خۇراپات
( مۇخەممەس )
كىسەل بولسا بارمايدۇ ، داۋالايدۇ خۇراپات ،
ھەتتا ئىغىر ئاغرىقتا ، ياتالايدۇ خۇراپات ،
كونىلىقنى دەپ قويۇپ ، تاپالايدۇ خۇراپات ،
داخان ئۇچۇن ماللارنى ، ساتالايدۇ خۇراپات ،
ھاياتلىقنى گۆھەرنى ، چاقالايدۇ خۇراپات .
بېشىغا ھەي، قان چۇشسە تىڭىپ قويار ياغلىققا ،
سوقۇر ئۇچەي بولسىمۇ، كىپەك تۇتار قوساققا ،
كۆزلەر ئاغرىپ كۆرمىسە، خىمىر سالار ئوچاققا ،
ژىرىڭ ئاقسا كوچىلار ، تىقىپ ياغاچ قۇلاققا ،
ئۆمۈر بويى ئاشۇنداق ، ياتالايدۇ خۇراپات .
ئۇدۇم بىلەن ئاغرىققا، دۇت قويىدۇ چاۋادا ،
بېشى ئاغرىپ ئايلانسا، ھۇشى كەلمەي ناۋادا ،
ئىسسىق ئۆيگە دۇملەيدۇ، ياكى بولسا ھاۋاغا ،
ئۆلۈپ كەتسە شۇكرى قىپ، تەقدىر دەيدۇ خۇداغا ،
نىجاتلىقنى ئىزدەيدۇ، بارالايدۇ خۇراپات .
خۇراپاتنىڭ دەردىدە ، تالاي كىشى ئۆلىدۇ ،
ئۆيدە تۇغۇپ ئاياللار ، ئازاپلارنى كۆرىدۇ ،
يىڭىلىقنى كۆرگەندە ، گاڭگىراپلا تۇرىدۇ ،
ئامال بولماي ئاخىرى جەدىتلەردىن سورايدۇ ،
پۇشايماننى قاچىغا ، ئالالايدۇ خۇراپات .
خۇراپاتنى ئىغىزدا ، تىللاپ قويۇپ تۇرىدۇ ،
كەلسە ئەنە بېشىغا، ئەپسۇن سۇرۇپ ئوقۇيدۇ ،
يالغان، ئۆسەك سۆزلەرنى، نەچچە قىتىم توقۇيدۇ ،
ئەي بىچارە نادانلار، يەنە بىرنى چوقۇيدۇ ،
كونىلىقنىڭ سېزىنى ، چالالايدۇ خۇراپات .
ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق
|