قايسىسىنى تاللايسىز ؟ مۇنداق بىر يۈز تۇرانە ئىمتىھان سۇئالى بار : « ئەگەر سىز يامغۇرلۇق ، بۇران چىقىۋاتقان كەچتە ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ ئاپتۇبۇس بېكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدىڭىز ، ئۈچ كىشى كۇچا ئاپتوبۇسىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بىرى ھالسىزلىنىپ ، ئۆلەي دەپقالغان بىمار ، ناھايىتى بىچچارە ، يەنە بىرى دوختۇر . ئۇ ئىلگىرى سىزنى داۋالاپ ، ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان شەپقەتچىڭىز . سىز ھەمىشە ئۇنىڭ شەپقىتىنى قايتۇرۇپ چۈش كۈرەتتىڭىز . ئۈچۈنجىسى بىر قىز ، سىز دائىما چۈشۈڭىزدە ئۇنى كۈرۈپ ، توي قىلىشنى ئويلاپ تۇراتتىڭىز . بەلكىم ھازىر مۇھەببىتىڭىز ئىزھار قىلمىسىڭىز پۇرسەت ئۈتۈپ كېتەتتى . لېكىن ماشىنىڭىزغا سىزدىن باشقا ئاران بىرلا ئادەم سىغىدۇ . يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ، سىز قايسىسىنى تاللايسىز ؟ جاۋابىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ ؟ » دىيىلگەن بىر يۈرۈش سۇئال بار ... قېنى دوسىتلار قايسىڭلار توغرا جاۋابىنى ئىزاھلاپ باقالايسىلەر ؟! ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-10 15:03
|