ئىز تورى

بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ

ۋاقتى:2010-05-21يوللىغۇچى: love130 چېكىلىشى:4489قىتىم

ھايا نۇرى پارلىسا ،ھەر بېقىشتا يۈزىدىن ،

ساداقەتتىن باشقىسى ،كۈرۈنمىسە كۈزىدىن ،

سايىم بولسام مەيلىتى،چىقماس ئىدىم سۈزىدىن ،

شۇنداق قىزنى سۈيەتتىم ،بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ ؟

ئىللىق گەپ سۆز ھەركىتى ،ياقسا كىشنىڭ قەلبىگە ،

ئالدامچىنىڭ قەلبىمۇ ،كەلسە ئۇندىن لەرزىگە ،

شۇنداق قىزلار تەڭ ئەمەس ،مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ،

ئۆل دىسىمۇ ئۆلەتتىم ،لېكىن شۇنداق قىز بارمۇ ؟

ئىلمى گەپ سۆز ھەركەتتە ،ئۇتالىسا كۈڭۆلنى ،

شەيتان گىرە سالغاندا ،تۇتالىسا كۆڭۈلنى ،

چىن ساداقەت سۆيگۈدە يۇتالىسا كۆڭۈلنى ،

ئاڭا گۈللەر تىرەتتىم ،ئەپسۇس ،شۇنداق قىز بارمۇ ؟

بولسا ئەگەر دىلىدا ئانچە مۇنچە ئىمانى ،

مىللەت ئەخلاق ئالدىدا ،يۈرىكىدە پىغانى ،

سۆيگۈنىنىڭ ئالدىدا ،تىك تۇرغۇدەك ۋىجدانى ،

قۇلىغا سۇ بىرەتتىم ،ئەمما شۇنداق قىز بارمۇ ؟

گەر جىسمىغا شاللاقلىق ،چۈمپەردىسى ئارتمىسا ،

خۇلقى ئەركە نايناقلىق ،غىلجىڭلىقنى تارتمىسا ،

گېزى كەلسە ئۆلسىمۇ ،ئىپپىتىنى ساتمىسا

ئاڭا كۆڭۈل بىرەتتىم ،ھەي......شۇنداق قىز بارمۇ ؟

كۆڭۈل خۇشى تاپمىسا ،تانسا-پانسا ،چايلاردىن ،

تارتالىسا مىھرىنىى ،سىمىز گەدەن بايلاردىن ،

ئەڭ شاللاە ۋە تېتىقسىز ، مۇزىكىلىق جايلاردىن ،

ئاھ ئىشقىدا كۈيۈتتىم ،تاڭەي بىزدە قىز بارمۇ ؟!

مەن سۇنغان چىن سۆيگۈدىن ئۇنىڭ دىلى سۈيۈنسە،

مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكسەم ،ئاڭا گۈلدەك كۈرۈنسە ،

جىمى ئىسپات ئەمەللەر ،ئىسلام ئۈچۈن تۆلەنسە ،

ھەي! ئەمرىمگە ئالاتتىم ،ئىسىت شۇنداق قىز بارمۇ ؟

ياشلىقىمدا تېخى بىر يېزىلماستا گۇناھىم ،

بىر ياخشى قىز تاپماقچى مىنىڭ سۆيگۈ دۇنيارىم ،

ئوڭلۇق قىزدىن بىرىنى ماڭا بەرسە خۇدايىم ،

ئۆمۈرلۈككە يۈرەتتىم ،ئەمدى-شۇنداق قىز بارمۇ ؟

پات ئارىدا ھاياتىم 23 كە يەتمەكچى ،

چىقىپ قالسا ياخشى مەڭگۈ بىرگە ئۆتمەكچى ،

زەرەپشاندىن شۇ قىزنى سەۋەپ بىلەن تاپماقچى ،

ماڭا لايىق كەلگۈدەك ئۇيغۇردا ھە  قىز بارمۇ ؟

شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرستېتى .(6750690-0991)

جەمئىي 4 بەت/35پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 كىيىنكى بەت ئاخىرىقى بەت

  • kalbidax
  • نىمە دەۋاتىسىز ....؟؟؟؟؟ شۇنداق قىز بامۇ دىدىڭىزما؟؟؟؟ئەتراپىڭىزدا شۇنداق قىزلا جىق بىلسىڭىز ...... بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-21

  • kalbidax
  • نىمە دەۋاتىسىز ....؟؟؟؟؟ شۇنداق قىز بامۇ دىدىڭىزما؟؟؟؟ئەتراپىڭىزدا شۇنداق قىزلا جىق بىلسىڭىز ...... بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-21

  • nurlan0018
  • بەك ياخشىكەن . شۇنداق قىزلاردىن ماڭىمۇ بىرسى بولسا بولاتتى . بىراق مەن 20ياشقا كىردىم ھازىرچە توي قىلىشنى ئويلاشمىدىم جۇما يا ..... بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-21

  • uyhuray
  • بۇنداق قىزلار جىق،لىكىن شۇنداق قىزبارمۇ دىمەي شۇنداق قىزلارغا ماس يىگىتلەرمۇ بارمۇ سوراپ بېقىڭ. بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-21

  • RAYIP
  • بۇ شىېر ماڭغا بەك ياقتى ھەي بىزنىڭ توردىكى قىزلانى بەكلا ئەنسىرتىپ قۇيۇپسىز يەنە بولسا كوپىرەك يوللاڭ جۇمۇ ؟ بۇ ئەزانىڭكىلا كۆرۈش ۋاقتى: 2010-05-21
جەمئىي 4 بەت/35پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 كىيىنكى بەت ئاخىرىقى بەت
يىڭى تىمىلار