت تويى بولامىش،بۇ راسمۇ؟
ھا ھا ھا ...كۈلىۋاتامدىمكىن دىسەم كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ياشلىرىم سىرغىپ چۈشمەكتە،يىغلاۋاتامدىمكى دىسەم ساراڭدەك كۈلىۋاتىمەن.
ئاھ خۇدا.........بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.مەن دەرھال ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ كالىندارغا قارىدىم،بۈگۈن 8-مارىت.كاللام قۇپقۇرۇق.مەن جانسىز قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئىشخانامدىن چىقىپ كەتتىم.....يولدا ئاڭلانغان شاۋقۇنلارنىڭ ئازاپلىق خىياللىرىمنى بىسىقتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ ماڭدىم،ئەپسۇس قۇلۇقۇمغا ھىچ نەرسە ئاڭلانمايتتى.كاللاممۇ تۇرمۇزلىنىپ قالغاندەك نىمە قىلىشىمنىمۇ ئويلىيالمىدىم.كەچقۇرۇن قارىسام ئۆيۈم ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن.ئىشىكنى ئىچىپ كىرىپلا ئۆزۈمنى كارۋىتىمغا تاشلاپ بىر ھازا يىغلىۋالدىم،سائەتكە قارىسام كەچ سائەت 8 لەر بوپتۇ،مەن دەرھال ئىسىمنى يىغىپ ساڭا تىلفۇن ئۇردۇم.
تىلفۇن ئۇلىنىۋاتاتتى،مەن سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تەمكىنلىك بىلەن سەن بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىمنى ئىيتتىم ،سەنمۇ تىزلا قۇشۇلدۇڭ،مەن سىنى ئۆيۈمگە بارىدىغان كىچىك يول بويىدا ساقلىدىم،تۇيۇقسىز كۆزۈمگە بىشىغا دوپپا كىيىۋالغان،ئۇچىغا قارا رەڭلىك بىر تو كاستوم كىيىۋالغان سەن كۆرۈندۈڭ،سىنىڭ بۈگۈن بۇنچىۋىلا ئالاھىدە كىيىنىۋالغىنىدىن مەن بىخەۋەر ئىكەنمەن .ياش ئارلاش كۆزلىرىم ساڭا تىكىلگەندە،سەن كۆزىڭنى باشقا يەرگە ئىلىپ قاچتىڭ،تىترگەن لەۋلىرىم سىنىىڭدىن سوئال سوراشقا تەمشىلىۋاتقاندا،سنىڭ ___ماڭا گەپ قىلماڭ،مەن ئادەم ئەمەس،سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن،دىگەن سۆزلىرىڭ بىلەن لەۋلىرىم ھىچ سۆزگە كەلمىدى.
سەن ئارقىغا ئۆرلۈپ كەتمەكچى بولوپ تۇرغۇنڭىدا سوغوقتىن توڭلىغان قۇللۇرۇم بىلەن سىنىڭ قۇلىڭنى تۇتىۋالدىم.سەن قۇلۇمنى ئاستا قولىڭىدىن ئاجرىتىپ....___ساڭا بەخىت تىلەيمەن،خوش ....دەپ ماڭدىڭ.
سىنىڭ كەينڭىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن پۇتلۇرۇم بىلەن كەينىڭدىن يۈگىرەيتتىم .سەن چەكسىز خىجىللىق ۋە قايغۇ بىلەن ماڭا ئەڭ ئاخىرقى سۆزۈڭنى قىلىپ بولوپ كىتىپ قالدىڭ. ــــ بۈگۈن مىنىڭ تويۇم بولدى.
مىنى مەڭگۈ كەچۈرمىگىن..
بۇ يەرنى چېكىپ ئەزا بولسىڭىز بۇ تىمىغا قاتنىشالايسىز~
جەمئىي 2 بەت/12پارچە ئۇچۇر
باش بەت
1
2
كىيىنكى بەت
ئاخىرىقى بەت
eSiLBoY
ھەي دوستۇم نىمە دىگەن ياخشى مەزمۇنلارنى يازىدىغان بولۇپ قالغانسىز ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۇرۇپ ،كىيىن مۇشۇنداق ئىشلار بىزنىڭ بىشىمىزغا كىلىپ قالسا قانداق قىلارمىز ھەي .....كۆڭلۈم بىلەكچە يىرىم بولۇۋاتىدۇ. ھەراس چ چ نۇمۇرىڭىزبولسا قالدۇرۇپ قويۇڭ سىزبىلەن دوس بولغۇم بار كۆڭلىڭز ئۇنارمىكىن دوستۇم ؟
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-09
XAHRIZAD
تىمىڭىزغۇ ياخشىكەن ، لىكىن قىزغا بەك ئۇۋال بۇپتۇ نەچچە كۇن بولسىمۇ بۇرۇنراق دەپ كويسا بولستتىغۇ يۇزسىز
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-09
gulnazi1
بۇنى ئاڭلاپ بەكلا كۆڭلۇم يىرىم بولدى .خۇدى مەن شۇنداق ئىشقا يولۇققاندەك .سىز گىمۇ بەخىت تىلەيمەن .
