خانىم - قىزلارغا ئىسىل نۇردانىلەرنى سوۋغا قىلدىم

باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ، يالغۇز ھالدىمۇ نومۇسسىزلىق قىلما، ئۆزۈڭگە ھۆرمەت قىلىش بىرىنچى دەرىجىلىك قانۇنىڭ بولۇشى كېرەك.
پىفاگور
ئىنسان ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم.
م. گوركىي
ئۆز ئىززەت – ھۆرمىتىنى بىلمەي تۇرۇپ، مەنىۋى بايلىققا ئىگە بولۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ۋ. ئا. سوخوملىنىسكىي
ئۆز – ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى.
س. جونسون
ئۆزۈڭگە ئىشەنمەي تۇرۇپ تالانتلىق بولۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس.
ئۇ. بالزاك
شۈبھە –– ئۇ خائىن، ئۇ بىزنى غەيرەتلىنىشتىن يالتايتىپ، كۆپ ھاللاردا ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن بولغان ياخشى نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىدۇ.
ۋ. شېكىسپىر
ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى ھۆرمەت قىلمىسا، ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ھاقارەتلىنىدۇ. ئادەم ئۆز قەدرىگە يەتمىسە ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يامانراق ھاقارەتلىنىدۇ ۋە زەخمە يەيدۇ.
ۋ. گ. بېلىنىسكىي
يۈزى قېلىنلىق، ماختانچاقلىق يىرگىنىشلىكتۇر، بىراق بىرەر كۈچكە ئىشەنمەيدىغان، بىر خىل پەزىلەتكە ئىگە بولمىغان كىشى يىرگىنىشلىكتە ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ.
ۋ. گ. بېلىنىسكىي
ئۆز پەزىلەتلىرىنى ئۆزى سۆزلەپ يۈرگەن ئادەم كۈلكىلىكتۇر، بۇنى چۈشەنمەسلىك تەنتەكلىكتۇر.
ف. چېرنىشىۋىسكىي

‹‹تەپەككۇر گۈلشەنى››دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ayxolisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-7 11:12
|