3-8 كۈنىدىكى راس ئىشلار خاتىرسى(فاتىمە) 
3-8 كۈنىنى دوسلىرىم بىلەن قانداق تەبرىكلەشنى ئويلىشىپ ئاخىرى ھەممىمىز يىغىلىپ بىللە تاماق يەيلى دىيىشتۇق قىزلار ھەممىسى سىنىڭ ئۆيۈڭدە ئولتۇرايلى يولدۇشۇڭ كاماندورۇپكىغا چىكەتكەن بولغاندىكىن دىيىشتى. مەنمۇ بۇلىدۇ، يالغۇز غېرىپ سىنىپ ئولتۇرغۇچە دەپ كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ دەقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق ئىتىپ يەيلى دەپ ئويلىدىم. ئىشتىن چۈشۈپلا بازارغا چىقىپ ئەتىنىڭ تەييارلىقىنى بىر قۇر قىلىپ قۇيۇپ .بالامغا بىردەم كىتاپ ئۇقۇپ بىرىپ ئۇخلىتىپ قۇيۇپ . ئۆزۈممۇ زامانە ئاخىرى ئاياللىرى دېگەن كىتاپنى خېلى چاغقىچە ئۇقۇپ ئۇزۇن چاغلاردائۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتتىگەن سائەت بەش بولمايلا تېلفۇن جىرىڭلاپ كەتتى. ئۇيقۇمنى ئاران ئېچىپ تېلفۇننى ئالدىم .ۋەي،دىيشىمگىلا؟ قارشى تەرەپتىن ئاچا-ئاچا تاغام بارمۇ دەپ يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.ئۇيقۇچىلىقتا تازا ئاڭقىرالماي قالدىم. ۋوي، نىمىش بولدى سىڭلىم تاغىڭىز يوق كامۇندۇرۇپكىغا چىكەتكەن ئىدى،دىدىم. ماڭا دەڭە دىسەم ئاچا تىز كىلىڭە دادام كىچىدىن بۇيانى پىچاق كۆتۈرۈپ ئاپامنى ئۆلتۈرۋېتىمەن دەپ بىزنى بەك قۇرقۇتىۋەتتى. دىدى.ئۇف ،ئىت- پوق يىمەستە بۇ كىلىشمەسلىكتىن بەك ئاچچىقىم كەلدى. بۇ يولدۇشۇمنىڭ ئاچىسىنىڭ قىزى ئىدى. يولدۇشۇمنىڭ ئاچىسنىڭ ئىرى نەچچە يىلنىڭ بۇيانى ئائىيلىگە نىسپەتەن پۇل تېپىپ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلماي دائىم سىرىتتا قىمار ئويناش ھاراق ئىچىشتەك بولمىغۇر ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ يۈرەتتى. ھەتتا ئۆينىمۇ سېتىپ تۈگەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇردېغان يىرى يوق چوڭ ئۆيدە قېينى ئاپام بىلەن بىللە تۇراتتى. مانا بۇ بۇلۇمسىز ئەرنىڭ سىرىتتىكى قالايمىقان ئىشلىرى، ئاز كەلگەندەك دائىملا ھاراق ئىچىۋېلىپ يولدۇشۇمنىڭ ئاچىسىنى ئۇرۇپ كىتەتتى. بۇ ئىشقا يولدۇشۇم بىر نەچچە قېتىم ئارلاشقان بولسىمۇ؟ ئاچىسى يەنە ئەپلىشىپ قېلىپ ئاخرى ئۇكام سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارلاشما دەپ يولدۇشۇم ئەسكى بۇلۇپ قالاتتى. بۇ ئىش بۇرۇن بەك ئېغىر ئەمەس بىر ئايدا بىر ئىككى قېتىم سادىر بۇلۇپ تۇراتتى. يولدۇشۇم باشتا ئارلىشىپ كىيىن ئارلاشمايدېغان بولغان ئۇلارمۇ بۇنداق ئىشلار بولسا يولدۇشۇمغا دىمەيدېغان بولغان ئىدى .مانا بۈگۈن يەنە بۇ ئەنسىز خەۋەر يەنە كەلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆيدە ئولتۇرغىلى بولسۇنمۇ ؟بالامنىمۇ ئويغاتمايلا ئاستا چوڭ ئۆيگە باردىم.