مىنىڭمۇ ئانام ئۇ تۆھمەت چاپلىما. توردىن"
قىزلار ئالۋاسىتى ماڭا بىر چاپلاشقان"دىگەن تېمىدىكى شېئىرنى كۆرۈپ ، جاۋابەن بۇ شېئىرنى يازدىم.قىزلىرىمىزغا مۇنداق ئاھانەت قىلمايلى،ئۇلار سىزنىڭ، مىنىڭ،ھەممىمىزنىڭ ئانىسى
بولغان، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇمىللىتىمىزنىڭ ئانىسى! قىزلارنى"ئالۋاستى" دەپسەن ئويلاشماي، شۇ قىزلارتايىپى بىلگىن ئاناڭمۇ. زوراۋان - قىزلارمۇ؟ ئەسلى ئۆزەڭسەن، گۇۋاھچى ھەتتا كى سىنىڭ بالاڭمۇ.
ئاشىق بولغانتىڭ ئالۋاستى دىمەي، ئۇلارنىڭ ئىشقىداسەۋدا بولغىچە. قۇتلۇقلاپ يۇرىۋەر تەنھالىقىڭنى، ياشاۋەر بىر ئۆزەڭ،"تەشنا بولغىچە".
چۈشۈڭدە كۆرگۈنىڭ"رەزىل قىزلار"كەن، " ئۇلۇغۋار چۇش كۆرۇش" نىسىپمۇ بولماس! چىن تۆمۈرگە خاستۇر شۇمىسران قىلىچ، مەختۇمسۇلا ھەرگىز بىر رەزىل ئەمەس!
قان ئىچەر تەبىئەت بولسا سىنىڭدە ، ئىچىشتىن يانمايسەن مەينەت قانلارنى. بىلەمسەن نوزۈگۈم قەيسەر ئاناڭدۇر، نومۇس قىل،قارلىدىڭ ھەتتا ئاناڭنى.
ئەزەلدىن" ئاۋاستى قىزلار" بارتىغۇ ، شۇلارنىڭ پۇشتىسەن ھەرگىز ئۇنۇتما. ھاقارەت قىلمىغىن شېئىر يازدىم دەپ، مىنىڭمۇ ئانام ئۇ تۆھمەت چاپلىما.
مەنبە:يازمامدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-4 12:31
|