ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر قولىڭىزدىكىنى قەدىرلەڭ
كۆرۈش: 184|ئىنكاس: 3
go

قولىڭىزدىكىنى قەدىرلەڭ

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
276 
تېما
26 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-16 18:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


قولىڭىزدىكىنى قەدىرلەڭ



بىر يىلى نىيو-يورك پاي چىكى بازىرىدا پاي قاتتىق چۈشۈپ كەتتى . ئامرىكىدىكى بىر چوڭ شىركەت زەربىگە ئۇچراپ ۋەيران بولدى . شىركەت خوجايىنى چۈشكىنلەشكەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى . بۇنى كۆرگەن ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىدى .

- تۈگىدى ، ھەممىسى تۈگىدى . سوت مەھكىمىسى شىركىتىمىزنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئىلان قىلدى . ئەتە سوت مەھكىمىسى كىلىپ ئۆيدىكى بارلىق مال -مۈلۈكنى پىىچەتلىمەكچى -، دىدى . خوجايىن كۆڭلى يىرىم بولغان ھالدا .
- سىزنىمۇ پىچەتلەمدىكەن ؟ - سورىدى ئايالى كۈلۈپ تۇرۇپ . ئۇ ئايالىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا قارىدى .
- ئۇنداقتا ، مىنىچۇ ؟ مىنىمۇ پىچەتلەمدىكەن ؟ بالىلارنىچۇ ؟
- سىلەر بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
-ئىسىڭىزدە بولسۇن ، سىز تىخى بارلىق نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالمىدىڭىز ، سىزنىڭ يەنە سىزنى قوللايدىغان ۋە ناھايىتى ئۈمىدۋار ، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقان بالىلىرىڭىز بار . سىزنىڭ يەنە مول خىزمەت تەجرىبىڭىز بار . سىزدە يەنە ساغلام تەن، ئۆتكۈر كاللا بار . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بايلىقلىرىڭىز . ھازىر قولىڭىزدىن كەتكۈزۈپ قويغان مال - مۈلىكىڭىز پەقەت بىر قىتىملىق ھەقسىز ئىشلەش دەپ بىلىڭ . كىيىن يەنە ئورنىنى تولدىرۋالسىڭىز بولىدىغۇ ؟!
ئۇ ئايالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، قايتا روھلىنىپ كەتتى .
ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ شىركىتى قايتىدىن قەد كۆتۈرۈپ ، دۇنيادىكى بەش چوڭ شىركەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى .
ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىڭىزنى ئىنچىكە كۈزىتىڭ . ھەرگىزمۇ يوق نەرسىنى ياكى قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنى ئويلاپ كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ، شۇندىلا ئۆزىڭىزنى ناھايىتى بەخىتلىك ھىس قىلىسىز .................
مەنبە : ( شىنجاڭ ئىقتىساد گىزىتى) دىن 56

Rank: 8Rank: 8

توردا
219سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
399 
تېما
188 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 01:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق،ئائىلىدە بىرسىمىز كەسىپتە، خىزمەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرىساق چوقۇم بىر-بىرىمىزنى قوللۇشىمىز، ئىلھام بەخىش ئېتىشىمىز كېرەك.

توردا
235سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1004 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 14:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئايالى ھەقىقەتەن ئەقىللىقكەن.............رىغبەتلەندۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىكەن............

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-17 18:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاياتىلىقىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇسىم دۇردانە ئىكەن ... رەھمەت ! ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-19 10:11

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.