ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز سىز قانداق ئويلايسىز ؟ ...
كۆرۈش: 143|ئىنكاس: 2
go

سىز قانداق ئويلايسىز ؟ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
725سائەت 
نادىر تېما
دوست
76 
يازما
2477 
تېما
439 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سىز قانداق ئويلايسىز ؟ ...

ھاياتلىق ھەربىر ئىنسان بولغۇچىدا خلمۇ – خىل ئويلۇنۇش ۋە تەشۋىلىك ئەھمىيەتلىك خىيال ۋە ئەھمىيەتسىز خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ ... دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ، بەزىلەر ھەقىقىي بەخىتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يېتەلىسە ، يەنە بەزىلەر ھەسىرەتلەتلىك ئۇخ تارتىشلار ئىچىدە ، ھاياتلىقتىن زىرىكىدۇ ، ھەتتاكى قالايمىقان ئېغىشلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۈزىنى نابۇت قىلىدۇ ، ھەتتاكى ، ئۆز نىشانىدىن ئادىشىپ نا توغرا يوللارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ ... بۇ مەسىلىگە كەلگەندە مەن ئويلايمەنكى ، ھەممىزنىڭ بىر قېتىم ئوبدانراق كاللا قاتۇرۇپ ئويلۇنۇشىمىز كىرەكقۇ دەيمەن ...

ھاياتلىق توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەيدۇ ، تۇرمۇش رېتىمى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىزتىراپسىز دولقۇنلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ ، ئىلدام ماڭالىغانلارنى ئۈزىگە ئەڭ يېقىن ھەمرا قىلىدۇ ، ئەگەر بىز ئەگىشىشنى خالىمىساق ، لەنەت ئازگاللىرىغا ئىتتىرىدۇ ، ھەتتاكى بىزنىڭ سىمايىمىزنى ئۈزىمىز ئارزۇ قىلغان غاپىللارنىڭ بارار جايىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ . بۇنىڭغا قارىتا تارىخ بىر ئەڭ ياخشى گۇۋاھچى ، ئۇ بىر ئەينەك ، ئىبرەتلىك ۋە تەجىرىبە ئەينىكى ، ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ، تا ھازىرغىچە مەزمۇت قەدىمى بىلەن نۇرغۇن ئەگرى – تۇقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردى ۋە كەچۈرىۋاتىدۇ ... بىزدنىڭ ھەممە قىسمەتلىرىمىز تارىخ بېتىدە ئايان بولىدۇ ، ھەتتاكى بۇ قىسمەتلەرنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قارىتا سوۋغا قىلىپ سۇنىدۇ . ئۇ شۇنداقلا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەس ، ئۇ ئەمەلىيەت ... بىزدە « مىڭ ئاڭلىغاندىن ، بىر كۆرگەن ئەلا » دەيدىغان ئىلمىي چۈشەنجە بارغۇ ؟ ... دەل ئۇ قەدىمكى ۋە ھازىرقى كۆرگەنلىرىمىز ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكۈرگەنلىرىمىز ... تارىخ ھەقىقەتنىڭ جاكاچىسى ، ئۇنى پۈتكۈچىلەر ھەقىقىي يېڭىلمەس يۈكسەك ئىرادە بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تاۋلىغان قەھىرمانلار ئۈزى ئاساسىدا تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ ، دەل « غالىپلارنىڭ مەغلۇبىيەتچى ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلغان قانلىق ئىز » ... بىز نىمىگە ئىككىلىنىمىز ، ئالدىمىزدا نۇرغۇن دەلىل پاكىتلار ، يارقىن ئىزنالار ، شۇنداق قىممەتلىك دانالارنىڭ ھېكىمەتلىرى تۇرۇقلۇق پەقەت شۇنى يادقا ئېلىپ بەرسەكلا بىزدىكى ۋەزىپىمۇ ؟ ... بىز ئەمەلىيەتچە شۇنداق ئاجىزمۇ ؟ بىزدە قىلغىلى ئىش چىقمىدىمۇ ؟ بىزدىكى نىشان ، غايە ، ئىتتىقاد ، ۋىجدان ، غۇرۇر ، ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق نەگە كەتتى ؟ دىيانەت نەگە كەتتى ؟ ھەتتاكى ھەربىر يازمىللىرىمىزدا ئوتتۇرغا قويغان شۇ بىغۇبار قەسەمياتىمىز پەقەتلا قۇرۇق گەپمۇ ؟ بىزدە توغرا بولغان مەيدان قارشى يوقمۇ ؟ ... بىز ئازدۇق ، چۈنكى ھازىرقى دەۋرىمىز سۈيئىستىمال دەۋرى . بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ دوراشقا ئادەت ، ئەمما توغرا تەپەككۈر قارشى بىزدە بەكلا ئاز ... خۇددىي كونىلار ئېيىتقاندەك « قارىغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۈزۈڭنى قىسىۋال » بىز ھەقىقەتەن كۆز قىسىشنىڭ ماھىرلىرىغا ئايلىنىپ كەتتۇق ... تۇرمۇش رېتىمىمىز بىزنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ ... بىزدىكى بىر چىرايلىق يارقىن چۈشەنمەيدىغان ئىبارە « مۇھەببەت » ، « سۆيگۈ » ئۆز قوينىغا تارتىۋاتىدۇ ... بىز بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنسەكمۇ ، چۈشۈنىشنى خالىمايۋاتىمىز ؟ ... ئەتىراپىمىزنى كۆرگەندە خۇشاللىق بىلەن ئۇلارغا جۈر بۇلۇۋاتىمىز ... ھايا پەقەتلا ئېغىزىمىزدىلا بار ... بىزنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىمىزدە يەنە نېمە قالدى ؟ بىزنىڭ زادى ئەڭ قىممەتلىك دەسمايىمىز زادى نىمە ؟ يەنىلا شۇغۇ ... بىز ئىنسان ، ئەڭ ئاجىز بۈيۈك ئىنسان ...

