ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەڭ...
كۆرۈش: 315|ئىنكاس: 6
go

قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەڭ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
351سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
423 
تېما
222 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 23:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەڭ


بىر بۈركۈت دائىم باشقا بۈركۈتلەرنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئۇ بىر ئوۋچىغا: «مەن سېنىڭ ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن باشقا بۈركۈتلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن!» دەپتۇ. ئوۋچى: «ئەگەر سەن ماڭا پېيىڭدىن ئازراق بەرسەڭ، مەن سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىمەن» دەپ بۈركۈتكە شەرت قويۇپتۇ. بۈركۈت ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، بىر قانچە تال پېيىنى ئوۋچىغا يۇلۇپ بېرىپتۇ. ئەمما ئوۋچى باشقا بۈركۈتلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن قايتا - قايتا پەي تەلەپ قىپتۇ. بۈركۈتمۇ مەقسىتىگە تېزرەك يېتىش ئۈچۈن بەدىنىدىكى پەيلىرىنى ئاز - ئازدىن تاكى بەدىنىدە پەي قالمىغۇچە يۇلۇپ ئوۋچىغا بېرىپ تۈگىتىپتۇ.
نەتىجىدە ئوۋچى بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ناھايىتى ئاسان قىلتىقىغا چۈشۈرۈپ، ئاخىر ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر ۋاقلىق مەززىلىك تامىقى قىلىپ يەۋېتىپتۇ.
ھېكمەت: ھەسەتخورلۇقنىڭ ئادەمگە قىلچە پايدىسى يوق، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈگىتىشكە تىرىشىڭ، كۆڭلى - كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ؛ باشقىلارغا قىلتاق قۇرۇشنىڭ ئورنىغا ھەر دائىم ھوشيار بولۇپ، باشقىلار قۇرغان قىلتاققا چۈشۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

ئۆركەش ئۆتكۈر تەرجىمىسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
258سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
621 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 00:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر ھەسەتخورلۇق دۇنياۋى كىسەلگە ئايلىنىپ قالاي دىدى،بەزى ئاياللارنى دىمەيلا قويايلى، بەزى چىدىماس ئەرلىرىمىزغىمۇ يۇقىۋاتىدۇ بۇ كىسەل~!

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
93 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 00:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پىكىرىڭىز ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ ... ھەقىقەتەن دانا ئەقىلىيە ئىبارىللىرى بولۇپتۇ ... ھەممەيلەننىڭ ئويلۇنىشىغا تىگىشلىك ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
380سائەت 
نادىر تېما
دوست
31 
يازما
576 
تېما
110 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 00:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر دېگەندەك ئىش بۇپتۇ. ھەسەتخورلۇق ھازىرقى جەميىتىمىزدە پارازىت قۇرۇتتەك كۆپيىپ كىتۋاتىدۇ. بىرەرسى نام چىقارسا ياكى باي بۇلۇپ كەتسە تاپمىغان گىپىمىز قالمايدۇ.

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 03:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنىسى بەك چوڭقۇركەن ،

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
539 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-27 18:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
475 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئياللارمۇ ئۇنچىۋالا ئىچى تار ئەمەستۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 13:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.