ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن قىز- ئوغۇللىرىمىزغا
كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 2
go

قىز- ئوغۇللىرىمىزغا

توردا
173سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
788 
تېما
93 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 11:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ ، بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىزنى سەركەردە كۆرسە ، قىزلىرىمىزنى ئەنە شۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى كۆرۇپ كەلگەن . ئەنە شۇنداق رولىنى رولىنى جارى قىلدۇرالىغان يىگىتلىرىمىزنى جەسور ، ھەقىقىي ئەركەك دەپ ئىتراپ قىلغان ، ئۇلار قىزلار قەلبىنىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئىلىپ ، قەدىم زامانلاردىن بېرى قىزلارنىڭ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ ، گۈزەل تىللار بىلەن مەدھىيلىشىگە ئېرىشىپ كەلگەن . لېكىن جەمىئىيىتىمىزدىكى تەرەققىياتلارنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ ، غەرىبنىڭ باشقا ئىلغار مەدەنىيىتىدىن كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى تېزراق سىڭىپ كىرىپ ، ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ، ئۇچۇق دېسەم بىز قىزىقىدىغان ھەمدە ئەڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان ، ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان كىيىملىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . بۇنىڭ بىلەن مىللىيچە كىيىملىرىمىز يىراق سەھراغا تاشلىنىپ بوينى قىسىلىپ قالدى . بىلىم دائىرىسى تار ، ئەخلاقىي ياخشى بولمىغان يىگىتلىرىمىزگىمۇ يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەنلەر پەرىزات ، مىللىي كىيىملىرىمىزنى كىيىپ ئورىنىۋالغانلار كاللىسى ئىچىلمىغان ، شەھەر كۆرمىگەن مەتو كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى . بۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك ئەخمەق قىزلىرىمىز شۇ يىگىتلەرنىڭ قەلبىدىكى پەرىزات بولۇش ئۈچۈن ، بۇخىلدىكى كىيىملەرنى مودا قىلىپ ، بەس - بەستە لاھىيەلەپ كىيىشكە باشلىدى . بۇ ئەھۋال ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە ، ئۇيغۇر تىككۇچىلىرىمىزمۇ ، مىللىي كىيىملەرنى تىكسە بازار تاپمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ، غەربچە كىيىم تىكىشنى كۇرسلارغا قاتنىشىپ بولسىمۇ ئۆگەندى . بۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى مىللىي كىيىملىرىمىز پەقەت سەھنە كىيىمى تىكىپ ساتىدىغان يەرلەردىلا قالدى . دېمەك ، قىزلارنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىيىنىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى پەقەت شۇ قىزنىڭلا ئەمەس ، شۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن يىگىتلىرىمىزنىڭمۇ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەسئۇلىيىتى ئىدى . ئەمما ئاغزىدىن غۇرور ، ئەركەكلىك توغرىسىدىكى سۆزلەر چۈشمەيدىغان ، مەيدىلىرىگە « مەن يىگىت » دەپ مۇشتلاپ يۇرۇيدىغان يىگىتلىرىمىزمۇ ، شۇ يېرىم يالىڭاچ كىيىنگەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىشقى ئوتىدا كۆيۇپ ئەس - ھۇشىنى يۇقىتىپ ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ كىيىنىشىنىمۇ باشقۇرالمايدىغان ، شۇ قىزلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن < بۇ كىيىملىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز > دەپ ماختايدىغان ، ھەتتا ئۆزلىرى ئىزدەپ تېپىپ شۇنداق كىيىملەرنى سوۋغا قىلىدىغان بولۇپ كەتتى . بۇنىڭ بىلەن قىزلىرىمىز چىرايلىق كۆرۇنۇش ئۈچۈن يىگىتلىرىگە يارىغان شۇ خىلدىكى كىيىملەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان بولۇپ كەتتى . دېمەك ، شۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ ، يېتەكلەپ مېڭىش مەسئۇلىيىتى زىممىسىگە يۇكلەنگەن سەركەردىلىرىمىز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماي ، ئۇلاردىكى جۇشقۇنلۇق يۇقاپ ، ئاجىز بىر قۇشۇن بېشى قالغاچ ، قىزلىرىمىز ئۆزى خالىغان يوللارغا ئۇلارنى باشلاپ مىڭىشقا باشلىدى . بۇنىڭ بىلەن قىزلىرىمىزغا < جەسور > دەپ تەرىپلىنىپ ، قەلبىدىن سۆيىدىغان ئاق ئاتلىق شاھزادىلەر ئازلاپ كەتكەندەك بىلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى . ھەتتا كۈلكىلىكى شۈكى ، يىگىتلىرىمىز قولتۇقلاپ مېڭىۋاتقان قىزلىرىنىڭ قانداق كىيىنگەنلىكىنى كۆرمىگەندەك ، ئاشۇ قىزغا ئۇخشاش كىيىنگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىپپىتىنى يۇقاتقاندەك قارايدىغان ، ئۇلار ئۈچۈن جاھاندا پاك قىز قالمىغاندەك بۇلۇپ قالدى
مەنبە؛ ساخاۋەت بىلوگى

توردا
185سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
408 
تېما
35 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 15:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق بۇ ئىشلار تۈزەلمەكتە يوق تېخىمۇ ئەدەپ كىتىپ بارىدۇ .

توردا
28سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
143 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 16:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنى دىمەمسىز مەن كىيىنچە قانداقراق قىز بىلەن توي قىلىش پىشانەمگە پۇتۇلگەندۇ دەپ بېشىم قاتىدۇ ناۋادا شۇنداق ئۆزىنىڭ كىيىمىنى ئۆزى ئوڭشاپ كىيەلمەيدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلىشقا توغرا كەپ قالسا قانداق قىلارمەن ئاللاھ ھەممە بەندىلىرىگە ئىنساپ ۋە ئەقىل ئاتا قىلغاي قىزلىرىمىز شەرمىي ھايالىغ بولغاي ..................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 13:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.