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-09
ragdar
سە بىرقىلىڭ بۇئىش مىنىڭ بېشىمغا كەلدى يە نى 09 . 2010.06.كۆنى
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-10
nargiza
ۋاي يەنە سىزنىڭ تېمىڭىز ئىكەنغۇ ؟...ئەجەپ تەسىرلىك يازدىغان بوپ كىتپارسىز جۇمۇ،........كۆڭلۇم ئەجەپ يېرىم بولدا ھەي.........بۇ ئىشلار بىزنىڭمۇ بېشىمىزغا كىپ قالامۇ؟......ئەگەر بۇ ئىشلار مىنىڭ بېشىمغا كىلىپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن .......ئۇ كۈنلەر ھىچكىمنىڭ بېشىغا كىلىپ قالمىسۇن ........ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن ..........
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-10
malikaay
كۆڭلۇم ئەجەپ يېرىم بولدى، بۇ تىمىڭىزنى كۈرۇپ،ياخشى يىزىپسىز!
مەن بىر كۈنلەردە مۇشۇنداق بىر تىراگىدىيەلەرنىڭ مىنىڭ تۇرمۇشىمدا يۈز بىرىپ قىلشىدىن ،ئۈزۈمنىڭ بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىمدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن،،،ئاللا !بەختىڭىزنى بەرگەي،،،،،،،،،
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-10
xjjasur
بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى
بەزى بىر ئىشلارغا ئامال يوق
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-10
gulbustan
ئەسسالام دوستۇم~~~~~~~~~~~~بەك ياخشى يېزىپسىز~~~~~~~~~~ئوقۇپ يىغلىۋىتەيلا دەپ قالدىم~~~~~~~~~~~~~بىر-بىرىنى ھەقىقىي سۆيگەن ئاشىق-مەشۇقلارغانىڭ كۆزىدىن ھەرگىز ھەسرەت ياشلىرى ئاقمىسۇن~~~~~~ئاللاھ ھەر بەندىسىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي~~~~~~~~~~~~~
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-10
osama
ئەسسالام ئەلەيكۇم .بۇئىشلار مىنىڭ بىشىمغىمۇ كەلمەكچى مەن سۆيگەن قىز مىنى تويىغا چاقىردى . ئۇ مەندىن نىمە تەلەپ قىلماقچىكىن بىلمىدىم .يەنىلا رىسقى چۇشمەسە ئامال يوق .تەقدىر ئىنساننىڭ قولىدائەمەس . بەك ياخشى يىزىپسىز .
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-23
umak0994
رەھمەت. مېنىڭ بېشىمغا كەلمىسۇن ھە؟ مەن ئۇنچىۋالا بەرداشلىق ئەمەسمەن.
بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش
ۋاقتى: 2010-06-27
جەمئىي 2 بەت/12پارچە ئۇچۇر
باش بەت
1
2
كىيىنكى بەت
ئاخىرىقى بەت
يىڭى تىمىلار>
بىز جان - جىگەر دوست بولالامدۇق ؟
دوسلۇق -توغۇرسىدا
ئۇيغۇر 118 سۇئالىغا جاۋاپ
ئاشىق ھىكايىسى2
بىكەتتىن ياردەم سۇرايمەن
ھىندىستان ئەڭ يىڭى sabse Alag
qq نۇمۇرنى تاللاڭ ئىشلىتىڭ
مەندىمۇ يا سېنىڭدىمۇ ئوت
سۆيــــــــــــــــگۈنىمنىڭ تويى
مىنى ئالالايدىغان ئۇيغۇر يىگىتى بارمۇ ؟............................
ئاۋات تىمىلار
قىزلا نىمە ئۇچۇن ئوغۇللارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارايدۇ...؟؟
تار ئىشتانلىق قىزلارغا
بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
ئۇنتۇماق ئەڭ تەس بولغان سۆيگىنىڭىزنىڭ ئىسمىنى دەپ بېقىڭ!
سىز قانچە قىتىم مۇھەببەتلەشتڭىز ؟
ئىسلامدا «مۇھەببەتلىشىش»دىگەن سۆز بارمۇ؟
ۋاپا دار ئوغۇلار جىقمۇ ياكى قىزلار مۇ ؟
كۆنگەن يامانمۇ ياكى كۆيگەن يامانمۇ؟
ئوغوللار قانداق قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئىزتورىدىكى توردشلار QQ نۇمۇرۇڭلار بولسا قالدۇرۇپ قويۇڭلار.
يىڭى ئىنكاسلىق تىمىلار
دوسلۇق -توغۇرسىدا
يىگتلىرىمىز سىلەمۇ ئاڭلاپ قويۇڭلا.....................................
ئىز تورىدىكىلەر تۇنۇشۋالمايلىمۇ؟؟
قىزلا نىمە ئۇچۇن ئوغۇللارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارايدۇ...؟؟
2010 دۇنيا پوتپول مۇسابىقىسىنىڭ ناخشىسى
مىنى ئالالايدىغان ئۇيغۇر يىگىتى بارمۇ ؟............................
بىز جان - جىگەر دوست بولالامدۇق ؟
qq نۇمۇرنى تاللاڭ ئىشلىتىڭ
ھوزۇرۇڭلارغا يۇمۇر.....
ياردەم قىلىڭلار