ئۆيدە قىزنىڭ يىغى ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قېينى ئاپام قېينى ئاچام بىلەن بىر قۇر كۆرشۈپ ئولتۇردۇم ۋە بولغان ئىشلارنى سوردۇم.قېينى ئاپام بولغان ئىشلارنى ماڭا دەپ بىرۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئىچىدىكى ئۆيدىن قېينى ئاچامنىڭ ئىرى قۇلىدا چوڭ بىر پىچاقنى كۆتۈراپ ۋاقىرغىنىچە ئېتلىپ چىقتى. مەن قورقۇققىنىمدىن يۈگۈرۈپ بىر بۇرجەككە قىسىلدىم قېينى ئاپام كىيئۇغلىنىڭ ئالدىغا ئۆلتۈرسەڭ مىنى ئۆلتۈر مەن ياشايدېغاننى ياشاپ بولدۇم دەپ باردى. -شۇ ۋاقىتتا يولدۇشۇمنىڭ يەنە بىر ئاچىسىنىڭ ئىرى كەلدى.دە،ئۇ مەلئۇننى تارىتىپ دېگەندەك ئىچكىركى ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. قۇرۇققىنىمدىن يۈركۈم قاتتىق سۇقۇپ كەتتى. بىردەم ئۇ مەلئۇننىڭمۇ ئاۋازى بېسىقتى. مەن قېينى ئاچامغا 110 غا مەلۈم قىلايلى دېسەم بولدى.ئۇلار ئەر ئايالنىڭ ئىشىغا ئارلاشمايدىكەن دەپ ئۇنمىدى. قېينى ئاچامنىڭ قىزى يىغلاپ چىقىپ ئاپىسىغا بۇنداق دادام يوق مىنىڭ ئاجرىشىپ كەت بولمىسا ئۆيدىن چىقىپ كىتىمەن دەپ قورقۇتتى. شۇنداق تۇراتتى بۇ نىجىس ئەر يەنە ۋاقىراپ چىقتى. بۇ قېتىم بىچچارە قىزنىڭ ئالدىغا پىچاق كۆتۈرۈپ چىقتى . بۇ ۋاراڭ-چورۇڭدىن خوشنىلارمۇ چۈچۈپ كىردى .دە بۇ ساراڭ ئەرنى يەنە ئىچكىركى ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. بۇ قىز بولسا قوققىنىدىن شۇ يەردىلا ھۇشۇدىن كەتتى. مەن قېينى ئاچام بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ قىزنى ھۇشۇغا كەلتۈردۈك ، مەن قېينى ئاچامغا دىدىم.قاراڭ قىزىڭىزنىڭ ھالىغا بۇنداق ئەردىن دەرھال ئاجرىشىپ كىتىڭ ھازىرلا بىز سوتقا بارايلى دىدىم. ئۇمۇ قۇشۇلۇپ مەن بىلەن بىللە ماڭدى.بىز سوتقا بارغۇچە چۈش بۇلۇپ قېلىپ ئىشتىن چۈشۈپ كىتىپتۇ. مەن قېينى ئاچامغا دىدىم سىز ئۆزىڭىز ئاجراشسىڭىز ئۇزۇنغا توختايدۇ بۇ ئىشنى ئادۇكاتكا تاپشۇرايلى ھەممە ئىشقا شۇلار ماڭسۇن دېسەم قۇشۇلدى. بىز شۇزامات ئادۇكاتلار ئىش بىجرىش ئورنىغا باردۇق. ئادۇكات ئايال بۇلۇپ بولغان ئىشلارنى ئادۇكاتقا ئېيتىپ بەرگەن ئىدى ئادۇكات ئەڭ تىز بولغاندا 15 كۈندە ھەل قىلىپ بۇلىمەن دىدى. قېينى ئاچام ئۇنىڭدىنمۇ تىز بولمامدۇ دېگەن ئىدى .ئادۇكات مەن ماڭسام مۇشۇنچىلىك تىز ئۆزىڭىز ماڭسىڭىز نەچچە ئايغا سۆرلۈپ كىتىدۇ .ئاراڭلاردا مۇرەسسە قىلىدېغان خېلى ئىشلار باركەن دىدى. بىز ئادۇكاتقا ھېلى ماتىريالنى ئېلىپ كىلەيلى دەپ تۇرساق يەنە ئىككى ئايال كەلدى.بۇ ئىككىلا ئايال خېلىلا ئېغىر تاياق يىگەن بۇلۇپ ئادۇكاتقا يارلانغان يەرلىرنى كۆرسەتكەنتى. مەنمۇ ھەيران قالدىم .