ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار شاڭجاڭ ئايىقمنى كىيۋاپتۇ،،بوران114
كۆرۈش: 3290|ئىنكاس: 18
go

شاڭجاڭ ئايىقمنى كىيۋاپتۇ،،بوران114

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
46 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 12:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شاڭجاڭ ئايىقمنى كىۋاپتۇ(فىليەتۇن)



ئەسلى تىما يازغان قولۇمنى چاناپلىۋتەي دىگەنتىم،لىكن يەنە لازىم بوپ قالا دەپ چانىمىدىم،

بەختنىڭ نىملىكنى مۇنداق ھىس قىلدىم،بىز شۇنداق خەق ،بولۇپمۇ جەنۇپتا،باشلىق ئۈچۈن ھەممىنى ئايىمايمىز،مانا مەن ئۈچۈن شەرەپ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولماس،تۈنۈگۈن ھۆرمەتكە سازۋەر مۆھتەرەم سىكىرتارىم مىنى بىر سورۇنغا باشلاپ كىرىدى،بۇ سورۇندا شۇنداق سىكىرتاردىن15ى بارئىكەن،يىزىمىزنىڭ شۈجى ھەم شاڭجىڭمۇ بار بولۇپ سورۇن شۇنداق مول-ھوسۇللۇق ئىدى،مانا ئىچىشۋازلىق دىگەننى ئالامەت باشلىدۇق،يىرىم مەس بولغاندا شاڭجاڭ تۈيۈقسىز مىنىڭ قىشمغا رۇمكىنى كۆتىرەپ كەلدى،ھەم مىنى بىللە سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى،مانا بۇنداق شەرەپ كىمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ،بۇنداق شەرەپنى كۈتۈپ تۇرغان سىكىرتار دادۈيجاڭدى نەچچىسى بارلىقىنى سىز بىلمەيسىز،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەندەك بىر دىھقان تومپاي بىلەن شاڭجاڭنىڭ قەدەھ سوقۇشتۇرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش ئىدى،مانا ئۇدۇلۇمدا شاڭجاڭ ئارلقىمىز 20سانتىمىتىر كەلمەيدۇ،ھەممىنىڭ كۆزى بىزدە،شاڭجاڭ نىمە دەركىن دەپ تىچلىنىپلاكەتكەن،تەقەززالىق،ماڭا بولغان ھەسەتخورلۇق،چىدىماسلىق ،ھاڭۋىقىش قاتارلىق ئادەمدە بولىدىغان سەزگۈلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تىكلگەن،



--سىز كىم؟

--مەن دىھقان،

--ياخشى بىز دىھقانلارنى ھۆرمەتلەيمىز،ئۇلار بىزنىڭ كالىمىز،بىدىمىز،كالا ساغساقلا سۈت بىرىدۇ،ھاردىم تالدىم دىمەي ئىشلەيدۇ،بىدە بولسا يىلدا 4-5قىتىم ئورساقمۇ يەنە كۆكلەيدۇ،

--رەھمەت شاڭجاڭ،



مانا بۇ ئاز بىر قىسىم گەپ،شاڭجاڭ تەسىرلىنىپ بوينۇمدىن ئالدى،مەن بەكمۇ ھاياجانلاندىم،مىڭلىغان ئاخبارات مۇخبىرلىرى چارسلدىتىپ رەسىمگە تارتماقتا،ژورناللاردا بىزنىڭ سۈرەتلىرىمىز بىسلماقتا،باش بەتكە چقتىم، مانا بۇ مىنىڭ ھاياجانلىق خىيالىم،شاڭجاڭ بوينۇمغدىن ئىلىپ بىر مۇنچە گەپ قىلدى،سىكىرتارىم بولسا ھەم ئەجەپلىنىش ھەم ھاڭۋىقىش ھەم خوشلۇقتا بىزگە قاراپ تۇراتتى،ئىچىپ بولدۇق،شاڭجاڭ يىنمدىن كەتتى،مەنمۇ ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم،ئەمدى نۆۋەتتە ماڭا خوشامەتچىلەر يىغلدى،تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ برىدىغىنى سىكىرتار سەي يىدۈرۈپ قويىدىغنى دادۈيجاڭ ئىدى،مەن بەكمۇ پوچىلىشىپ قالدىم،يولداشلار مەندىن گەپ سوراشقا باشلىدى،



