
شاتلىق كۈلكە چاقنىسۇن كۈزۈمدە(فاتىمە) 
خىياللىرىم ئەجەپ گادىرماچ، ئۇيقۇ كەلمەس مىنىڭ كۈزۈمگە. سۈرىتىڭگە باقسام تەلمۈرۈپ، ياش ئەگىدى كىرپىك لىۋىمگە. 
ئىشقىڭدا سىھرىلەنگەن جىسمىم، بايان ئەيلەر يۈرەك سۈزۈمنى. ئەپسۇس سەن شۇنچە پەرۋاسىز، ئاڭلىمايسەن قەلىپ سىرىمنى. 
ئارمىنىمدا ھۆكمىران سۈرەر، سېغىنىشلىق مۇڭلۇق خىياللار. ۋىسالىڭغا زار بولغانسىرى، كۈيلىرىمدە چىقار ئۇشبۇ نىدالار. 
ئۈمۈت كۈتمەن يەنىلا سەندىن، تۇلۇن ئايغا نىدا قىلىپ ھامان. شەيدالىقىمنى بىلگىن جانان، ئەقىدەمدىن پايانداز ياسايمەن. 
قەلبىڭگە قېتىلسۇن سۆزلىرىم، نەقىش بۇلۇپ ئويۇلۇپ جىسمىڭغا. سۆيگۈڭ يالقۇنجىسۇن مەڭگۈ، يۈرەك -باغرىمنىڭ قات-قېتىدا. 
ئازاپتۇر ماڭا سىنى كۈتۈش، سۆيگۈڭ ياشنار پىنھان قەلبىمدە. مۇڭ قوينىغا چۆكتۈرمە مىنى، شاتلىق كۈلكە چاقنىسۇن كۈزۈمدە. 
مەنبە قەلىمىم |