مەن چوڭقۇر ئۇخ تارتىپ ئاخىرى بۇ كۆڭۈل سۆزلىرىمنى پۈتۈشكە مەجبۇر بولدۇم ، بەلكىم ، باشقىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق كۈڭۈل سۆزلىرى ۋە ئاچچىق ھەسىرەتلىك ئىبارىللىرى باردۇر ... دەيمىز چوقۇم ئەمەلىيەتتە شۇ خىل مەيداندا تەۋرەنمەيلى ، شۇندىلا بىزدىكى ئىنسانىي سالاپەت ھازىر بولغۇسى ...

مۇھەببەت دىگەن نىمە ؟ _______ مۇھەببەت ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ روھىيىتىدە ئىنتايىن ئىللىق بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى ...
ئۇنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى بۇرغۇنلىغان سۆيگۈ ئاتەشلىرى بىلەن كۈمۈپلا قويىدىغۇ ... « مۇھەببەت » ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك يەككە ھالەتتە مەۋجۈت بولمايدۇ ، بۇ ئومۇمىي ھالەت ، شۇنداقلا ھەممىگە تالىق . ئۇنىڭدا ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىك بارلىق ياخشى تەبىئەتلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ ... غايە دەمسىز ، ئىتتىقاد دەمسىز ، كىشى تەسۋىرلىگۈسىز چىن سۆيگۈ دەمسىز ... ئۇ ھاياتلىق بىر بىلەن زىچ گەۋدە بولۇپ كەتكەن ئورتاق مەۋجۇدىيەت ئارقىلىق ئىنسانىيەت گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ ، شۇندىلا چىن ھەقىقىتىنى بىلەلىسىڭىز بەلكىم سىزدەك قۇدىرەتلىك ، سىزدەك ھەيۋەتلىك ، سىزدەك ئالىيجاناپ پاك گىگانىتلار بولمىسا كىرەك ... مانا بۇ ھايات لەززىتى ، مانا بۇ ھايات سۆيگۈسى ...

