
كەچمىشلىرىم . 
بالا -ئىدىم سەبى ،ئوماق ئويناپ يۈرگەن ، تال چىۋىقنى تايچاق ئېتىپ سەكرەپ مىنگەن . كوچا - كوينى چاڭ كەلتۈرۈپ ۋەللەي توۋلاپ ، ھوزۇرلۇنۇپ ئىچ - ئىچىمدىن يايراپ كۈلگەن . 
بالا ! بولدۇم مۇراد - مەخسەت قۇچاق ئاچقان ، جىلىت ئېسىپ مەن مەكتەپكە ئاياق باسقان . بەھرى - ئىلھام ئىزگۈ - ئىدىراك كۆڭۈل سۆيۈپ ، ۋۇجۇدۇمغا ئارزۇ - ئۇمىد پۇراق چاچقان . 
ئەرگەيەتتىم مەشرەپ قۇرۇپ ناخشا توۋلاپ ، تاتلىق خىيال ، شىرىن ئويلار سۆيگۈ باشلاپ . كەيىپ سۈرۈپ ئەگىپ ئۇچتۇم ئازغۇن قۇشتەك ، پاتقاق كېچىپ شۇرا ئاتلاپ ،چالما تاشلاپ . 
ئۆتتى يىللار ،ئۆتتى چاغلار سىن ئوغۇرلاپ ، ئەلەملىك دەت ،مەقبۇل ئادەت كۆزنى ياشلاپ . بېزەب قىسمەت،بىدئەت قىلىق ئەندى ئۆتمۇش ، ئادەم ئەتتى ئەس ئەدەبنى چىڭ قۇچاغلاپ . 
---رىسقى . --شەھرى قاراماي . 
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-11 18:06
|