ئەۋلادلارنىڭ قاتىلى كىم؟!
نۆۋەتتە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسىلىسى جىددىي ھەم تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بالىلارنىڭ ئەخلاقلىق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىشى نۇرغۇن ئامىللارغا بېرىپ تاقالسىمۇ، بىراق يەنىلا مەكتەپنىڭ رولىنى قەتئىي چەتكە قېقىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئېيتىش زۆرۈركى، مەكتەپتە بالىلارغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچىنىڭ مەلۇم بىر سۆزى ياكى مەلۇم بىر ھەرىكىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇپ قېلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىدىن ئىبارەت ناچار قىلمىشىنىڭ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بەزى ئوقۇغۇچىلار يۈزمۇ-يۈز ھالدا:«سىز كىتاب ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىدىكەنسىز، ئەمما ئۆزىڭىز كىتاب ئوقۇمايدىكەنسىز» دەيدىغان ياكى كەينىدىن:«ئۆزى كىتاب ئوقۇماي، بىزگە كىتاب ئوقۇڭلار دېگىنى قىزىق بولدى-دە...» دەپ غۇدۇڭشىيدىغان بولدى. دېمەك، كۆپلىگەن ئىشلاردا ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگىلىك رول ئوينالمىغانلىقتىن، ئۆزلىرى ئوسال ئەھۋالدا قېلىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەر بىر ۋىجدانلىق، مىللەتپەرۋەر ئادەمنى ئۆكۈندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۆتكەن بىر نەچچە قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب ئەكىرىپ بېرىشتەك ئەھۋاللىرى ۋە ئۇ ئىش ئېلىپ كەلگەن ناھەقسىزلىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ھەققىدىكى پىكىرلەر توردا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆز ئىشىدىن نومۇس قىلىش ۋە خىجىل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ ئىش تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى. مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا نىسبەتەن كەسكىن تەدبىر قوللانمىدى ۋە يىغىنلاردا سۆزلەپ قويۇش بىلەنلا چەكلەندى. يىراق ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ، ھازىرغا نەزەر سالساق، بۇ يىللىقى (2011) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بىرى ئېيتقاندەك: «ئىمتىھاننى ئوقۇغۇچىلار ئەمەس، بەلكى، ئوقۇتقۇچىلار بەردى» ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «كۆيۈمچان»لىقى بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئىمتىھان مەيدانى ئەركىنلەشتى. ئوقۇغۇچىلار بەخىرامان ھالدا، ئوقۇتقۇچىلار ئەكىرىپ بەرگەن ياكى شۇ مەيداندىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن يازدى. مانا بۇ بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئەۋلادلىرىمىزغا قىلىۋاتقان خائىنلىقىمىز! (بۇ ئىش بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا يۈز بەردى.) ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندىن خاتىرجەم قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى تىرىشماس، ئۆگەنمەس ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماس قىلىۋېتىپ بارغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئەھۋال. سەۋەب شۈكى، ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە «ياردەم» قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى، شۇڭا ئۇلار ئىمتىھانلارنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، ئوقۇتقۇچىلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پەسكەشلىكنى قىلىدۇ؟! سەۋەب، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى يۇقىرى بولسا، خىزمەت نومۇرى ئاشىدۇ. نومۇر ئاشتى دېگەنلىك ئۇنۋان ئېلىشقا، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ۋە يىللىق مۇكاپات سوممىسىنى يۇقىرى ئېلىشقا مەنپەتى تېگىدۇ. مانا بۇ مەنپەئەت ئۈچۈن بالىلارنى قۇربان قىلىش، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىكى، ھازىر كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى بالىلارنى قانداق قىلىپ ياراملىق تەربىيىلەش ئەمەس، بەلكى، ئۆز مەنپەتىنى قانداق ئۇسۇلدا كاپالەتكە ئىگە قېلىش بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ بىرى، ئەۋلادلارغا قىلىنغان ئاسىيلىقتىن ئىبارەت. بۇ خىل چىرىندى روھتىكى تەربىيىلىگۈچىلەر مىللەتنىڭ قاتىلى ھەم زىيانداشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!
ئەي قېرىنداشلىرىم، سىلەرنىڭ بۇ مەسىلە ھەقىقىدە كۆپرەك بەس-مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى، سادايىمىزنىڭ يۇقىرى ئورگاندىكى رەھبەرلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىشى ئۈچۈن بار ئاۋازىڭلار بىلەن ۋاقىرىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. بۇ بىر ياكى ئىككى ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىڭىز ئەمەس، بەلكى، بىر پۇتۇن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى!
مەنبە: http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=9073
|