مەن مۇنبەر ئارلاۋېتىپ تۇلا ياشلىرىمىزنىڭ كۆيدۈم ، سۆيدۈم دىگەن ھەسىرەتلىك نالىلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ، شۇنداق ئويلاپ قالدىم ، ئۇلار نىمە دىگەن بىچچارە ، نىمىدىگەن مىسكىن ، نىمە دىگەن غېرىب – ھە ! ... دەل مۇشۇنداق بولغاچقا ياشاشقا بەل باغلىغان كىشىللىرىمىز پىسخىكىسى ئۆزگۈچە جۇلا بىرىپ شەخسىيەتچى ، مەنمەنچى ، تەكەببۇر ، ھاكاۋۇر ، ئىچىمىز تارلار ، چېقىمچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىۋاتىمىز ... نىمىنىڭ ھەققانىي ، نىمىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ تەرەپنى بىلىشىمىز تولىمۇ ئاجىز ... ھەتتاكى بۇخىل مىجەزىمىزنى ئۈزىمىز بىلەن ئېلىپ كەتمەستىن ، يەنىلىكىم لەنەتتەككۈر رەزىل خىياللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە سايە تاشلاتقۇزۇپ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ داۋاملىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويىۋاتىمىز ...

تولىمۇ ھەيرانمەن ، مەن بىرئىشنى ئۇچۇرىتىپ قالدىم . بىر كۈنىسى بىر خەنزۇنىڭ سەتىراچخانىسى چاچ ياساتقىلى كىرىپ قالدىم . ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، ئۇ يەرگە ئۈچ نەپەر قىزمۇ كىرىپ نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇردى . مەن دەسلەپ دىققەت قىلماپتىمەن .
كىيىنكى ساتىراچ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى بىر ئېغىز گەپكە پۈتۈن دىققىتىم مەركەزلىشىپ قالدى . چاچ ياسىتىشقا ئولتۇرغان قىزدىن بىرسى ساتىراچقا مۇنداق دېدى :

_ چېچىمنى بۇياتسام قانچە پۇل ئالىسىلەر ؟ ...

_ 180 يۈۋەن ...

-
بىز ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن ، سەل باھادا ئىتتىبار قىلارسىلەر ؟


سەتىراچ تۇرۇپلا كەتتى . بىر خىل ئېغىر ئۇخسۇنىۋەتكەندىن كىيىن :

_ بولۇپتۇ ... 120 يۈۋەن بولسۇن ... ھەراسىت ، سىللەرنىڭ ئۈيۈڭلار بەكلا يىراقمۇ ؟ ... قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىلەر ؟

_ بىز 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيمىز ( تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ) ، ئۈيىمىز بەكمۇ يىراق ئەمەس ، ئەمما چۈش ۋاقىتلىرى ئۆيگە بارغۇمىز كەلمەيدىكەن ...

_ ئوقۇغۇچى تۇرۇپ قىممەت باھالىق چاچ بۇيىتىپ ، يەنە تېخى سىرىتتا تاماق يىسەڭلار ، ... ئائىلەڭلار ھەقىقەتەن بايكەندە ؟

_ ئۇنداق ئەمەس ، قورىسقىمىزدىن غەم قىلمايمىز ، ھەپتىدە ئۆيدىكىلەر 300 يۈۋەندىن پۇل بېرىدۇ ، قالغىنىنى... ؟

ئۇڭغىچە بولغان ئارلىقتا ئارىدىكى بىرسىگە تېلفۇن كەپ قالدى ، ئۇلار تېلفۇندا شۇنداق قىزغىن مۇڭدىشىپ كەتتىكىن ، خۇددىي ئەتىراپىدا ئادەم يوقتىكىدەك ... ئەمما ئۇ قىزلارنىڭ چىرايىغا قارايدىغان بولساق شۇنداق چىرايلىق ، گەپ سۆزلىرى شۇنداق مۇلايىم ... ساتىراچ خەنزۇ قىزلارنىڭ بۇ ھەركىتىگە قاراپ غەزەپ ئاچچىق تەنە بىلەن كۈلۈپ قويدى ... ھەي زاماننىڭ ياشلىرى ... سىللەرگە نىمە بولدى زادى ؟ ... ھەي بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە تۈرۈلۈپ قالغانلار دىدىممەن ... چېچىمنىمۇ ياساتماستىن ، ساتىراچنىڭ سىزگە نۆۋەت كەلدى ، دىيىشلىرىگىمۇ قارىماستىن ، قاتتىق ئۇخسىنىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم ...

