ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › چۈشدىكى سۆھبەت(چوغلۇق)
كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 5
go

چۈشدىكى سۆھبەت(چوغلۇق)

Rank: 8Rank: 8

توردا
210سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
19 
يازما
354 
تېما
177 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

چۈشدىكى سۆھبەت



سېغىندىم بىلەمسەن بۇگۈن تېخىمۇ،

تۈنۈگۈن تونۇشۇپ قالغان بولساقمۇ.

تەشنامەن ھەر كۈنى سىنى كۆرۈشكە،

تاڭغىچە ئۇچۇرلار يوللاپ تۇرساقمۇ.




بۈگۈنمۇ خوشلاشتىم بولغىن ئامان دەپ،

بىلمىدىم ئۇيقۇغا كەتتىم قايسى چاغ.

بۇ كېچە كىرىپسەن يەنە چۈشۈمگە،

مۇڭدۇشۇپ ،كۆڭلۈمدە قاپتۇ قارا داغ:




دەپتىمەن:" تۈنجى رەت سۆيدۇم سىنى مەن،

تىمتاس كۆڭلۈمنى قىلغاچ مالامان"

ئاتايمەن بارىمنى شۇڭا مەڭگۈگە،

دىل-كۆڭلۈم تەلپۈنەر ھەرۋاق سەن تامان."



سەن دەپسەن:"چۈشەندىم چىندۇرئەقىدەڭ،

ئەممابىل، ئەمەسسەن ئۆمۈرلۈك ھەمرا "

" ھەممىسى تەل بولغان قېران يىگىتلەر،

بىلىپ قوي بولىدۇ ئۆمۈرلۈك ھەمرا"


دەپتىمەن:"كۆيگەننىڭ بىلمەي قەدرىنى ،

نامەردنى قەدىرلەپ يەنە سۆيۈۋەر."

سەن دەپسەن:"مۇناسىپ ئەمەسسەن ماڭا ،

قانداقمۇ ماس كىلەي ،كۆيسەڭ كۆيۈۋەر"


"بەخىتنىڭ ئۆلچىمى ھەرگىز بۇ ئەمەس،"

-دەپتىمەن"بۇكۆڭلۈڭ پەسمۇشۇنچىلا"

"مەيلىغۇ،شەرتىم شۇ "دەپسەن قىزارماي،

"ئەيىپلەپ كەتمىگىن كايىپ بۇنچىلا"


"توۋا"دەپ ياقامنى تۇتتۇم ئېچىنىپ،

بۇ ھايات ئويلىغان ئويدەك بولامدۇ؟

دىدىممەن:" كۇپۇرلۇق كەتمەچوڭ سۆزلەپ،

بۇ چىراي مەڭگۈگە سەندە تۇرامدۇ؟"




"نە گۇنا ئېيتقىنازادى مىنىڭدە،

سۆيگۈنۈم گۇناھمۇ سىنى دىلىمدا؟"

سەن دەپسەن:"چىن سۆيگۈزادى بارمۇھە؟

قانچىلىك بولارسەن ھەمرا يىنىمدا"....




ئويغۇنۇپ كەتتىممەن بىردىن ئۇيقۇدىن،

سىمايىڭ تۇراتتى غۇۋا ئالدىمدا.

دىدىممەن:" مەن سۆيگەن سۆيگۈ شۇمىدۇ؟"

چۈشتىكى سۆزلىرى كېلىپ يادىمغا.




ھەمانا كەچ بولدى چۇشتۇق پاراڭغا،

ئاڭلىسام سۆزۈڭنى،كۈندە يېڭىلىق.

بۈگۈنمۇ كىملەردىن كېلىپ تېلىفۇن،

ۋەدىلەر بېرىپتۇ قىلىپ سېخىلىق!



بىلمەيمەن قانچىلىك ئەسىرا بولارمەن ،

پەقەتلا ئەسلىمە قالار چۈشۈمدە.

كۆڭلۈڭدە بولمىسام ئەگەر راس شۇنداق،

نەھاجەت ھەركۈنى كىرسەڭ چۈشۈمگە.


مەنبە:يازمام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-28 12:58

توردا
10سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
0 
يازما
68 
تېما
8 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چۇش دىگەنمۇ ئاجايىپ نەرسە ، نى-نى ئىشلارنى چۇشەپ بىردە خوش بولسا، بىردە خاپا بولۇپ قالىدۇ. سىز بۇ شېئىرنى ناھايىتى جانلىق يېزىپسىز.

توردا
38سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
9 
يازما
117 
تېما
2 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش نىزامنامىسى

توردا
38سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
9 
يازما
117 
تېما
2 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
«ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش نىزامنامىسى»

توردا
114سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
11 
يازما
371 
تېما
0 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزىپىسز . داۋامىلىق ئېسل شئرلىرڭىزغا تەشىنا بىز . داۋامىلىق ھارمىغايىسز . ئەجىرڭىزىگە كۆپ تەشەككۇر

Rank: 8Rank: 8

توردا
248سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
15 
يازما
589 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزىدە مەنمۇ شۇنداق ياخشى چۈشلەرنى كۆرىمەن،شۇچاغدا ئويغانمىسام دەيمەن،يەنە بەزىدە يامان چۈشلەرمۇ مىنى ئىزدەپ كىلىدۇ،شۇنداق چاغلاردا ئۇخلىمىسام دەيمەن~!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-4 21:16

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.