ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئۆزەمدىن خەۋەر ( دىلداش )
كۆرۈش: 258|ئىنكاس: 6
go

ئۆزەمدىن خەۋەر ( دىلداش )

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
20 
تېما
12 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش









ئۆزەمدىن خەۋەر





ئاپتۇر : كامىلجان ناسىر ( دىلداش )






سۈكۈتلەر قوينىغا چۆكۈپ تۇرۇپمۇ ،
خىيالدا ياشىدىم ئۆزۈمدىن ھالقىپ .
ھېچكىمگە ھالىمنى كەلدىم چاندۇرماي ،
قەلبىمدىن پاك ئىشقىم تۇرسىمۇ بالقىپ .


گوياكى مەھبۇسمەن تۆت تام ئىچىدە ،
تەشۋىشلىك تۇيغۇدىن تاپقانچە ئازاپ .
قارچۇغۇم باغرىدا چاقنىماس ئۆمۈد ،
كەتكەندەك تېنىمدىن جېنىم يىراقلاپ .


شۇ قەدەر مۇڭلانغان بىر غىرىپ قۇشتەك ،
غەمكىنمەن ، ئاجىزمەن ، مىسكىندۇر ھالىم .
ئىشقىڭدا ياشىدىم ئۈنسىز - تىۋىشسىز ،
ئۆلمىدىم ھاياتمەن شۇدۇر ئەھۋالىم .


ئېسىمدە سەن بەرگەن سۆيگۈ لەۋزى ،
قايتا رەت سالغۇم يوق ئېسىڭگە تەكرار .
پەرياتلار كۆتۈرمەي كۈتتۈمغۇ سىنى ،
سۆيگۈمنى پەرۋاسىز ئەيلىسەڭمۇ خار .


ئاپتۇر : كامىلجان ناسىر ( دىلداش ) قەشقەر يېڭى شەھەر ناھيسىدە شىپاگەر .


ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ، تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە شۇنداقلا خالىغانچە ئۆز نامىدا قىلىۋېلىشقا قەتئى بولمايدۇ .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-23 06:01

توردا
215سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
201 
تېما
30 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىللىرىڭىز ھەقىقەتەن بىر - بىرىدىن ياخشى . يەنىمۇ تىرىشىپ نادىر ئىجادى تىمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
726سائەت 
نادىر تېما
دوست
79 
يازما
2498 
تېما
441 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ... رەھمەت ! ... يەنىمۇ نادىرلىرىڭىزنىڭ مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
112سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
348 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئېسل شئر ئىكەن . ئاللا قولىڭىزغا دەت بەرمىسۈن . ياخىشى ئىجادىيەتلىرڭىز بولىسا . ھارمىغايىسز .

Rank: 8Rank: 8

توردا
330سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
483 
تېما
89 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
deldax يوللانغان ۋاقتى 2011-2-23 02:29
ئۆزەمدىن خەۋەر

سۆيگۈمنى پەرۋاسىز ئەيلىسەڭمۇ خار،
كۈتىمەن بوران چاپقۇنلارنى يىڭىپ.
قەلبىمدە ساقلانغان ساڭا چىن مۇھەببەت،
ئىشقىمدىن ئاتاپ نەزمىلەر تۈزۈپ.

سالام دىلداش ئۇستاز باركەنسىز .تېتىملىق لىرىك مۇڭ كۈيلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن.







توردا
43سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
133 
تېما
12 

ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خوش خەۋەرمىكىن دەپتىمەن ......

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
22 
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئېسل شئر ئىكەن ،قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-26 23:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.