ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر توۋا دەيمەن يات ياخشى
كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 8
go

توۋا دەيمەن يات ياخشى

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
15 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 18:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توۋا دەيمەن يات ياخشى

( مۇخەممەس)

قېرىنداش دەپ ھاياتلىق ،ئۆتەر ئىكەن يۈرىكى ،
لېكىن باغرى تاش يۈرەك، سوقمايدىكەن تىلىكى ،
دەردى يامان بولاركەن ، مېھرى ئاتەش كۆۋرىكى ،
خۇدا قوشقان ئاسماقنىڭ، يات كىشىدەك كېرىكى ،
پېتىشمايدۇ تۇغقانلار ، توۋا دەيمەن يات ياخشى .

ياتنىڭ بىر تال دامدىمى ، تۈگىمەيدۇ ئاغزىدىن ،
لېكىن ئۆزنىڭ ئالتۇنى، چىقىپ كېتەر باغرىدىن ،
مېھنىتى بار تۇغقانغا ، بەرگەن قاتتىق زاغرىدىن ،
گېپى يوغان ، بېلى بوش، داپ چالىدۇ ناغرىدىن ،
ھۆرمىتى يوق تۇغقانلار ، توۋا دەيمەن يات ياخشى .

ئۆزنى كۆرسە بۇتنايدۇ ، ياتنى كۆرسە ئېغىنايدۇ ،
ئەگەر بولسا باي- غوجام،پارىسىنى قوغلايدۇ ،
مۇشكۇل چۈشسە بېشىغا، ياۋاش بولۇپ يىغلايدۇ ،
دەردى بالا ئىچىدە ، غەم باسقاندا ئۇخلايدۇ ،
ساختا ئۆتكەن تۇغقانلار ،توۋا دەيمەن يات ياخشى .

تۇغقان مېھرى بولمىسا ، مەخلۇقاتتىن نېمە پەرقى ؟
ئەقىلسىزنىڭ قەلبىدە ، گۆھەرنىڭ نە قىممىتى ؟
ئاق-قارىنى بىلەلمەس، ھەتتا ئالتۇن نە نەرقى ؟
بۇندا بولماس مىللەتنىڭ، زەررە خىسلەت چىرىقى ،
نادان ئۆتكەن تۇغقانلار ، توۋا دەيمەن يات ياخشى .

باي- غوجامنى تارتىدۇ ، يات بولسىمۇ تۇغقانلار ،
ھەيران قالماس بۇنىڭغا، كارامەتنى ئۇققانلار ،
پۇلنى تۇغقان قىلىدۇ، يۈرەكلىرى سوققانلار ،
ۋىجدان ئازاب تارتىدۇ ، ئىمانى بار تۇغقانلار ،
ئىنسابى يوق تۇغقانلار، توۋا دەيمەن يات ياخشى .

پۇل تالىشىپ تۇغقاننى، يات قىلىدۇ تىللايدۇ ،
يالغان گەپنى ئويدۇرۇپ، بىر -بىرىگە يوللايدۇ ،
ئېغىز–بۇرۇن يالىشىپ، ئۆزىدەكلەرنى قوللايدۇ ،
ياخشى گەپمۇ كار قىلماس، نۇمۇس قىلماي گوللايدۇ ،
رەزىل ئىكەن تۇغقانلار ، توۋا دەيمەن يات ياخشى .

ئۆزنى دغشمەن چاغلايدۇ ، ياتنى باغقا باشلايدۇ ،
يېتىمسىراپ قالغاندا ، ئاندىن باشنى قاشلايدۇ ،
تۇغقان لازىم بولمايدۇ ، خىيالىدىن تاشلايدۇ ،
باغرى تاشقا ئامال يوق، ئارتىس كەبى ياشنايدۇ ،
مېھرى رەزىل تۇغقانلار ، توۋا دەيمەن يات ياخشى .

ياتنىڭ ھۆرمىتى تاغدەك، ئۆزنىڭ نە ئۈچۈن بولماس ؟
ئۆزلەرگە مۈشۈك بولغان، تۇغقانغا نە ئۈچۈن يولۋاس؟
باغرىم دەپ قىلار دائىم ، كەسكىن بولىدۇ ئالماس ،
بۇ يولدا چېپىپ ئاتنى ، نادانلار تېخى ھارماس !
ئەقلى يوق بۇ تۇغقانلار، توۋا دەيمەن يات ياخشى .

ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 19:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كارامەت يېزىۋېتىپسىز جۇمۇ ... شېئىرىي مىسرالىرى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ... تەربىيەت قىممىتى چوڭقۇركەن ... تىلى ئۆتكۈر پاساھەتلىك مۇخەممەس بولۇپتۇ ... رەھمەت ! ... ياخشى نادىرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۈرۈپ تۇرۇشقا نىسىپ بولسۇن ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
86سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
134 
تېما
30 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 20:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەلگەن قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ...

باسقان ھەربىر قەدەملىرىڭىزدىن پورەكلەپ گۈل ئۈنسۇن...

نادىر قول يازمىلىرىڭىزنى ئىزدا داۋاملىق كۆرىپ تۇرسام دەيمەن...

توردا
143سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
205 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 20:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ھەقىقەتەن قىممىتى بار ،ياخشى تىما بولۇپتۇ ، ئىبرەتلىك تىما شۇنداق تۇققانلار يوقمۇ ئەمەستۇر بەلكىم كۆرۈپ تەسىرلەنسە بولاتتى !!!!!!!!!

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
111 
تېما
15 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 20:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمامنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان تورداشلارغا رەھمەت ! ئىزلا تورىدا يازمىلىرىمنى ئايىمايمەن . دوسلار ئامان بولۇڭلار !

Rank: 8Rank: 8

توردا
385سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
586 
تېما
111 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 21:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەربىيۋى ئەھمىيتى بار ھەر بىر ئۇقۇغان ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك مىسرالى شۇنچىلىك لىرىك شىئىر بۇپتۇ.
ئوتياق ئاكامنىڭ ھەر بىر تىيمىلىرغا ياخشى يېزىپسىز دېگەن باھالار ئازلىق قىلىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
622 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 23:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىپسىز،بۇ مۇخەممەسنى ئوقۇۋىتىپ بەزى ئىشلار يادىمغا كىلىپ قالدى~!

توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1625 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 13:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ شىئىرنى ئوقۇپ مۇۇ ناخشا ئىسىمگە كەپ قالدى~

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
416 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 21:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى بەك چوڭىقۇر ئىكەم . رەخىمەت ، سىزىىگە . گەرچە بارلىق تورداشىلار . بۈ ئادىدىغىنە . رەخىمەت دىگەن . سۆز بىلەن ئىنكاس يازىغانىدا باشقچە . ئوخشىمايىدىغان ئىنكاسىلارنى يازسا بولمامىدۇ دەپ ئويىلاپ قالىدغانىسلەر . لىكىن بۇ رەخىمەت دىگەن گەپ يۇرەكىنىڭ قات - قاتىلىردىن چىقىدىغان ئادىدى ھەم بەك چىرايىلىق سۆز . مەن يەنىلا . سىزىگە رەخىمەت ئېيىتىمەن . قەلەم تۇلىپارىڭىز ئىز توردا ئىز قالىدۇرسۈن ھارمىغايىسز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 11:59

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.