ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز پايدىسىز ئارتۇقچىلۇق
كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 4
go

پايدىسىز ئارتۇقچىلۇق  

توردا
185سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
408 
تېما
35 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 17:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يۇم (ئەنگلىيە)
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى


ئەگەر بىر ئادەمدە مەلۇم نۇقسان ياكى يېتەرسىزلىك بولسا، ھەمىشە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا مەلۇم ئارتۇقچىلىقمۇ بولىدۇ. ئۇنداق ئارتۇقچىلىق ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدىدىكى يېتەرسىزلىككە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك قەبىھ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇدى نۇقسانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئادەم ئازراقلا قىيىنچىلىقتا قالسا چۆچۈپ ئويغىنىدۇ. لېكىن ئۇ كەڭ قورساق، مەرد ۋە ياخشى نىيەتلىك بولسا، باشقىلارغا ئەمەلىي ھالدا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ ۋە ئۇنى كۆپ جەھەتتىن ئامەتلىك قىلالايدۇ. ئۆزى بولسا تېخىمۇ بەختسىز بولۇپ قالىدۇ.
نۇقسانى بار ئادەمگە نىسبەتەن ئۇيۇلۇش ۋە نومۇس تۇيغۇسى دەرۋەقە گۈزەل ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجە غايەت زور كۆڭۈلسىزلىك ۋە پۇشايماندىن ئىبارەت بولىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى بۇزۇق ئادەملەر جىنايەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى تارتىپ، خەير - ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. مېھرىبان - ئىللىق چىرايلا بولۇپ ياخشى نىيىتى بولمىغان ئادەم باش - چېكى يوق ئىشقى - مۇھەببەتتە مەردانە خاراكتېرغا ئىگە بولغان ئادەمگە قارىغاندا تېخىمۇ تەلەيلىك بولىدۇ، ئەمما بۇنداق ئادەم شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ.
بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز ئۈچۈن غەمكىن خاراكتېر دەرۋەقە كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇ ھەمىشە يۈكسەك دەرىجىدىكى شان - شەرەپ تۇيغۇسى ۋە ھەقىقىي سەمىمىيلىك بىلەن يانداش كېلىدۇ. گەرچە ئۇ ئادەمگە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تەسىر بەرسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئالىيجاناب ئادىمىي خىسلەت قاتارىدا چېلىقتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، شەخسىيەتچى، مۇناپىق ئادەم جانلىق، خۇشال خاراكتېر ۋە مەلۇم كۆڭۈللۈك كەيپىياتقا ئىگە بولسا ئۇمۇ ياخشى خىسلەت ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئاشۇ ياخشى تەرەپ ئۇنى بىرمۇنچە ئەسكى ئىشلارنى قىلىشقا گىرىپتار قىلىپ ئېغىر جازاغا دۇچار قىلىدۇ - دە، ئۇنىڭ تەقدىرى ياخشىلانغان بىلەن بىرمۇنچە سەۋەنلىكلەر ئۇنى پۇشايمان قىلدۇرىدۇ ۋە ئەنسىزلىككە سالىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
252سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
599 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 21:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە،مەن ئۆزۈمنى يەنە قايتىدىن ياخشىراق ئوپىراتسىيە قىلىپ باقسام بولغۇدەك~!:

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2591 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 09:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىممەتلىك يازمىڭىزغا رەھمەت ! ...

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
11 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 16:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
41سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
133 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-26 19:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىممەتلىك يازمىڭىزغا رەھمەت ! ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 15:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.