ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىز تورىغا تەكلىپ نىكاھ بەئەينى بىر ماشىنا
كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 4
go

نىكاھ بەئەينى بىر ماشىنا

Rank: 8Rank: 8

توردا
772سائەت 
نادىر تېما
دوست
94 
يازما
2675 
تېما
454 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 11:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

نىكاھ بەئەينى بىر ماشىنا

نۇرغۇن كىشىنى نىكاھنى بىر جۈپ ئاياغقا ئوخشىتىپ ، << پۇتقا كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى پەقەت ئۇنى كىيگەن ئادەمنىڭ ئۈزىلا بىلىدۇ >> دېيىشىدۇ . مېنىڭچە بولغاندا ، نىكاھ بەئەينى بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ .

نىكاھ ھەقىقەتەن بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ . ئەمما ماشىنىلارنىڭ دەرىجىسى ، باھاسى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ . ماشىنىغا ھاجىتى چۈشكەن كىشىمۇ ئۆزىنىڭ ھېس - ھەۋىسى ، ئەھۋالىغا بېقىپ سېتىۋالىدۇ . بۇ ھەم سەل چاغلاشقا بولمايدىغان مۇھىم نوقتا سانىلىدۇ . نىكاھلىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ . داغدۇغا بىلەن ھەشەمەتلىك توي قىلامسەن ياكى تۆت ئاغىنەڭنى يىغىپ ئاددىي داستىخان سالامسەن ، بۇنى ئۆزۈڭنىڭ ھالىغا بېقىپ تاللايسەن . يېڭى ماشىنا سېتىۋالغانكەنسەن ، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن ئاۋايلاپ ھەيدىمىكىڭ لازىم . شوپۇرلۇققا ھەرقانچە ئۇستا بولساڭمۇ ، ماشىنىنى يەنىلا ئاۋايلاپ ھەيدىمىسەڭ ئالىمادىس بالا - قازادىن ساقلانمىقىڭ تەس . كونىلاردا <<ئاۋايلىساڭ ئۇزاق يېتەر >> دەيدىغان گەپ بار . نىكاھتىن ئىبارەت بۇ << ماشىنا >> ڭنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن دەيدىكەنسەن ، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن ئاۋايلاپ ھەيدىمىكىڭ زۆرۈر . بەزى شوپۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇستىلىقىغا زىيادە ئىشىنىپ ماشىنىنى بولۇشىغا ئۈچۈرىدۇ - دە ، ئاقىۋەتتە بىر يەرگە << ۋاڭ >> ڭىدە ئۈسسۈپ سېلىپ ، بالا - قازا تېرىيدۇ . بۇ ئۆزۈڭگىمۇ ، ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق ، ئەلۋەتتە .

ماشىنىلىق بولغاننىڭ دەسلىپىدە ئۇ يېڭىلىق تۇيۇلۇدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاسراپ - ئاۋايلايسەن . لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ماشىنىنى ئاسراشقا ئېرىنچەكلىك قىلىسەن . ھالبۇكى ، ماشىنا ئۇزۇن مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن ئۇيەر - بۇ يېرىدىن كاشىلا چىقىشقا باشلايدۇ ، ئەلۋەتتە . بۇنداق چاغلاردا ماشىنىنى ئاسراش ۋە رېمۇنت قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر .

نىكاھنى ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق ، ئەر - خۇتۇن ئۇزۇن مۇددەت بىر ئۆيدە تۇرغاچقا ، بارا - بارا بىر - بىرىنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان بوپقالىدۇ ؛ ھەتتا تۇرمۇشتىكى نېرى - بېرى ئىشلار تۈپەيلى ئارىدا زىددىيەت تۇغۇلىدۇ . بۇنداق چاغدا ئەر - خوتۇن بىر - بىرىنى چۈشىنىشى ، كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بولۇشى لازىم . بولۇپمۇ ئەپۇچانلىق خۇددى سىلىقلاش مېيىغا ئوخشاش نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ماشىنىنىڭ زاپچاسلىرىنى بىمالال يۈرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا << ئىش تامام ، ۋەسسالام >> دېمە . چۈنكى بەزىدە ماشىنىنىڭ ئۇپىرىغان زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرغاندەك ، نىكاھمۇ يېڭى - يېڭى مەنالارغا موھتاج بولىدۇ . مۇشۇنىڭغا قادىر بولالىساڭلا ، نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ماشىناڭنى ھەر ۋاقىت بىمالال ، بىخەتەر ھەيدىيەلەيسەن .

بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭكىدىن يېڭى ۋە ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، << قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنۈپتۇ >> دېگەندەك مەيۇسلىنىدۇ . بۇنى توغرا چۈشۈنىشكە بولىدۇ ، ئەلۋەتتە . لېكىن نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ماشىنىنى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ . چۈنكى ، بىراۋ ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئېسىل ماشىنا ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىۋى ماھىيىتىگە ئەمەس ، بەلكى تاشقى قىياپىتىگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ . ماشىنىنىڭ چىرايلىقلىقى ئۇنىڭ ئىقتىدارىنىڭ زىيادە يۇقىرلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . باشقىلار پوزۇر ماشىنىلارنى ھەيدەپ يۈرگىنى بىلەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك ماشىنا قەرزىنى ۋاقتى - قەرەلىدە تۆلەيمەن ، دەپ تېشىدا ھېيىت ئويناپ ، ئىچىدە روزا تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . ھەدېسىلا ئۆزۈڭنىڭكىنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرماي ، چىن ئىخلاسىڭ بىلەن ئاۋايلا ، ئاسرا ، قوغدا . نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ماشىنا ئۆزىنىڭ بەخت رولىنى قولۇڭغا تۇتقۇزغانكەن ، ئۇنداقتا سائادەت مەنزىلىڭگە ئۆمۈرلۈك ھەمرىھىڭ بىلەن بىرگە سەپەر قىلىش ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرشىشىڭ كېرەك ...

مەنبە : خاتېرەمدىكى ئىبارىلەردىن ...

ئەھمىدى << شەيدائىي >>

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
97 
يازما
1529 
تېما
277 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 13:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ...ئەجرىلىگە ..بۇ تېماڭلىدا شۇنداق چوڭقۇر مەنالار باركەن..

خاتېرەڭلىنى ئۇخلاپ قالغان چېغىڭلىدا تازا بىر كۆرۈۋالمىسام خەپ.....ھا ھا ھى ھى..چاقچاق جىمۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-19 13:31

توردا
126سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
421 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 14:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت سىزىگە بۇ ئوخىشۈتۈشىلار بەك ياخىشى ئوخىشۈتۈلۇپىتۇ . راس دەيىسز . ھەممە ئادەم كۆيۇنۇشىگە . مۇھاببەتىكە مۇھىتاج . ۋاقىت ئۇزارغانىسرى تېخىمۇ بەك . بەك ياخىشى يىزىپىسز . ئاللا قولىڭىزغا دەت بەرمىسۈن . ياخىشى ئەسەرلىڭىز بولىسا ھارمىغايىسز

توردا
235سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1004 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 15:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت ئەسىرىڭىزگە

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 15:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكلا مەنىسى چوڭكۇر كەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-20 07:53

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.