تەكلىپ قىلدىم مەشرەپكە
( ئۆگەنگۈچى )
مەشرەپ بولدى كۇچادا ، دەرھال كېلىپ كۆرۈڭلار ،
خەۋەر قىلىپ دوستلارغا ، ۋاقتىدا ھەم كېلىڭلار .
مېھماندوستكەن دەپ كۇچا ، بۇندا ھوزۇر سۈرۈڭلار ،
دوست بولۇشۇپ ئۆز - ئارا ، تەبەسسۇمدا كۈلۈڭلار .
چىن يۈرەكتىن دوستلارنى ، تەكلىپ قىلدىم مەشرەپكە .
كەلسە دوستلار بەس - بەستە ، خوشال بولار ساھىپخان ،
كېلىپ تۇرۇڭ ئەزىز لەر ، كۇچارىمغا بول مېھمان .
قارشى ئالار ھەممىسى ، قول كۆكسىدە ھەر زامان ،
تەكلىپ قىلغان يەرلەرگە ، بارمىغانلىق بەك يامان .
قۇياي مەنمۇ چايلارنى ، تەكلىپ قىلدىم مەشرەپكە .
كەلگەن قەدەم مەرھابا ، چۈشۈڭ ئۇسۇل - ساماغا ،
مۇشائىرە ھەم قوشاق ، چاقچاق بارمۇ دوستلارغا .
يوللاڭ لېرىك نەسىرنى ، قەلەم ئېلىپ قوللارغا ،
بەردى خەۋەر خانقامۇ ، قاراپ قالدى يوللارغا .
راستلاپ قويدۇق جايلانى ، تەكلىپ قىلدىم مەشرەپكە .
ئۆگىنەيلى ئۆز - ئارا ، ئەدەپ بىلەن ھايانى ،
بولمايمىزمۇ دوست - ئاداش ، كۆزلىمەستىن دۇنيانى .
كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ ، ھۆرمەت قىلىپ چوڭلارنى ،
مۈرە تېرەپ مۈرىگە ، ياشناتقۇم بار دوستلۇقنى .
سۇندۇم دوستقا قوللارنى ، تەكلىپ قىلدىم مەشرەپكە .
كەلسە دوستلار ھەر ياقتىن ، شۇندىلا قىزار مەشرەپ ،
خاتىرە بولۇپ ھەممىگە ، ئونتۇلمايدۇ بۇ مەشرەپ .
تىرىشساق بىز بىرلىكتە ، چاقنىمامدۇ بۇ مەشرەپ ،
ھەمكارلاشساق ئۆز - ئارا ، توختىمايدۇ بۇ مەشرەپ .
مەنمۇ يوللاي سالامنى ، تەكلىپ قىلدىم مەشرەپكە .
مەنبە : ئۆگەنگۈچى قەلىمى. ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ( رەھمەت )
2011 - يىل 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى . كۈسەندە يىزىلدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-28 02:32
|