ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كومپىيۇتىر بىلىملىرى مۇختار روزى Photoshup CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارق ...
كۆرۈش: 545|ئىنكاس: 10
go

مۇختار روزى Photoshup CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە)

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-20 18:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭقى بار پىروگراممىر، خالىس ساخاۋەتچى مۇختار روزى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى، سۈپەتلىك، ھەقسىز دەرسلىكلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ . بىلىم ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ياشلارنى پىروگرامما ۋە تور پىروگراممىسى تۈزۈش ھەققىدە مەخسۇس تەربىيلەۋاتىدۇ .
بىز مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ روھلان تور بېكىتىنىقوللىشى بىلەن روھلان تورىداPhotoshup CS5 نى ئىشلىتىپ، ھەرخىل سۈرەت، لايىھەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش دەرسى، VB پىروگرامما بىلىملىرى بۇيىچە ئەمەلىي مەشخۇلات دەرسى، PHP دا تور بېكەت ياساش دەرسى قاتارلىق ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، تەپسىلىي ، ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈلگەن دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقتىش پۇرسىتىگە ئېگە بولدۇق، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ياش پىروگراممېر مۇختار روزى ئەپەندىگە چوقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەم بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز .
بۇ قېتىم تارقىتىلماقچى بولغىنى Adobe Photoshup CS5 دېتالىدا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش، Adobe Photoshup CS5 دېتالىدىكى بىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىقتىدارلار تەپسىلىي ئاۋازلىق قىلىپ تۇنۇشتۇرۇلغان ئومۇمىي سىغىمى 1 گىگابايتتىن ئاشىدىغان، جەمئىي 90 قىسىمدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە سىنلىق دەرسلىك بولۇپ، بىر قانچە پارچىگە بۆلۈپ يوللىنىدۇ، ھەر قېتىم يوللانغاندا چۈشۈرۈش ئادرىسى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ .
تۆۋەندىكى بىر قىسىم دەرسلىكنى كۆرۈپ بېقىڭ .(ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئويلىشىپ، ۋاقتى ئەڭ قىسقا، سىغىمى ئەڭ كىچىك بولغان بىر دەرسنىڭ كۆرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىدۇق)



سەل ساقلىسىڭىز كۆرەلەيسىز، كۆرەلمىسىڭىز بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئادرىسنى كۆچۈرۈپ شۈنلېيگە چاپلاڭ .
  1. http://www.rohlan.cn/bilim/Muhtar-Rozi-PS-Cs5-www-Rohlan-Biz.swf
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
دەرسلىكنىڭ پىرىستىن يېشىش مەخپى نۇمۇرى: www.rohlan.biz
بۈگۈنكىسى جەمئىي 9 قىسىم دەرسلىك بولۇپ، ئومۇمىي سىغىمى 114 مىگابايت .
1-دەرستىن 9-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page

10-دەرستىن 14-دەرسكىچە 5 دەرس يوللاندى، ئومۇمى سىغىمى: 85 مىگابايت
10-دەرستىن 14-دەرسكىچە چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://down.qiannao.com/space/fi ... .Biz-005d.zip/.page

بۇ دەرسلىكتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر قانچە كومپيۇتېر، بىلىم تور بېكەتلىرىگە يوللاندى، ئەمما بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىنى داۋاملىق ھالدا بارلىق بېكەتلەرگە يوللاپ بولۇشقا يېتىشىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللىنىۋاتقان 80 قىسىم دەرسلىكنى ئەسلى مەنبەدىكى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرىۋالغايسىلەر، ئەسلى مەنبەدىكى تېمىغا ھەر كۈنى يوللانغانلىرى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ، پەقەت مۇشۇ بىرلا تېما ئارقىلىق بارلىق دەرسلىكلەرنى چۈشۈرىۋالالغىلى بولىدۇ .
بۇندىن كېيىنكى قىسىملىرىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html
مەنبە: روھلان تور بېكىتى


ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى: روھلاننىڭ مىكروبلوگى

Rank: 8Rank: 8

توردا
908سائەت 
نادىر تېما
دوست
163 
يازما
3318 
تېما
494 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-20 18:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بىلىملەركەن ... ئەجىرىڭىزگە رەھمەت ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-20 19:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تورداشلارنىڭ ۋاقتى يار بەرسە ئۆزىنىڭ بلوگى ۋە بىلىدىغان، كۆپ كىرىدىغان بارلىق تور بېكەتلىرىگە يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، چۈنكى بۇ دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان، بۇلارنى چۈشۈرۋېلىپلا سودىغا ئىشلىتىدىغان ھايانكەشلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ . بۇ دەرسنىڭ ھەقسىز ئېكەنلىكىدىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلىرىمىز خەۋەر تاپسۇن .

توردا
1525سائەت 
نادىر تېما
دوست
53 
يازما
1937 
تېما
162 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-20 22:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى چۈشۈنۈشلۇك قىلىپ سۆزلەپتۇ.

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-21 11:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
21-دەرستىن-26-دەرسكىچە بولغانلىرىدا 22-23-24-دەرسلەر يوق، لېكىن خاتىرجەم ئۆگەنسەڭلار بولىۋېرىدۇ، بۇنى مۇختار روزى ئەپەندىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندىلا يوق ئدى، بۇ دەرسلەرنىڭ يوقلۇقى دەرسنىڭ ئۈنۈمىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
1014سائەت 
نادىر تېما
دوست
106 
يازما
2536 
تېما
96 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-21 19:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت، مەنمۇ سىناب باقاي، ئۆگۈنەلەمەنمۇ ؟
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-22 19:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش mamatjan005 نىڭ يازمىسى

بۇ دەرس بەك تەپسىلىي تۈزۈلۈپتۇ، ئۆگىنەلەيسىز .
ھازىر بۇ دەرسلىكنىڭ 65-قىسىمىغىچە يوللىنىپ بولدى، تورداشلار ۋاقتىدا چۈشۈرىۋالغايسىلەر

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-24 03:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
85-قىسىمغىچە يوللىنىپ بولدى

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-24 22:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
95-قىسىمغىچە يوللىنىپ بولدى
شۇنىڭ بىلەن مۇختار روزى ئەپەندى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتقان Adobe Photoshop CS5 نىڭ تولۇق يوللىنىپ بولدى . بۇ دەرسلىكنى شۇنچىلىك جاپا تارتىپ ئىشلەپ، كەڭ ئاممىغا ھەقسىز سۇنغان مۇختار روزى ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز، مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ئېسىل روھى ئۈچۈن مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ تور بېكىتى http://www.xmrit.com نى ھەر قايسى بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگگىرلارنىڭ ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، بۇ http://www.xmrit.com تور بېكەتتە مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ ئەڭ يېڭى دەرسلىك ئۇچۇرلىرى، ئۆزگىچە يازمىلىرى، ئىجادىيەتلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ .

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-5 02:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

دەرسلىك تولۇقلىمىسى:
بۇ دەرسلەرنى يوللاش جەريانىدا تورداشلار بۇ دەرسلىكلەردىن 3-14-22-23-24-69-دەرسلەرنىڭ يوقلىقى يادكى پىرىستىن يېشىشتە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 3-22-23-24-دەرسلەرنىڭ تەرتىپ نۇمۇرى قويغاندا ئاتلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بار دەرسلىك ئىكەنلىكىنى، 14-دەرس بىلەن 69-دەرسنىڭ ھەقىقەتەن پىرىستىن يەشكەندە خاتالىق كۆرۈلۈپ يېشىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق، 14-دەرسنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بارلىق قىسىملىرى بىلەن قوشۇپ قايتىدىن بوشلۇققا چىقىرىپ يېڭىلىۋەتكەن، ئەگەر دەرسلىكى ئىچىدە 14 قىسىم يوقلار ئەسلى مەنبەگە كىرىپ 14-دەرس بار بۆلەكنى قايتا چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ . 69-دەرسمۇ پىرىستىن يېشىشتە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكتىن ئايرىم يوللاندى، بۇ بىر قىسىم دەرسلىكنىڭ سىغىمى 98 مىگابايت بولغاچقا يوللاشقا بىر قەدەر ۋاقىت كېتىپ، تورداشلارغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمەي قالدۇق .
69-دەرسنىڭ يېڭى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-28 12:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.