
سۆيەلمىدىم سەندىن باشقىنى 
كۈلەلمىدىم،بىرەر قېتىم قېنىپ، خىيال ئىچىدە شۇ قەدەر غەمكىن. پىنھان،قەلبىم تىپىرلايدۇ گاھى، بوشلۇقلارغا تىكلىپ شۇنداق مىسكىن. 
بىلەلمىدىم،چىن سۈزلىرىڭنى مەن، غىرىپ ھىسلىرىم بوپكەتتى سەرسان. چىن ساداقەتتىن تۇغۇلغان ئويلار، كۆز يېشى قىلىپ قالدىغۇ ھەريان. 
سۈيەلمىدىم،سەندىن باشقىنى ھەم، قەلبىم قېتىدا بىر سىنىڭ ئىسمىڭ . يۈرەككە مۆھرى قىلىپ باسقاندەك، مۈكۈپ ياتار تىنىقىمدا سىزمىڭ. 
ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايمەن گاھىدا، قۇياشقا تىكىلىپ كۆزلىرىم ئەلەس. ھاياتىمنىڭ پايانسىز دولقۇنى، قىسمەتلەردىن بەردى ماڭا ھەۋەس. 
سۈيەلمىدىم سەندىن باشقىنى مەن، قەلبىم قېتىدا پايانسىز ئارمان . چۈشلىرىم ئىزلەر سىنى ئەرىشتىن. قەلبىم مۇڭسىراپ قېنىمدا شاۋقۇن. 
قەلبىمدىن تۈكلەر ھەسرەتلىك ئەلەم، دەرىتلەرگە چىدايمەن ئىرادەم بىلەن. ئىللىق باغرىڭغا سىڭسەم مىھرىدە، بۇلاتتىم ئازاپتىن بىراقلا خۇرسەن. 
مەنبە قەلمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-24 18:27
|