بىلىشىمىز كىرەككى ، ھايات ياشاشنى چىن مەنىسىدىن بىلگەنلەرگە ئۈزىنىڭ ئىللىق قۇچىقىنى ئاچىدۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى زايا قىلىۋەتلەرگە قارىتا نەپرەت ياغدۇرىدۇ ...

مەن شۇنداق ئويلايمەنكى _ « كۆيدۈم » ، « سۆيدۈم » دىگەن بۇ خىلدىكى بىچچارىلەرچە غېرىپلىق نىدالارنى بىز چىقارغۇچە ، شۇ قىممەتلىك ھاياتقا بېقىپ پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن ھاياتنى سۆيسەك ، پۈتۈن مۇھەببىتىمىزنى ھاياتقا بېغىشلىساق ، بىمەنە ئارزۇ ھەۋەسلەردىن خالىي بولساق ، شەرمىي – ھايانى ئۈزىمىزگە مەڭگۈلۈك دوسىت قىلىۋالساق بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك ياشاش ئىستىكى بولماس ... جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن ياشلىرىمىز قورۇق ئارزۇ – ھەۋەسلەرنىڭ جۈرلىرى ، ھەمشىرىسى بولۇپ سەنەم سېلىپ كتىشماقتا ، ئۈزىنى نابۇت قىلماقتا ، ئۇنىڭسىزمۇ ئۈزى قىلغۇدەك نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك ، قىممەتلىك ئۈگۈنۈش بىلىملىرى بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ ، ئەمەسمۇ ؟ بىز قاچانغىچە ئۇلۇغلاردىن پەخىرلىنىپ ، ئۇلارنىڭ يېزىپ قويغان ، ياكى نادىر تەتقىقاتلىرى ئۆشنىمىزگە ئارتىۋېلىپ ساپايە چالىمىز ... بۇنى ھەرقانداق بىر خەلىق كۆرسىمۇ بىزگە لەنەت ۋە نەپرەتلەرنى ياغدۇرشى ، ھەتتاكى جاھالەت يوللىرىغا ھەمراھ بولۇپ مېڭىپ كىتىۋاتقان نادانلارغا نىمىمۇ دىمەيدۇ دەيسىز ...

بىز گۈزەللىكنى ئىستەيدىكەنمىز چوقۇم سۆز ھەركىتىمىز ، قىلىقلىرىمىز بىزلەرنىڭ سىمايىمىز ، بىزنىڭ قانچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ناھايىتى تولۇق كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئەينەك ... مەيلى ھەرقانداق بىر ئالىم ، پەيلاسۇپ ، ياكى تەتقىقاتچى بولۇپ كىتەيلى ، يەنىلىكىم قەلبىمىز ، سۆزىمىز ، ھەركىتىمىز
بىردەك ئىلمىي ئىلدام بولمىسا ، كۆڭلىمىز كەڭرى ، سەمىمىي ، راسچىل ... بولمىساق نىمە ئەمدى بىز ... مەن ئازراق سۆزلەي قالغىنىنى باشقا دوسىتلارمۇ چوقۇم ئوتتۇرغا قويىدىغۇ دەيمەن ... ئەڭ مۇھىمى ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ... چوقۇم ئىنسانغا خاس بىر خىل خاسلىق بىزلەردە ئەكىس ئەتسۇن ...

ئەھمىدى « شەيدائىي »

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-20 21:39

مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
72سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
656 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ‹‹ بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە تۈرۈلۈپ قالغانلار ›› بەك جايىغا چۈشۈپتۇ . ماڭا يارىدى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
725سائەت 
نادىر تېما
دوست
76 
يازما
2477 
تېما
439 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ خىيالىنى مەنلا سۈرسەم بولمامدۇ ... نىمىشقا باشقىلارغا بۇ سۇئالنى قويغاندىمەن ... ئەپسۇس ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-26 07:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.