ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار قىزىل چىش چوتكىسى(ھىكايە)
كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 4
go

قىزىل چىش چوتكىسى(ھىكايە)

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
155 
تېما
115 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 14:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قىزىل چىش چوتكىسى


ليۇ تىڭجى (سىنگاپور)


سەھەر، قۇياش نۇرى يىپەك پەردىدىن ئۆتۈپ ھۇجرامنى جىمجىتقىنە يورۇتۇپ تۇراتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستا مېڭىپ تازىلىق ئۆيىگە كىردىم. تازىلىق ئۆيىدىكى ئىككى تال چىش چوتكىسىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، يېشىل چىش چوتكىسىنىڭغۇ مېنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەمما قىزىل چىش چوتكىسى كىمنىڭدۇ؟ ياكى ئالدىنقى قېتىم بىرنى ئارتۇق ئالغاندىمەنمۇ؟ مەن ئۇ قىزىل چىش چوتكىسىغا قاراپ بىر ھازا تېڭىرقاپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتتىم. بىر ئادەمنىڭ ئىككى چىش چوتكىسى ئىشلىتىشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟
چىشىمنى چوتكىلاۋاتسام بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. يەنە شۇ ناتۇنۇش ئايال. قاچاندىن باشلانغانكىن، بىر ياش ئايال ھەر كۈنى مېنىڭ ئۆيۈمنى تازىلايدۇ. ۋاقىتلىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلغان - قىلمىغىنىم ئېسىمدە يوق، ئەمما ئۆيۈمنىڭ تازىلىنىشى كېرەكلىكىگە مەن ئىقرار، شۇڭا ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى سوراپ باقمىدىم. ئۇنىڭ چىرايى قانداقراقتۇ؟ پەقەتلا ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئادەتتىكىچىلا بولغاندىكىن، مېنىڭ ئاتايىتەن بېشىمنى چىقىرىپ قاراپ بېقىشىمنىڭ ھاجىتى يوقتە؟ يېشىل چىش چوتكىسىنى ئىستاكاننىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ، مېھمانخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇم، تاماق ئۈستىلىگە قىزىق شوۋىگۈرۈچ، بىر تەخسە چىلانغان سەي، بىر تەخسە چىلانغان تەرخەمەك، يەنە بىر ئىستاكان يېڭىلا تەييارلانغان مېۋە سۈيى تىزىپ قويۇلغانىدى. بىرتال چىلانغان پۇرچاقنى چوكىدا قىسىپ ئاغزىمغا سالدىم، يېيىشلىك ئىكەن. بۇ ئايال خىزمەتكارنىڭ قولىنىڭ بۇنداق تاتلىق ئىكەنلىكى ئەجەپ ئېسىمدە يوققۇ؟ ئەمدى ئۇنى تېخىمۇ كەتكۈزۈۋەتكۈم كەلمىدى. تازا ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىۋاتقىنىمدا، ئۇ خىزمەتكار بېشىنى سېلىپ يەرنى سۈرتكەچ يېنىمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ يېشى مېنىڭدىن كىچىكتەك قىلاتتى، ئەمما ئاق چاچلىرى مېنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ پول سۈرتكۈچنى تۇتقان قوللىرى پول سۈرتكۈچنىڭ دەستىسىدىنمۇ ئىنچىكە كۆرۈنەتتى.
ــــ تەمى بولامدىكەن؟، ـــ ئۇنىڭ زىل ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.
ــــ ھە، بولىدىكەن، ـــ مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.
ــــ ئۇنداق بولسا كۆپرەك يەڭ، ـــ ئۇ جاۋابىمنى ئاڭلاپ تولىمۇ خوشال بولغاندەك قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازىغا خۇشاللىقتىن باشقا يەنە تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس بولغان بىرخىل ھېسسىيات ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى قەلىب دەرۋازامنى يېنىككىنە چەككەندەك قىلدى، مەن بىردىنلا ئۇنىڭ گەۋدىسىنىڭ كەينىدىن قارىغاندا تېخىمۇ ۋىجىك كۆرۈنۈپ، كىشىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
چوكىنى قويۇشۇمغا، بېشىم پىررىدە قېيىپ كەتتى، ئورۇندۇققا تايىنىپ ئاستا تۇرۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالدىم – دە، ھۇجرامغا كىرىپ ئارام ئالماقچى بولدۇم. يېقىندىن بېرى سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس ئىدى، ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالدىم ئەمەسمۇ، ئېموننىت كۈچۈممۇ ئەينى يىللاردىكىدەك ياخشى ئەمەس.
كارىۋاتتا يېتىپ كۆزۈم ئەمدى ئۇيقۇغا بېرىشىغا، ئۇ ئايال خىزمەتكار مېنى ئويغىتىۋېتىشتىن ئەنسىرىگەندەك، ناھايىتى ئاۋايلاپ دەسسەپ كىرىپ كەلدى، ئۇ يېنىمغا كېلىپ يوتقاننى يېپىپ قويۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، ئالدىراش ئەخلەت چېلىكىدىكى قىزىل رەڭلىك چىش چوتكىسىنى ئالدى.
ئۇ بىر-بىرىگە ياندىشىپ تۇرغان ئىككى تال چىش چوتكىسىغا قاراپ چوڭقۇر ئۇھسىندى. كۆزىدىن ئاققان ياش ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ، مېنىڭ يۈرىكىمگە تامچىلىدى. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ تەسەللى بەرگۈم كەلدى، ئەمما زادى نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم، پەقەت نەچچە مېتىرلا كېلىدىغان ئارىلىقىمىز ماڭا ناھايىتى يىراقتەك بىلىندى. ئۇ كارىۋىتىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر قاتار كومىلاچ دورىلارنى ئىشكاپ ئۈستىگە قويۇپ قايتا-قايتا جىكىلىدى:
ــــ ئەتىگەندە، كەچتە ئۈچ تالدىن ئىچىسىز ، ئۇنتۇپ قالماڭ، بولامدۇ؟
مەن گاراڭ ھالەتتە ئۇ دورىلارغا قارىدىم، ئۈستىگە« TacrineHCI(Cognex) خاتىرىسىنى يوقىتىش كېسىلىنى داۋالايدۇ» دەپ يېزىلغان ئىدى. دورا ئىچىشنى قانچە قېتىم ئۇنتۇپ قالغاندىمەن ــ ھە! ئېسىمگە كەلدى، نېمىشقا تاماق ئۈستىلىدە قىزىق شوۋىگۈرۈچ تىزىقلىق تۇرىدۇ؟ يەنە تېخى ھېلىقى قىزىل رەڭلىق چىش چوتكىسىمۇ بار، ئۇنى تاشلىۋەتكەن ئىدىمغۇ، نېمىشقا يەنە تازىلىق ئۆيىدىكى ئىستاكاندا تۇرىدۇ؟


ئايگۈل زوردۇن تەرجىمىسى

توردا
231سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
992 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 15:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ھىكايىكەن . رەخمەت سىزگە .

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2591 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 16:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازمىڭىزغا رەھمەت ! ...

توردا
71سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
359 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
34سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
100 
تېما
10 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆپ - تەشەككۈر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 15:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.