نۇرتورى ئىلاۋىسى : كاۋاپچى ئالىمجان ئۆزىنىڭ تەسىرلىك خەير ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بىلەن جۇڭگو ئاخبارات ۋاستىلىرىنى زىل زىللىگە كەلتۈرۈپ،شىنجاڭلىقلارغا شان شەرەپ كەلتۈرگەن بولسا،مانا بارى ياپۇنلۇقلار بىلەن ئوينالغان كۇلۇبلارنىڭ ئاسىيا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە قالتىس بىر پاس،دۇنياۋى سەۋىيىدىكى ئاسما توپ بىلەن جېجىياڭ كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشىغا ھەسسە قۇشۇپ،ياپۇنللار كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ جۇڭگو خەلقىگە ،جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە شان شەرەپ كەلتۈرۈپ،بىر كىچىدىلا ئاسىيا ۋە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە داڭلىق شەخىس بوپ قالدى.
ئەينى ۋاقىتتا قاسىمجان CCTV دا ئېنگىلزچە نۇتۇق سۆزلەپ نەتىجە قازىنىپ،CCTV دا نۇرغۇن شىنجاڭلىق نۇتۇق سۆزلەش چولپانلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە يول ئىچىپ بەرگەن بولسا،مانا بۈگۈن بارى دۇنيا پۇتبول ئەھلىگە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.تېخىمۇ كۆپ بارىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە داغدام يول ئىچىپ بەردى.ئۇ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزگەن ئۇيغۇر بوپ قالدى.

ۋاڭيى تورى خەۋىرى:
مەيدانغا چىقىپ بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە رامىلىسنىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەم قىلىپ تەڭلىشىپ قېتلىشتەك قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئاخىرىدا يەنە بىر توپنى لەيلىتىپ ۋاراتارغا ئۇرۇپ، ئىلگىرىكى ياپۇنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋاراتارىنى ئىزاغا قويدى، بۇ دەل خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىدىكى ئەزىمەت توپچى-بارى. نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىغا نىسبەتەن، بارى دىگەن بۇ ئىسىم ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس، ئۇ تېخى ئەمدىلا نۆۋەت دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىغا كىرگۈزۈلگەن. لىكىن ناگويانى كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسىدىن كىيىن، بۇ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا، ھەتتا مىرئەخمەتجاندىن ئېشىپ شىنجاڭدىكى بىرىنچى پۇتبولچى بولۇپ قېلىشىغا ئېشىنىمىز.

غەلبە شاتلىقىغا چۈمگەن بارى
گەرچە تۇنجى قېتىم ئاسىيا ئازغۇنلۇق كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەقىبى J بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان ناگويانى كوماندىسى بولسىمۇ، خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى ئازراقمۇ قورقۇپ قالمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 59 مىنۇت بولغاندا، نەتىجە يەنىلا 0:0 ئىدى، لىكىن ئۆز مەيدانىدا ئويناۋاتقان يېشىل شەھەر كوماندىسى بۇ نەتىجىدىن رازى بولماي بەدەن كۈچى يېتىشمىگەن شېن لوڭيۈەننىڭ ئورنىغا بارىنى مەيدانغا چۈشۈردى.
بارى تېرنىر ۋۇ جىنگۈينىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمىدى، مەيدانغا چىقىپ 41 سىكونت بولغاندا، سەبدېشى پاس بەرگەن توپنى ئېلىپ، رەقىبىنى بەدىنى بىلەن توسىغاندىن كىيىن توپنى ۋارتانىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەردى، رامىلىس دەرھال توپنى تېپىپ ۋاراتاغا كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە نەتىجىسى 1:0 بولدى. بۇ بىر توپنىڭ تۆھپىسىنىڭ يېرىمى رامىلىسقا بولسا ، يېرىمى بارىدا بولدى، چۈنكى رامىلىس پەقەت ۋارتانىڭ ئالدىدىكى توپنى بوشقىنا تېپىپ ۋارتاغا كىرگۈزۈپ قويدى خالاس.

J بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان ناگويانى كوماندىسى بۇنىڭغا قاراپ تۇرماي قاتتىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا بارى ئۆزىنىڭ بەدەن كۈچىنىڭ ياخشىلىقى ۋە سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلدى. مۇداپىئە قىلغاندا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تەرەپنى توسىدى، ھۇجۇم قىلغاندا، يان تەرەپتىن بېسىپ كىردى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 85 مىنۇت بولغاندا، بارى رامىلىس پاس بەرگەن توپنى ئېلىپ تىز سۈرئەتتە بېسىپ كىرىپ، لەيلىتىپ بىر توپ تەپتى، توپ بوشلۇقتا ياي شەكلىدە ناھايىتى چىرايلىق ئۇچۇپ بېرىپ ۋارتارغا كىردى. بۇ توپ بىلەن يېشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ غەلبىسى مۇقىملىشىپ قالدى، بۇ بارىنىڭ ئاسىيا ئازغۇنلۇق كۇلۇبلار پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن تۇنجى توپى بولۇپ قالدى. مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شۈ ياڭمۇ ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن « ئۇنى قانداقمۇ بارى دىگىلى بولسۇن، ئۇ دىگەن باتىستۇتا ئىكەن» دەپ كەتتى.
بارىمۇ مىرئەخمەتجانغا ئوخشاش شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر توپچى. دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى ۋە دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ باققان مىرئەخمەتجان بارىدىن بەكرەك داڭلىق، لىكىن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بارىنىڭ تۆھپىسى مىرئەخمەتجاندىن كۆپ .بارى 16 ياش ۋاقتىدا، شىنجاڭ كوماندىسى بارىنىڭ بىر توپى بىلەن 46 يىلدىن بۇيانقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. 2009-يىلى ۋۇ جىنگۈي شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كىيىن بارىنىڭ سۈرئىتى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوينايدىغانلىقىنى ياقتۇرۇپ قالدى. مۇسابىقىدىن كىيىن، شىنجاڭدا كەسپى پۇتبول كولوبى بولمىغاچقا، بارى ئىشسىز قالدى، يىل ئاخىرىدا ۋۇ جىنگۈي بارىنى يېشىل شەھەرگە ئېلىپ كەتتى.
ئۆتكەن يىل مىرئەخمەتجان جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كولۇبىدا توپ تەپكەن تۇنجى شىنجاڭلىق توپچى بولۇپ قالغان ئىدى، لىكىن بارى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كولۇبى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزگەن تۇنجى شىنجاڭلىق پوتبولچى بولدى. 2007-يىلى شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بارىنى ئىككى قېتىم جۇڭگو ياشلار كوماندىسىغا تەۋىسيە قىلغان ئىدى، لىكىن ئىككىلا قېتىمدا رەت قىلىنغان. ئالدىنقى قېتىمقى دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى مەشىقىدە، بۇلازىۋىچ بارىنى دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىغا ئېلىپ كىردى.
بىز پەخىرلىك توپچىمىز بارىنىڭ ئولىمپىك تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشلەيدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز.
مەنبە:نۇر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-2 21:47
|