مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمغا
ئىككى كەلىمە سۆز : مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان بارلىق خانىم – قىزلىرىمىز ، يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان بايرىمىڭلارغا تەشەككۈر ! ... مۇنبەر ئۈچۈن چەككەن ھەربىر ئىزتىراپسىز جاپالىق تىرىشچانلىقىڭلارغا كۆپتىن – كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ... ئاتەش يۈرەك ئوغلانلىرىمىز سىللەرنىڭمۇ مۇنبەر ئۈچۈن ھاردىم – تالدىم دىمەي يېڭى ئىجادىيەت ۋە يېڭى تەربىيەت ئىزنالىرىنى « ئىز » ىمىزغا چېچىپ رەڭدار ھۆسۈنگە ئىگە قىلىپ كىلىۋاتقانلىقىڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ... سىللەرگە بىكەت باشلىغى ۋە بارلىق باشقۇرغۇچىلار نامىدىن سىللەرگە ئالىي سالام ! ... ياخشى ئۈمۈد ۋە ياخشى تىلەكلەر سىللەر ھەمرا بولغۇسى ... ھەربىر ئوت يۈرەكلىرىمىزنىڭ كۆپ جەھەتتىن ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ، مۇنبىرىمىز بۈگۈنكىدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ . سىللەر قانچىلىك مۇكاپات ۋە ئىسىل سوۋغىلارنى ھەدىيە قىلساقمۇ ئازلىق قىلغۇسى . بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىزلىرىڭلار توختاپ قالماي شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ ، خەلىقىمىز ، ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن ... مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەمئىيىتىمىزدىكى نامۇۋاپىق بولغان بەزىي تەبرىكلەش بايراملىرى ئۈستىدە ئازىراق ئېنىقلىما بىرىپ ئۈتەي توغرا تاپامسىلەر ، ئۈزۈڭلار كۈرۈپ باقسالار : 1 . مەن ھەممىدىن بۇرۇن قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ « ئاياللار بايرىمى » نى مۇبارەكلەپ لىرىكا پۈتكەن ئىدىم ، دەسلىۋىدە بەزىيلەرگە ياخشى تەسىر بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئايرىم ساندىكىللىرىمىزگە دىگەندەك ياخشى تەسىرلەرنى بەرمەي قالدى . بۇ بايرامنى دىنغا چېتىۋالساق بولمايدۇ . دۆلىتىمىزدە بۇ بايرامنىڭ قىممىتى ھەقىقەتەن چوڭ بىلىدۇ . پەقەتلا دۆلىتىمىزدىمۇ ئەمەس ، خەلىقئارادىمۇ داغدۇغا قىلىدۇ . دۆلىتىمىز جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ھۈكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە ، ئاياللىرىمىزنى پەقەتلا بىر بىزەك ئورنىدا كۈرۈپ ، خالىغانچە باشقىلارغا سوۋغا قىلىدىغان زىننەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ، بۇ خىل ئەھۋاللار تاكى ، مەنچىڭ خانىدانلىقى مەزگىللىرىدىكى « تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابى » غا قەدەر داۋام قىلىدى . بۇ مەزگىللەردە ئاياللارغا بەلگۈلۈك ھوقۇق ۋە ئىمتىياز بىرىلدى ، ئەمما چىرىك فىئۇدالنى ھۆكۈمىرانلىق كىيىن بۇنىڭغا يول قويمىدى ، « شىنخەي ئىنقىلابى » شۇ فىئۇدالنى كۈچلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كىيىنلا ئاندىن ئاياللار ئازادلىقى تەدرىجى قولغا كەلدى . بۇ پەقەت مۇستەقىل ئۆز ئىدىرىكىنى ئىشىلتىش ھۇقۇقى دىگەن گەپ ... شۇخىل ھۇقۇق قولغا كەلگەندىن كىيىنكى خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ جەمىئىيەتكە قوشقان تۆھپىللىرى ھەقىقەتەن چوڭ بولدى . پەقەت شۇ جاپاكەش مىھىربانلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . قانداقتۇر ، ھازىر بايرام دىسە ، ئېسىل كىيىنىش ، ئىسىل يەپ – ئىچىپ ئىسراپچىللىق قىلىش جەمئىيىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋىي مۇدىغا ئايلىنىپ كەتتى ، ھەرقانداق ئىش سىغىپاتار بولۇشى كىرەك ، گۈزەللىك كەيگەن كىيىمىدە ، ياكى تاشقى چىراي ، مېڭىش تۇرىشىدا ، ياكى قامىتىدە ئەمەس ، بەلكى شۇ مىھىربانىمىزنىڭ قەلبىدە ، شۇنىڭ ئورنىغا ياخشى مەدەنىيەت ، ياخشى ئەخلاق گىرەلەشكەن ئۆز قەلبىنى بېيتىدىغان ، ئۆز كۆڭلىنى لال قىلىدىغان مەنىلىك ئىشلار بىلەن تەبرىكلەش ئېلىپ بارالىسا ، بۇنىڭغا يېتىدىغان تەبرىكلەش سورىنى ھازىر بولماس دەپ قارايمەن . 2 . تۇغۇلغان كۈن سوۋغىللىرى دەپ ، يەنە بەزىي زىددىيەتلىك تالاش – تارتىشلارمۇ ئانچە – مۇنچە چىقىپ قالدى ، نۇرغۇنلىغان سوۋغا ھازىر بولىدىكەن ، ئەمەلىيەتتە بىلسەك ، كىشى ھەريىلى بىر قېتىم دۇنياغا كۆز ئاچمايدۇ ، تۇغۇلمايدۇ ، ئويلاپ باقساق ، شۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئادەم مەڭگۈلۈك بۇۋاق پەدىسىدە قالدى دىگەن گەپ ، بۇ شۇنداقلا گۈدەك بالا ئوبرازىدىن باشقا مەسىلە بولمايدۇ . ئۆتكۈزسەك بولىدۇ ، مەنىسىنى چۈشۈنىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۈش كىرەك ، ئۈزى تۇغۇلمايدۇ ، ئەقلى تۇغۇلىدۇ ، ئىدىرىكى تۇغۇلىدۇ ، شۇ ئەقىل ۋە ئىدىراكقا ئىگە بولغان ئادەم ئۆز قەلىب دۇنياسىنى بوشلۇقنى تولدۇرماي ، نىمە دەپ تويماس ئاچكۆز قۇرساقنى تويغۇزۇشنىڭ تاماسىدا بولىمىز ؟ مەن شۇنداق ئويلايمەن ، شۇنداق ئىشلارنى شۇ خىل يۇسۇندا ئۆتكۈزگەنلەر مىنىڭچە تېخى بۇۋاقكەن دەپ قالدىم ، بۇلارنى مەڭگۈ چوڭ قىپ بۇلالمايمىز ... بولسا ئۇلارنىڭ ماددىي دۇنياسىنى ئىستىمەستىن ، مەنىۋىي دۇنياسىنى ئىستەپ تۇرۇپ تەبرىكلەش كىرەك مىنىڭچە « شۇنداق تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگۈچىلەرنى ، ئۆتكۈزۈپ بەرگۈچىلەر ھەقىقەتەن گۈدەك كۈرۈپتۇ » ... قالغىنىنى باشقا قېرىنداشلار ئوبدانراق ئويلۇنۇپ باقساق ، بەلكىم ئارتۇقچە ئويلۇنۇپ كەتكەندىمەن ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-7 18:46
|