---شاڭجاڭ قۇلىقىڭىزغا بىر نىمە دىگەندەك قىلغان،نىمە دىدى؟

--بۇ مەخپى دىيشكە بولمايدۇ،

--دەڭا ،سىزنى ئەتىدىن باشلاپ دادۈيگە منبىڭ قىلمەن،ھاشارغا بارمايسىز،

--سەل تۇرۇپ دەپ بىرەي،



مانائەمدى مەن شۇنداق بىر ئادەمگە ئايلاندىمكى ھاي-ھاي ،بۇرۇ ن مەن سالام قىلسام ئىلىك ئالمايدىغانلار تاماق يەيلى دىسەم ئاچ قاپتۇقمۇ دەيدىغانلار مانا مۇلايملىشىپ قاپتۇ،ئەمەل ئۈچۈن خوتۇن-باللىرىنى سولاشتىن يانمايدىغانلار مەن ئۈچۈن پاي-پىتەك بولماقتا،سورۇنمۇ تۈگەي دىدى،سىكىرتار دادۈيجاڭلار مىنى يەنە باشقا يەرگە باشلماقچى،قىزلار بىلەن ئولتارماقچى،سەۋەپ شاڭجاڭ ماڭا نىمە دىگەنلكنى بىلمەكچى،بىز قايتىشقا تەييار بولدۇق،ئەپسۇس ئايىقىم يوق،ئىزدىدىم،يىڭى ئالغان 19كويلۇق ئاياق ئىدى،شۇنداق قىلىپ ئزلەۋەردىم قارىسام ئايىقىمنى شاڭجاڭ كىۋاپتۇ،سەپ بەرسىلە دىيەلمىدىم،سىكىرتار بۇنى بىلدى،ھەم منى تارتقۇشلاپ ئىلىپ ماڭدى،مەن بولسام يالاڭئاياق،سىكىرتار ماڭا ئاياق ئىلىپ بەرمەكچى،پايپاق بلەن كىتىپ بارماقتىمەن،بەخت دىگن شۇنداقلا بىر گەپكەنغۇ،ھۆرمىتىم ئاشتى،شاڭجڭغا مىڭلاپ رەھمەت دىدىم ئىچىمدە،مانا ئاياق بازىرىغمۇ كەلدۇق،189كويلۇق ئاياق،13كويلۇق پايپاق پۇتۇمدا،سىكىرتار تىخى مىنى بەكلا ئەتىۋارلىدى،



--شاڭجاڭ بايا قۇلىقڭىزغا نىمەدىدى؟

--ھاراقنى بەك كۆتىرەيدىكەنسىز دىدى،

يەنىچۇ؟سىز شاڭجاڭغا مىنىڭ ئەزايىم ئىكەنلكڭىزنى دىدىڭىزمۇ؟

--دىدىم،شاڭجاڭ سىزدىن خوش بولدى،

---يەنە نىمە دىدى؟

----ئەتە سىزنىڭ ئورنىڭىزغا مىنى سىكىرتار قىلمەن دىدى،



تاسسىدە بىر شاپىلاقتىن بۇرنۇم قانىدى،يەنەكەينىدىن دادۈيجاڭ غالچا بىر مۇش سالدى،ئۇچۇپ كەتتىم،ئاياق بىلەن پايپاقنى سالدۇرىۋالدى.ئەتىدىن باشلاپ ھاشارغا سىلىشنى ھچقانداق يۇقىرىدىن كەلگەن تەمىناتتىن قەتئى بەھىرىمەن قىلماسلقىنى دەپ كىتىپ قالدى،بەختمۇ مىنى تاشلاپ نەگىدۇر يوقالدى،تۈگىدى،تەقدىرىم كاج كەلدى،ئەمدى بىرىپ شاڭجاڭنى تاپاي،ئايقمنى قايتۇرۇپ بەرسۇن،يالاڭئاياق ماڭماقتىمەن،كاچانغىچە،



ھورۇنلۇق،نادانلىق چاپلاشتى ماڭا،

ھازىرمۇ ياتىمەن كونا ئايۋاندا،

باشقىلار چىقسا ئايغا مارسقا،

قاچانغىچە ماڭىمەن ئىشەك ھارۋامدا.