بۇ ئاياللار ئىرى بىلەن ئۆي تۇتقىلى 15-يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان ئاياللاردەك قىلاتتى. بۇلارمۇ ئادۇكاتقا 3 كۈن ئىچىدە ئاجراشتۇرۇپ قۇيسىڭىز نەچچە پۇل دىسىڭىز بىرەيلى دەپ يىغلاۋاتاتتى. بىچچارە ئاياللار مۇشۇ ئاياللار بايرىمى كۈنىنىمۇ خۇشال ئۆتكۈزەلمەي ئەرلىردىن تاياق يەپ ئاچچىقتا بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى. بىزمۇ ئۇ يەردىن چىقىپ مەن قېينى ئاچامغا بىزنىڭ ئۆيگە كىتىڭ خىزمەتكە بىزنىڭ ئۆيدىن بېرىڭ ئىنىڭىز كەپ بولغۇچە دىدىم.ئۇمۇ قۇشۇلدى. شۇنداق قىلىپ ماڭا بۇ 3-ئاينىڭ 8 كۈنى مانا مۇشۇنداق دەتمەنلەرنىڭ دەردىگە يىتىش بىلەن ئاخىرلاشتى. يولدۇشۇم قايتىپ كىلىپ قېينى ئاچامنى ئېلىپ سوتقا ئاجىرشىش ئەرىز سۇندى. لېكىن ئۇلار باشتا مۇرەسسەلەشتۈرمىز دەپ 15 كۈن كىچىكتۈردى. 15 كۈندىن كىيىن ئىككىسىگە تەربىيە خىزمەت ئىشلەپ ئەپلەشتۈرۈپ قۇيۇپتۇ. لېكىن قېينى ئاچام قۇشۇلمىدى. ئاردىن يەنە 15 كۈن ئۆتكەندە سوتقا چاقىرىپتۇ.قېينى ئاچام بارغان بىلەن ئىرى ئاجراشمايمەن دەپ بارغىلى ئۇنىماي تۇرۋالدى.سوتتىكىلەرمۇ قېينى ئاچامغا ساقلاپ تۇرغىن بىز يەنە چاقىرىق ئەۋەتىمىز يەنە كەلمىسە مەجبۇرى ئەكىلىمىز دەپ بۇلارنىڭ ئىشىنى نەچچە ئايغا سۇزۇۋەتتى. مۇشۇ ئارلىققىچە بۇ نىجىس ئەبلەخ نەچچە قېتىم يەنە كەلگەندە يولدۇشۇم 110 مەلۈم قىلدى. لېكىن ئۇلارمۇ ئۇياقتىن تۇتۇپلا بۇياقتىن قويۋېتىدىكەن. يېرىم سائەت ئۆتمەستە بۇ ئەبلەخ يەنە كىلىپ جىدەل قىلدى. ئۆيدە يولدۇشۇم بولغاچقا ئۆيگە كىرەلمەي سىرىتتا ساراڭلىق قىلىپ تۇردى. مۇشۇنداق قېينى ئاچامنى يولدۇشۇم قوغداپ خىزمىتىگىمۇ كۆپ دەخلىسى يەتتى. سوتتىن بولسا 6 ئايغىچە جاۋاپ بەرمەي يەنە ياراشتۇرۇپ قۇيۇشقا چاقىرىپتۇ. قېينى ئاچامنىڭ ئاجرىشىش ئىشى مانا ئىرى ئاجراشمايمەن دىگىنى ئۈچۈن ھازىرقىچە سۇزۇلۇپ كىلۋاتىدۇ. قېرىنداشلار مانا بۇ قانۇن قانۇنغىمۇ بېرىپ بولغۇچە ئاجراشتۇرۋېتىدېغان ئەر-ئايالنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ ئەرنى جازالاپ بىردېغان ئۇنداق ئىشلارمۇ ئاسانلىقچە يوققەن. بىز شۇ چاغلاردا قانۇننىڭ بىرەر چوڭ ۋەقە چىقمىغۇچە ئەر-ئايالنىڭ ئىشىغا بەك ئارلاشمايدېغانلىقىغا ئىشەندۇق. بۇ تىيمامنى يېزىشىمدىكى مەخسىتىم قايسى كۈنى يوللىغان ئىرىم سىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن دېگەن تىيمىدىكى بەزى تورداشلارنىڭ تىيمىدىكى قىزنى دۆت خۇتۇنكەن قانۇندىن پايدىلىنىشنى بىلمەيدىكەن دېگەن ئىنكاسىدىكى كۆز قارشىنى يۇرتۇش ئىدى. ئۇ تىيمىدىكى قىزنىڭمۇ ھەقىقەتەن بەزى ئاجىزلىقلىرى بار ئىرىمنىى ياخشى كۆرمەن ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا ئىرىمنى يامان قىلمايمەن دەپ نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارغا يول قويغان . مەنبە خاتىرەم 
|