ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەقسىز
دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقسىز بولىدۇ. ھەممە كىشىلەر بۇلار ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدۇ.
قۇياش نۇرى ھەقسىز؛ ھاياتلىك قۇياش نۇرىدىن ئايرىلمايدۇ، ھەممە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھىچكىم قۇياش نۇرى ئۈچۈن ئامانەت قويغان ياكى ئىئانە توپلاپ باققان ئەمەس.
مىھرىبانلىك ھەقسىز؛ ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىن ئاتا- ئانىسىنىڭ چەكسىز مىھرىبانلىقىغا نايىل بولىدۇ. ھىچ قانداق بىر ئاتا- ئانا بالىسىغا <سەن بىزگە پۇل بەرسەڭ، بىز ساڭا مىرىبان> بولىمىز دىمەيدۇ.
دوسلۇق ھەقسىز؛ يالغۇزلۇق ھىس قىلغىنىڭىزدا، ئىغىر كۈنلەرگە قالغان چىغىڭىزدا سىزگە تەسەللى بەرگەن، سىزگە ياردەم قىلغان ئادەمنىڭ دوسلۇقى چىن ۋە سەمىمىي بولىدۇ.
مۇھەببەت ھەقسىز؛ سىزنى ھەر ۋاقىت سىغىنىدىغان، سىزگە ھەر ۋاقىت سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق تىلەيدىغان، بەختىڭىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئادەمنىڭ مۇھەببىتى چەكسىز ۋە ھەقسىز بولىدۇ.
نىشان ھەقسىز؛ مەيلى پۇلدار ياكى نامرات بولۇڭ سىزلا خالىسىڭىز ئۆزىڭىزگە نىشان باغلىيالايسىز. نىشانىڭىز ئۇلۇغ ياكى ئادەتتىكىچە بۇلۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەلەيسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىتىقاد، ئىرادە، ئۈمىد، ھايامۇ ھەقسىز بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئىرىشىنى، ئۇنى قىلىشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭغا ئىرىشەلەيسىز. مەيىن شامال، سىم- سىم يامغۇر، ئايدىڭ كىچە، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، كۆك ئاسمان ھەقسىز بولىدۇ. ئۇنىڭغا بىقىشنى خالىسىڭىزلا سىز ئۇنىڭدىن تەبىئەتنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھىس قىلالايسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskin0709 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-25 22:36
|