بەچچەسۆزىنىڭ ئىلمىي مەنىسى ھەمجىنىسلىقلار ياكى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇلار قىز ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى( Lesbians)ۋە ئوغۇللار ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى (gay )
دەپ ئىككى تۈرگە ئايلىنىدۇ ...
نەچچە كۈن بۇرۇن ، مەن بىر گېرمانىيىلىك ئېنژىنېر بىلەن بىللە تاماق يەۋاتاتتىم .بىزنى ئۇنىڭ بىر دوستى بىر قاۋاقخانىغا كېلىشكە چاقىردى. بارمىغان بولسام بۇ شەھەردە بۇنداق شەرمەندىلىكنىڭ بارلىقىنى بىلمەس ئىكەنمەن.
بىز ئۇ قاۋاقخانىدا ئولتۇردۇق .مەن ئادەتتە ھاراق ئىچەلمەيمەن .شۇڭا مېۋە سۈيى ئىچىپ ئولتۇردۇم.رىياسەتچى بۇيەردە بۈگۈن جىنىس ئۆزگەرتكەن يىگىتلەرنىڭ نومۇر ئورۇندايدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ سەنئەت تالانتىنى باھالايدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئارىدىن بىر ئۇيغۇرقىز(بۇ يەردە يىگىت دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ ،چۈنكى ئۇ جىنسىنى ئۆزگەرتكەن.)2-بولۇپ باھالاندى .
.شۇكۈنى گېرمانىيىلىك ئىنژېنېرنىڭ باشقا ياۋروپالىق دوستلىرى ماڭا بۇ يەردە ئولتۇرغان ئۇيغۇر يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلار ئىكەنلىكىنى ،ھەمدە بىر دوستىنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ،شۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى .مەن چەتئەللىكلەردە بۇنداق ئىشلار بارلىقىنى بىلەتتىم .بىراق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق كۆپلۈكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم . دوستۇم ئىچكىرىدىن ئەمدىلا ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولۇپ جۇڭگونىڭ قاتناش تورىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن گىرمانىيىدىن كەلگەن .ئۇئىچىكىردىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە تۇرغان .ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن ئىچكى ئۆلكىدىكى تەرەققى قىلغان شەھەرلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ،ھەتتا بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،ئۇلار مەخسۇس بىر توپ بۇلۇپ ئۈرۈمچىدىكى بىرنەچچە قاۋاقخانىدا يىغىلىدىكەن .ئەمەلىيەتتە بۇقاۋاقخانىلارئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببەتداش يىغىلىدىغان مەخسۇس سورۇن ئىكەن . مەنمۇ شۇ كۈنى ساناپ باقسام 60-50تەك ئۇيغۇر يىگىتلەر بار ئىكەن ، ئەجىبا شۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشمىدۇ؟!!
كىيىن بىلسەم ، شىنجاڭ ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداش يىگىتلىرى جۇڭگوغا داڭلىق ئىكەن .چۈنكى ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن باشقىلارغا قارىغاندا قاملاشقان ، شۇڭا باشقا يەردىكى ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلىرى شىنجاڭغا ئايروپىلان بىلەن كېلىپ بۇ يەردىكى يىگىتلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن .بۇ جەھەتتە شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلىق جەھەتتە ئەڭ رەڭدار ،ئەڭ جەلىپ قىلارلىق يىرى ئىكەن . ئاھ خۇدا!!شىنجاڭ ناخشا -ئۇسسۇل ماكانى ،يەنە باشقا ناشايان ئىشلارنىڭ ماكانى بولۇپ قاپتۇ .....
ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببەتداشلىقى پەندە (پىسخولوگىيە) روھى كېسەللىك دەپ قارالمايدۇ،شۇڭا چەتئەلدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر قانۇن تۇرغۇزۇپ ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويغان ، بىراق مەن زادى ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن .قوبۇل قىلالمايمەن .