بوران114،مەنبە،ئۆزۈم

توردا
194سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
823 
تېما
85 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 13:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خېلى ياخشىكەن
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

توردا
349سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1141 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 17:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالام ئەلەيكۇم.
ئەجەپ ياخشى بوپتۇ. قاچان تۈزىلەر شۇنداق كىشىلەر.
رەھمەت.

توردا
358سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1240 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 17:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئىسىل قامچا،،ھەم يۇمۇرىستىك،نادىر تېمىللىرىڭ ئۈزلۈپ قالمىغاي بورانكا،،قېشىمغا كەل مەن ئاياق ئېلىپ بىرەي،نىمە ئۇ شاڭجاڭنى ئىزدەپ بېرىپ ئايىقىمنى بەر دىساڭ ئۇمۇ ئۇرىدۇ،،

Rank: 8Rank: 8

توردا
769سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1527 
تېما
66 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-17 20:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بەك ياخشى چىقىپتۇ مەن بۇ ( بوران 114 ) ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ؛ ئوقۇيمەن .تۇرمۇشقا بەك يىقىن...
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
427 
تېما
29 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 02:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋا ھاھ اھ ھا ھاھ ۋاي ئاخىرىچۇ ! يوقما! داۋاملىق يوللايلى بەق قىزىىققەن!

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
53 
تېما
20 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-18 04:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز شاڭجاڭ بىلەن ساقداش ئىدىڭىزغۇ ئىزدەپ بارمامسىز، ھا ھا ھا ياخشى چىقپتۇ.

توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
87 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 11:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىزا باشلىقىغا 30 مىڭ يۈەن بەرمىسىڭىز سىزنى كەنىتكە سىكرىتار قىلمايدۇ بورانكا، ھازىر ئەمەلنىڭ ئۆزى پۇل دىگەن گەپ، مىنىڭ قىشىمغا كەلسىڭىز رۇسىيدە بىرەر مىنىستىرنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەپ قويىدىكەنمەن، مەن كىلەركى قىتىم زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە چىقسام، سىزنى بىراقلا ھەربى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قوياي، ئۇ چاغدا پۇتىڭىزدا ئاياق بولمىسىمۇ، تىك ئۇچار بىلەن ئۆيىڭىزگە بارالايسىز ماقما.


ھازىرمۇ مۇشۇنداق ئەسلىنى ئۇنۇتقان سىكرىتارلارنىڭ دەستىدە نۇرغۇن ئىشلار، ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كىتىۋاتىدۇ.

توردا
55سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
46 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-22 16:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى PUTINدە2010-09-22 11:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يىزا باشلىقىغا  30 مىڭ يۈەن  بەرمىسىڭىز  سىزنى كەنىتكە  سىكرىتار  قىلمايدۇ بورانكا، ھازىر ئەمەلنىڭ  ئۆزى  پۇل  دىگەن گەپ، مىنىڭ قىشىمغا  كەلسىڭىز  رۇسىيدە  بىرەر  مىنىستىرنىڭ  مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەپ  قويىدىكەنمەن، مەن كىلەركى قىتىم زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە  چىقسام، سىزنى بىراقلا  ھەربى  ئىشلارنى باشقۇرۇشقا  قوياي، ئۇ چاغدا پۇتىڭىزدا ئاياق بولمىسىمۇ، تىك ئۇچار بىلەن ئۆيىڭىزگە بارالايسىز ماقما.


ھازىرمۇ مۇشۇنداق  ئەسلىنى ئۇنۇتقان سىكرىتارلارنىڭ دەستىدە نۇرغۇن ئىشلار، ئاستىن - ئۈستۈن  بولۇپ كىتىۋاتىدۇ.  
مەن تىرىشاي

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
30 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 10:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمېلېيەتكە ئۇيغۇن تېمېكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-18 11:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.