ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكمەت ئۈنچىلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھېكمەتلىرى
كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 2
go

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھېكمەتلىرى

Rank: 8Rank: 8

توردا
68سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
97 
تېما
25 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن ، ئۈچ ئەڭگۈشتەرنى يوقىتىپ قويدۇق . بۇ ، بىزنىڭ « يۇلتۇز »ىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى . ئۇلار : مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىدىن تۆرەلگەن بىرلىك - ھەمدەملىكى ، مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيەت تىپىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئەنئەنە ئىزچىلىقى ، ئەقىلنىڭ ھېسسىياتتىن ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى شەكلى بولغان نەزەرىيىۋىي تەپەككۇردىن ئىبارەت .
* قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ ، مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ - ئۆي زىياپەت ، پۇل تاپسا مەككە - مەدىنىگە زىيارەت ، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا - پاقالچاق ، ئۆپكە - ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربى يەتمىگەن خەلقنىڭ ئەسىر ئالماشقان بىلەن رىسقى - نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ ؟


* ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوققا چىقىرىش مىللەتنى ھالاك قىلىش دېمەكتۇر .

* كىتاب _ لوقمان ھەكىم ، كىتاب _ رۇستەم پالۋان ، كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا . بۇ ، ئاددىي تەسۋىر ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !

* بىز « ئېتنولوگىيىلىك مىللەت » كاتېگورىيىسىدىكى « ناخشا - ئۇسسۇل مىللىتى » ، « شېئىر مىللىتى » بولۇپ قېلىۋەردۇق . بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىك ، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى .

* سەنئەتتە داڭ چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت - ماكانسىز جاھان كېزىپ ، تىلەپ - تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن ، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ ، جەڭ - جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقاد ، نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن « ئالىملار مىللىتى » ، « قۇدرەتلىك ، زامانىۋى مىللەت » كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق .

* مىللىتىمىز پارلاق مەدەنىيەت « ئەلئېھراملىرى »نىڭ بىناكارلىرى بولۇشى بىلەن بىللە ، ھازىرقى « ئېتنىك مەنىدىكى مىللەت »لىك كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ چىققىنى يوق . ئۇلار چەت ئەللەرگە تارقىلىشنى خالايدۇكى ، يەھۇدىيلاردەك چەت ئەللەردىن كېلىپ توپلىنىشنى خالىمايدۇ .

* ھەسەتخورلۇق تەرىپىدىن چىرمىۋېلىنغان مىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ تۇرسىمۇ ، قەلبى پارچىلانغان مىللەتتىن ئىبارەت . قەلبى پارچىلانغان مىللەتنىڭ تىلى بۇ قەلبنى پارچىلاشقا خىزمەت قىلىشتىن باشلاپ ، بۇ مىللەتنى ھالاك قىلىش بىلەن ئۆزىنىمۇ ھالاك قىلىدىغان تىل بولماي نېمە ؟

* ئېسىڭدىن چىقمىسۇنكى ، ھەقىقىي قەلب جەننىتىنىڭ شېرىن كەۋسىرىگە تەشنا ئىكەنسەن ، ئۇنى جەننەت ماقاملىق قەلبتىن ئىزدە ، كەۋسەر قاچىلانغان ئىدىشنىڭ شەكلى - پەكلى بىلەن كارىڭ نېمە ؟ ! چۈنكى ئويغـانغانلار تولىمۇ ئاز ۋە ئۇلار خېلى يول يۈرگەن ! بىلگىنكى ، ئىنساننىڭ يېتىلىش يولىنى سىزىپ بەرگەن دانىشمەننىڭ نۇرانە سىماسىنى ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىدىن ئىزدىمە ! ئۇنى سەن ئىزدە ، ئۇ ، ئات مىنگۈچىلەر بىلەن ئاتنى قانداق مىنىشنى ئۆگەتكۈچىلەر قاتارىدا !

* ئىنسان گۆھەرسىزلىكتىن گاداي ئەمەس ! چارىسىزلىكتىن بىچارە ئەمەس ! ئۇ ، قۇل ، ئەمما بۇنىڭ ۋەجى دۇنيادا ئەركنىڭ مەۋجۇد بولمىغانلىقىدىن ئەمەسقۇ ، ئاخىر ! ! !
* تىلەكلىرىڭنىڭ سەۋەبكارى _ ئاجىزلىقىڭدۇر .
* كۆپ ئويلىدىم : بىر مىللەت ئومۇمىي ئويغىنىش دەۋرىدە بىر كۈن كېچىكىپ ئويغـانسا ، بىر يىل ئارقىدا قېلىشى تەبىئىي ! بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭ خۇرسۇندى ئىللەت _ ئۇنىڭ جاسارەتسىزلىكى ، ساختا ئىپتىخار ۋە بىكار تەلەپلىكى ! تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك لەنەت تاختىسىغا مىخلىنىشتىن ئىبارەت ! ئارىف _ ئويغـانغان ئىنساننىڭ خىزمىتى ئويغىتىشتىن ئىبارەت . ئۇنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئۆز پاجىئەسى ئەمەس ، بەلكى مىللەتنىڭ ئومۇمىي تارىخىي پاجىئەسى !

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھېكمەتلىرى ناملىق كىتاپ

ئېلىنغان مەنبە :تەرمىلەر
http://tarmilar.com/Mazmun.asp?id=102

Rank: 8Rank: 8

توردا
249سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
594 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئېسل دۇردانىلەر ئىكەن،رەھمەت سىزگە~!

توردا
104سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
512 
تېما
50 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئېسل دۇردانىلەر ئىكەن،رەھمەت سىزگە~!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-6 02:28

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.