بۇ سەۋەبنىڭ كېلىش مەنبەسى گېندىكى ئۆزگىرىش، تەربىيە ،يەنە دورا ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
گېندىكى ئۆزگىرىش ھەققىدە مەن چۈشەنچە بېرەلمەيمەن . بىراق تەربىيە مەسىلىدە ئاتا -ئانا،مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ .بۇلۇپمۇ ئائىلە تەربىيىسى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
يەنە بالىلار ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدا يەسلىدە ياكى مەھەللىدە قىزلار بىلەن تولا ئويناپ ،بالىلىق ۋاقتىدىكى پىسخىكىسىنڭ نورمال تەرەققى قىلىشى توسالغۇغا ئۇچىراپ ئەرلىك ھورمۇنلىرنىڭ سېنتىزلىنىشى توختاپ قىزلارنىڭ پىسخىكىسغا ئوخشاپ قالىدۇ .شۇڭا ئوغوللارنى كىچىك ۋاقتىدا قىزلار بىلەن مۇۋاپىق بىللە ئوينىتىش كىرەك .
مەكتەپ -كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمىكىن.جۇڭگودىكى ،بولۇپمۇ ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلار نىڭ نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن ناھايىتى كۆپ (بالىلارنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تىل-ئەدەبىيات،ئىدىيە-ئەخلاق ...قاتارلىق كۆپ دەرسلەرنى ئايال مۇئەللىملەر بىرىدۇ ).شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بالىلاردا مۇئەللىمنى ئۈلگە قىلىشى تۈپەيلى نۇرغۇن ئوغۇل بالىلار ئايال مۇئەللىمنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئوبرازى ۋە تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇ باللاردىمۇ ئاسانلا پسىخىك ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىدۇ .ئۇلاردا ئاسانلا قىزلاردا بولۇشقا تىگىشلىك پسىخىك ئالامەتلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ .
جەمئىيەتتە شۇنداق بىرقىسىم چېكىدىن ئاشقان ئادىمى ھايۋانلار بار ئىكەنكى .بۇلارنىڭ رەزىللىكنى تەسۋىرلەشكە ئامالسىزمەن .بىر قىسىم ئەرلەر ياكى ئاياللار ئۆزىنىڭ رەزىل جىنسى ھەۋىسىنى بېسىش مەقسىتىدە كۆپىنچە كىچىك بالىلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ نومۇسىغا تېگىدۇ (بۇ قۇرلارنى يازغان ۋاقىتتا قەلبىمنى ئىپادىلەشكە ئامالسىزمەن ،بەلكىم بۇ چاغدا يازغۇچىلار يازغاندەك قۇياش ئاللاغا نالە قىلىپ يىغلىغاندۇ ....)بۇنداق بولغاندا ئاشۇ بالىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس بىر داغ قالىدۇ .كۆپىنچىسى مەڭگۈلۈك پىسخىكا پاراكەندىچىلىكىدە قالىدۇ .بىر قىسىملار نىڭ يەنىلا جىنسى پسىخىكىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ ......
ھازىر توخۇ قاتارلىق ھايۋانلار ۋە ئۆي قۇشلىرى كۆپ مىقىداردا ھورمون بېرىلىپ چوڭايتىلىدۇ ،بۇ ھورمۇنلار قىزلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرسە ،ئوغۇللارنىڭ ئانىلىق ھورمۇنى ئېشىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .......
مەن بۇيەردە ئۇلارنى كەمسىتمەكچى ئەمەس ،پەقەت كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگەسەزگۈر پوزىتسىيدە مۇئامىلە قىلىپ تىخىمۇ كۆپ «لۇت ئەلەيھىسالام »يىڭى قەۋمىنڭ بارلىققا كېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
شۇڭا دىيارىمىزدا بۇنداق ئىشنىڭ مەۋجۇت بولۇشى شۇنداقلا تېخىمۇ ئەۋج ئىلىشى بىزنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ .بۇ يەنە نۇرغۇن سەۋەبلەرگە چېتىلىدۇ .شۇڭا بۇنىڭدا ئائىلە ،مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ رولىنىمۇ ناھايىتى چوڭ .شۇڭا مەن كىشىلەرنىڭ بۇ بۇلۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەسىلىىلەرگە سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بىز ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببەتداشلىق (بەچچىۋازلىق )نى ئەيىبلەپ كەلدۇق .ئەجىبا بىرىمىز چىقىپ ئۇلارنىڭ ھالىنى چۈشەندۇقمۇ ؟ئالدىنى ئالالىدىقمۇ ؟توغرا يولغا يېتىشكە دەۋەت قىلدىقمۇ ؟بۇ مانا ھەقىقى بىز ئويلىنىدىغان مەسىلە !!!
ئاخىرىدا ئاللاھدىن ئەشۇ ئازغان قېرىنداشلىرىمنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !