ئىز تورى

تار ئىشتانلىق قىزلارغا

ۋاقتى:2010-05-22يوللىغۇچى: love130 چېكىلىشى:4668قىتىم
نىۇزەيكۇنى كىيگەن قىز يىرتىۋاپتۇ تىزىنى،
پىنھاندىكى ئەۋرەتنىڭ كۆرسۈتىپتۇ ئىزىنى.

ساغرىسىمۇ سۈزۈلگەن،ئاقارتىپتۇ يوتىنى،
قوزغاپ شۇئان ئەركەكنىڭ،شەھۋەت ھەۋەس ئوتىنى.

بەكمۇ تۆۋەن باغلاپتۇ ئىشتىنىنىڭ بېغىنى،
تاماس قاپتۇ كىيىشكە يىرتىۋېتىپ ئېغىنى.

دىگەنلىرىم لاپ ئەمەس،كۈزەتسىڭىز بىلىسىز،
شۇ قىزلارنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپلا كۈلىسىز.

ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ يۈرسە بولماسمۇ ؟
ئۆز مىللىتى_ ئەسلىنى بىلىپ يۈرسە بولماسمۇ؟

ئەنئەنىنى ساقلىسا،بولماس ھەرگىز قالاقلىق،
ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن قىز شەھرىمىزدە ساناقلىق.

نەدە قالدى پەردىشەپ،بىلمەس توۋا دىيىشنى،
كىم ئۈگەتتى ئۇلارغا،بۇنداق ئىشتان كىيىشنى؟

سەت ئەمەسمۇ كوچىدا ماڭسا شۇنداق چىقىرىپ،
ئەل-جامائەت كۆرسە ھەم ياقا تۇتار ئىشقىلىپ.

بۇنداق يۈرۈش قىزلارغا تۇيۇلماسمۇ سەتچىلىك؟
ئويلاپباقساق ئەسلى بۇ _ ئوغۇللارغا نەسچىلىك!

ھېچ بىلمىدىم ئۇلارنىڭ يوقمۇ دۇرۇس ئاپىسى؟
ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ،تۈزەيدىغان ئاكىسى؟

يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا مەستانە،مەس بوپكەتتى،
ئەركەكلىكنىڭ سېھرىنى بىھايالىق يەپكەتتى.

بۇ تېمىدا سۆزلىسەم ياقامدىكىن بىلمەيمەن،
تار ئىشتانلىق قىزلارغا شەرمى ھايا تىلەيمەن
جەمئىي 5 بەت/47پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 5 كىيىنكى بەت ئاخىرىقى بەت

  • kalbidax
  • مۇشۇندا گەپ قىلدىغان ئوغۇللامۇ چىقىدىكەن ھە؟؟؟؟؟؟؟مەن تېخې قىزلا مۇشۇندا كىيىم كەيسە خوش بولاپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن مىنىڭ كۇندۇزى خىزمەت كىيمىم بار...ئادەتتىكى كىيىملەرنى كىيمەيمىز...ئىشتىن چۇشكەندە ئاساسى جەھەتتىن تەنتەربىيە كىيمى كىيمەن ...... بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-23

  • kalbidax
  • سىزنىڭ مۇشۇندا گەپ قىلغان ئاغزىڭىزغا .......................................... كەمپۈت سېلىپ قويغۇم كىۋاتىدۇ جۇمۇ رەخمەت سىزگە بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-23

  • iskilit
  • ئىسكىلىت ئاكاڭلار ئىشتان كىيگەن يەردە، قىزلارنىڭ ئاشكارە يوللاردا بىغى بوش تار ئىشتان بىلەن يۈرۈشىگە بولاتتىمۇ؟ بۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغان ئوغوللار دىگەن چىقىدۇ، قىزلارنىڭ بۇنداق يۈرۈشىنى قەتئىي چەكلەش كىرەك. بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-23
جەمئىي 5 بەت/47پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 5 كىيىنكى بەت ئاخىرىقى بەت
يىڭى تىمىلار