ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ئەدەبىي يازمىلار › ئاگاھ بول ئىنسان

      

كۆرۈش: 177|ئىنكاس: 9
go

ئاگاھ بول ئىنسان

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 01:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

-
يوتقان مېنى يەپ كەتتى.- دېدى يەتتە ياشلىق ئوغلۇم ئۇخلاش ئالدىدا.

-
قانداقسىگە؟ - دېدىم مەن تەئەججۈپ بىرلە.

-
يوتقان ئادەم يەيدىكەن، -دېدى ئوغلۇم،- يوتقانغا كىرسەكلا خالىغان ئىشىمىزنى قىلالماي، خۇددى ئۆلۈكتەك ئۇيقۇغا كىتىدىكەنمىز.

-
شۇنداق، ئوغلۇم، - دېدىم مەن ئوغلۇمنىڭ گېپىنىڭ تېگىگە ئەمدىلا يەتكەندەك، - يوتقان بىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ھاياتىمىزنى يەپ كىتىدۇ.

-
ئانا، ئۆيمۇ ئادەم يەيدىكەن.- دېدى ئوغلۇم.

خىيالىمدا سوقرات بىلەن ئەپلاتۇن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

-
قانداقسىگە؟

-
ئىشىك ئۇنىڭ ئىغىزى، بىز ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرسەكلا ئۇ بىزنى يەپ كىتىدىكەن.

-
شۇنداق، ئوغلۇم.- دېدىم مەن رەسمى يۇسۇندا،- ئۆيمۇ ئادەم يەيدۇ. ئادەملەر بىر ئۆمۈر ئۆي سىلىش، ئۆي تۇتۇش، ئۆينىڭ ھەلەكچىلىكىدە ياشايدۇ. ئادەم ھاياتىنىڭ
ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئۆي يەپ كىتىدۇ.

-
ئانا، ماشىنا، ئايرۇپىلان، پويىز قاتارلىق ھەر خىل قاتناش قۇراللىرىمۇ ئادەم يەيدىكەن.


شۇنداق، بالام. ئۇلار قورسىقىغا ئادەملەرنى سولاپ ئۇياقتىن- بۇياققا چىپىپ يۈرۈيدۇ. خالىسا
ئادەملەرنى ساق- سالامە قۇسۇپ چىقىرىدۇ، خالىسا ئادەملەرنى
دەسسەپ- چەيىلەپ، مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىپ،
قىپ- قىزىل قانلىرىنى شارىلدىتىپ
ئاققۇزۇپ ، ئىنتايىن ۋەھشىلەرچە يەۋىتىدۇ.

-
ئانا، سۇمۇ ئادەم يەيدىكەن.

-
شۇنداق، بالام. بىز
بەزىدە سۇنى يەيمىز لېكىن
سۇمۇ
بەزىدە بىزنى يەيدۇ. كەلكۈن، دېڭىز تاشقىنى، سۇ ئۈزۈش جەريانىدا سۇ يەپ كەتكەن ئادەملەر ئاز ئەمەس.

-
ئوتمۇ ئادەم يەيدىكەن. يەرمۇ ئادەم يەيدىكەن.
ئانا، نېمىشقا ھەممە نەرسە ئادەمنى يەپ كەتسەم دەپ تۇرىدۇ؟

-
چۈنكى ئادەم بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى، ئېسىل نەرسىلەرنىڭ كۈشەندىسى كۆپ بولىدۇ، بالام.
ھەممە سېنى ھەر ۋاقىت يەۋەتسەم دەپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ھاياتىمىزغا ئاگاھ بولۇشىمىز كىرەك. ئاگاھ بول ئىنسان!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-18 01:53

توردا
232سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
42 
يازما
993 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما ئىكەن . مىنى ئەجەپ ئويلاندۇرۇپ قويدا . بۇرۇن بۇ مەسىلىلەرنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەنكەنمەن ![/b]

Rank: 8Rank: 8

توردا
255سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
16 
يازما
606 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راستلا ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويىدىكەن،رەھمەت سىزگە~!

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بەكلا ئويلۇنۇپ كەتتىم ئاخىرى چۇشەندىم....

Rank: 8Rank: 8

توردا
756سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
89 
يازما
2624 
تېما
451 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 09:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاياتلىقنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەڭ دىمەكچىغۇ سىز ... مەنىسى خېلى چوڭقۇركەن ... رەھمەت ! ...

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
1 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 11:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
94سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
23 
يازما
250 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 14:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنىسى چوڭقۇر ........ياخشى تىمىكەن !

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 17:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
salkin11 يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 09:07
ھاياتلىقنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەڭ دىمەكچىغۇ سىز ... مەنىسى خې ...

شۇنداق ...ھەر بىر مىنۇتنىمۇ بىكاغا ئۆتكۇزۇشكە بولمايدىغانلىقىنى چۇشۇنۇپ يەتتىم..

Rank: 8Rank: 8

توردا
211سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
19 
يازما
366 
تېما
182 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 20:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قالتىس چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەن. ھاياتىمىزدا ئەشۇ نەرسىلەرنى يەيمىز دەپ بەزىلىرىمىز نەپسانىيەتچىلىك قىلساق، بەزىلىرىمىز تېرىشىپ -تېرمىشىپ ئۆتۈمىز ئەمما بىر كۈنلەردە ئۇلاردىن بىرسى تۇيۇقسىز بىزنى يەۋىتىدىغىنىنى ئويلاپ باقمايمىز.

توردا
117سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
11 
يازما
387 
تېما
0 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-19 14:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۈنىداق بۈ سۆزىلەرنىڭ مەنىسى شۈنىداق چوڭىقۇر ئىكەن . ئاگا ھىلانىدۇرۇش بەرگنىڭىزىگە كۆپ رەخىمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-12 16:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.