« ئىز » تورىدىكى بارلىق ساپ نىيەتلەتلەرگە :
تولۇق بىر قېتىم كۈرۈپ چىقىڭ ... سىزگە ، ماڭا ، باشقىلارغا پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس ... « ئىز » تورى قورۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت مابەينىدە ، ئوت يۈرەك ھەۋەسكارلارنىڭ ئۈزىنى بېغىشلاش روھىينىڭ تۈرىتكىسىدە ئۇيغۇر توربەتلەر ساھەسىدە نۇپۇزلۇق بىكەت بولۇپ نۇر چېچىپ تۇرماقتا . بىكەتنىڭ كەلگۈسى نىشانى ھەرگىز ئۈزىنىڭ شەخىسىي مەخسىدىنى ئالدىغا ئېلىۋالماستىن ، تىنىچلىق ، تەرەققىيات ، سەمىمىيەت ئاساسىدىكى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقن دەۋىرنى تەرەققىيات تەلىۋىگە زىچ ماسلىشىپ ، بىلىم ئېلىش ، يېڭىلىققا ئىنتىلىشنى ئاساسىي بۇرۇچ قىلغان كەڭ ياشلىرىمىزغا ياخشى بىر ئەركىن مۇنازىرلىشىش ، كەڭ دائىردە بىلىم ئىگەللەش ، ھەقىقىي ئادىمىيلىك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە دەۋرىمىزدىكى ئازغۇن تىلەكلەرنى توغرا يولغا چاقىرىش ئۈزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپ ساندىكى ئوت يۈرەك ئوغۇل – قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئارزۇ – تىلەكلىرى ئارلىق كۈڭۈللەرگە مەلھەم بىرىپ ساقايماس جاراھەتلەرنى داۋالاپ كىلىۋاتىدۇ ، ھەتتاكى كىچە – كۈندۈز مىللەت ئۈچۈن ، ئەل ۋەتەن ئۈچۈن ۋە ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل كېلىچىكى ئۈچۈن توھتاۋسىز ، تىنىمسىز ئاز بولمىغان جاپالارنى چېكىۋاتىدۇ . مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىكەت مەسئۇلى ، بىكەتتىكى ھەربىر ئاتەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ ، ئۇلارغا ئۈزۈلمەي يول ئېچىپ بىرىۋاتقان جان كۈيەر باشقۇرغۇچىلار ۋە بىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزتىراپسىز كۈچ قۇشىۋاتقان ، ئۆز ئەقلى زىھنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرگە سەمىمىي تەشەككۈرىمىنى بىلدۈرىمەن ... ئۇلارنىڭ بۇ جاپالىق تىرىشچانلىقى ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ ... بىكەت بىزنىڭ بىلىم ئېلىش ماكانىمىز ، ئۇ ھەرگىزمۇ ساختىلىق ، غەيرى نىيەتلەرنى ، ئازغۇن تىلەكلەرنى قەتئىي ئۈزىگە دوسىت تۇتمايدۇ ... ئۇ بىر ھەقىقەتنىڭ يارقىن نامايەندىسى ، رەزىللىك ۋە ساختىلىق بىلەن قەتئىي چىقىشالمايدۇ ... تىنىچلىق ۋە بىرلىك بولغاندىلا ، بىز ئىشىنىمىزكىن بىكەتنىڭلا ئەمەس ، ئۈزىمىزنىڭمۇ كەلگۈسى پارلاق ... مەن داۋاملىق شۇنداق سۇئال ئاساسىدا ئۈزۈمگە شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كېلىدۇ ... مەن بىكەتكە نىمىگە كىردىم ؟ مەن كىرىپ ئۈزۈمدىكى غەيرىي نىيەتلەر ئارقىلىق باشقا ئىلىملەرنىڭ كۈڭۈل ئارامىنى بۇزسام ئۈزۈمگە يۈز كىلەلەمدىمەن ؟ مەن شۇ ئەھمىيەتلىك نادىرلارنى كۆرگىنىمدە ئۈزۈمدە قىلچىمۇ ئۆزگۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ( مەيلى ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن ، ئەقلىي ئىدىراك جەھەتتىن بولسۇن ) ئۇيىنى كاللامغا كەلتۈرمىدىممۇ ؟ ھەممىز ئۆزلۈكسىز شۇنداق مۇنازىرە قىلىمىز ... بۇنىڭ ئاخىرى چىقتىمۇ ؟ لېكىن بىلىشىمىز كىرەككى ، بۇنىڭلىق بىلەن شۇ قىممەتلىك ۋاقتىمىز ئەھمىيەتسىز چاقچاقلار بىلەن ئۆز ئارا بىربىرىمىزنى مەسخىرە قىلىشلار بىلەن ، بىر بىرىمىزگە قارىتا كۈچلۈك ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن ئۆتكۈزىۋەتسەك ، بۇ نىمە دىگەن بىمەنىلىك ، نىمەدىگەن ساددىلىق – ھە ! ... ھەرقانداق بىر ئىشتا كۈڭۈل كۆكسىمىزنى كەڭرى تۇتساق بولىدىغۇ ؟ بىز شۇنداق ئىچى تارلاردىنمۇ ؟ ئىچى تارلىقنى دۇنيامۇ سىغدۇرۇپ بۇلالمايدۇ ، ھەتتاكى ھەققانىيەت قوينىغا ئالمايدۇ ... بىز ھەممىز ھەققانىيەتنىڭ قوينىدا ... بىر – بىرىمىزگە بوتناش ، قېيداش ، ئاچچىقلاش بىلەن مەسىلىنى قەتئىي ھەل قىلالمايمىز ، ھەركىتىمىزنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۈزىمىز دىگەن ئىچى تارلارغا زەرىبە دەيمىز ، ئەمەلىيەتتە بارلىق زىيان ئۈزىمىزگە بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ... دۇنيادا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ، ئۆتكىلى بولمايدىغان كۆۋرۈك ، چىققىلى بولمايدىغان ھاڭ يوق ... ھەممىسى بىزدىكى ساب سەمىمىيلىك ، ئىنسانىي ئەخلاقىمىز ، ئادىمىي ئەقلىي – پاراسىتىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ، ئەمەسمۇ !؟ ... شۇنداق بىر نىدا قىلىمەنكى ، بۇنىڭدىن كىيىن ئۈزۈلمەي ھەرقانداق يازمىغا قانداق ئىنكاس تەلەپلىرىڭلار بولسا ئايىمىساڭلار . شۇ ئىنكاسىڭلار چىن يۈرىكىڭلاردىن چىقسا ، ئاددىي قورۇق ، پەقەتلا رەسمىيەت ئۈچۈنلا قولنى ئۇچىدا ئىش كۈرۈشتەك قالاق ئەنئەنىنى پەقەتلا چۆرۈپ تاشلىساق ... يەنە بىرسى ، ماڭا ، بىكەتكە ۋە باشقا ئەزالارغا قانداق ئىجابىي تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار بولسا ئايانماستىن ئوتتۇرغا قويساڭلار ... بىكەت دەت چىقىرىدىغان سورۇن ئەمەس ، دۇنيادا ئازمايدىغان ئىنسان يوق ... ياخشى تىلەك ، سەمىمىي كۈڭۈل سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ، جۈملىدىن ھەممىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدىكى كۆۋرۈك بوپ قالغۇسى ... بىز ھەرگىز خاتا چۈشەنمەيمىز ... ئەگەردە خاتا چۈشەنگۈچىلەر بولسا نۇمۇس قىلىدىغۇ دەيمەن ... ھەمىمىز بىرلىكتە سەۋەنلىكلىرىمىزنى تۈزەتسەك بىرخىل ئىللىقلىق بىزنى كۈتكۈسى ... بىكەت مەسئۇلىنىڭ بىكەتتىكى ھەرقايسى جاپاكەشلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى يەردە قالمىسۇن ، ياخشى نادىرلار ئارقىلىق بىكەتكە كىرگەن ھەربىر ھەۋەسكارلارغا ئىجابىي تۈس بەرسۇن ، بىرلىكتە ھەممەيلەنگە روھىي ئۇزۇق ئاتا قىلسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قارىشى بىلەن « مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىيپىسى » نى يولغا قويغان ، بۇنىڭغا قارىتا كونكىرىتنى تەلەپلەرنىمۇ ئېنىق يەتكۈزگەن ئىدى . بۇنى بىزگە كىلىدىغان بىر قېتىملىق مەنپەت مۇناسىۋىتى دەپ قاراپ شەخسىيەتچىلىك قىلىدىغان ئايرىم خائىشلاردىنمۇ ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ ، ئەگەر سىزدىكى نىيەت سەمىمىي ، پاك بولىدىغان بولسا يازغان يازمىڭىزنىڭ داۋرىڭىنى سىز قىلمىسىڭىزمۇ باھالايدىغان ئاۋام بار . باھالاشنى بىلىدۇ . باھالانمايمەن دىسىڭىزمۇ سىز باھالىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ؟ كۆڭلى – كۆكسىڭىز كەڭرى بولسۇن ... « مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىيپىسى » نىڭ تەلىۋىدە ، چوقۇم يوللانغان ئەسەرنىڭ سۆز – جۈملىلىرى ئېنىق ، پەش – چېكىتلىرى جايىدا بولۇشى ، ھېچقانداق بىكەتتە ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كىرەك .............. دىگەن تەلەپلەر ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان . چوقۇم ئوت يۈرەكلىرىمىز بۇ تەرەپكە ئاھىيدە دىققەت قىلساق ، يەنە بىرسى بۇنداق ئەسەرلەرنى يۇرۇتۇشقا ، نادىرلاشقا قەتئىي بولمايدۇ ، يوللاپ بولغاندىن كىيىن باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ دىگەن تەلەپلەرمۇ بىزگە ناھايىتى تەپسىلى ، ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن . باشقۇرغۇچىلار بۇجەھەتتە سەل ئەستايىدىل بولساق . ئۆز ھاياجىنىمىزنى سەل كونتىرول قىلىۋالساق ... بىز دىگەن گىپىمىزگە ئۈزىمىز ئەمەل قىلمىساق ، باشقىلارنى قانداقمۇ قايىل قىلالايمىز ؟ باشقىلارنى قانداقمۇ ئىشەندۈرەلەيمىز ؟ چوقۇم ئۈزىمىز باش بولۇپ مېڭىشىمىز ، ئۈزىمىز ئۈلگە يارتىشىمىز كىرەك ... شۇندىلا ھەممىزنىڭ قەلبىدە بىرخىل كىشىنى سۈيۈندۈرگۈدەك ئىللىق بىرخىل كەيپىيات جۇلا قىلغۇسى ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-21 10:23
|