ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار يول بىرلا ئەمەس

      

كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 3
go

يول بىرلا ئەمەس

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 00:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەن مەغلۇپ بولدۇم. ئۈزۈل- كېسىل مەغلۇپ بولدۇم. بۇ دۇنيادىكى ھىچكىمدە قەرىز-پەرزىممۇ ، تارتىشىدىغان
ھىچنىمەممۇ قالمىدى. دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىم ئۈزۈلدى.


يەككە- يىگانە مېڭىۋىرىپ، بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇرجىكىگە، ئېگىز ھاڭنىڭ گىرۋىكىگە كىلىپ ھارغىن قەدىمىم خۇشاللىق ئىلكىدە توختاپ قالدى. چۈنكى مىنى بىر ئۆمۈر كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ جاپاكەش پۇتلۇرۇم
ئۆزىنىڭ ئاخىرى ماڭىدىغان يولىنىڭ تۈگەپ قالغانلىقىنى، بۇ ئىغىر يۈكتىن بىر يولىلا قۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدى. ئالدىمغا قارىدىم. قاپقاراڭغۇ ھاڭنىڭ تىگىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇ يەردە ئۆلۈمدىن باشقا ھىچنەرسە يوقتەك قىلاتتى. بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئاسمانغا قارىدىم. ئاسماندا قۇياش ئازاپتەك ساپسىرىق
نۇر چىچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم دە، ئالدىمغا بىر قەدەم ئىلىشقا تەمشەلدىم. توساتتىن قۇلىقىمغا ئاجايىپ كۈچلۈك بىر سادا ئاڭلاندى.

-
ھەي ئىنسان، توختا! سەن ياشىشىڭ كىرەك!

-
ياق، مەن ياشاپ بولدۇم. ئەمدى ياشىمايمەن.

-
نىمە ۋەجىدىن بۇنداق دەيسەن؟

-
بىر ئۆمۈر تىرىشىپ- تىرمىشىپ كۆرەش قىلىپ ئاخىرىدا ھىچنەرسىگە ئىرىشەلمىسەم، ئەڭ مۇھىمى ، مىنى ھىچكىم ياخشى كۆرمىسە، مەن قانداقمۇ ياشىيالايمەن؟ ياشىغىنىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى!

-
ئېرىشكەنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ ئىنسان. مەن ساڭا نۇرغۇن- نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدىم.


ھەممىسى يوقلۇق، قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت. بولدى، ياشىغۇچىلىكىم قالمىدى.

-
بولدى، بەس، توختا! سەن تىخى بۇ دۇنيادىكى قەرىزلىرىڭنى قايتۇرۇپ بولالمىدىڭ!

-
مەن قايتۇردۇم. ھىچكىمدە بىر تىيىنمۇ قەرزىم قالمىدى. بەلكى مېنىڭ ئۇلاردا نۇرغۇن قەرىزلىرىم قالدى.

-
ياق، سەن دۇنيادىكى ھەر بىر تال يىشىل گىياھ، ھەر بىر تۈپ
دەرەخكە
قەرىزدارسەن، چۈنكى يىشىل زىرائەتلەر سىنى ھاياتلىق مەنبىئى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى، ھەر بىر تۈپ دەرەخ، ھەر بىر تال گىياھ
سىنى
بىر ئۆمۈر ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلىدى. سىەن دەرەخنىڭ سايىسىدىن ۋە مىۋىسىىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىڭ ،
لىكىن سەن ئۆمرۈڭدە بىرەر تۈپمۇ دەرەخ تىكىپ باقمىدىڭ.


-



سەن دۇنيادىكى ھەر بىر تال قۇش- قاناتقا قەرىزدارسەن. چۈنكى ئۇلار سەن نەپەسلىنىدىغان ھاۋادىكى چوڭ- كىچىك زىيانداش ھاشارەتلەرنى تازىلاپ سېنى ئازاپتىن
ساقلىدى، زىرائەتلىرىڭنى زىيانداشتىن قوغدىدى. لىكىن سەن ئۇلارغا چىن قەلبىڭدىن چىقىرىپ رەھمەت ئېيتىپ
بىر سىقىم تىرىق چىچىپ بىرىپ باقماقتا يوق، ئۇلارنى ئۆلتۈردۈك، زەھەرلەپ يوقاتتىڭ .

-
سەن ئايىغىىڭ ئاستىدىكى ھەر بىر تال تاش- تۇپراققا قەرىزدارسەن. چۈنكى ئۇ سىنى بىر ئۆمۈر ئۈستىدە كۆتۈرۈپ، ئۆز تىنىدىن چىققان نىمەتلەر بىلەن سېنى بىقىپ كەلدى. لىكىن سەن ئۇنىڭغا بىرەر قىتىم ئىگىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە يوق، ئۈستۈڭگە قونۇۋالغان زەررىچىلىرىنى خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ بەدبۇي ، يىرگىنىچلىك نەرسە
يۇقۇپ قالغاندەك سەسكىنىپ تۇرۇپ قاقتىڭ، ئۇنى نىجاسەت، مەينەتچىلىك
بىلەن بۈلغىدىڭ. سەن بۇ دۇنيادىكى
ھەر بىر تال تاش، ھەر بىر تاغقىمۇ قەرىزدارسەن. چۈنكى ئۇلار سېنى ئابىكەۋسەر سۈيى بىلەن تەمىنلىدى. سەن ئىچكەن ھەر بىر تامچە سۇدا دۇنيادىكى
ھەر بىر تال تاشنىڭ تۆھپىسى بار.

-
نىمە؟ مىنىڭ تىخى يەنە شۇنچىۋالا قەرىزلىرىم بارمۇ؟
ئۇنى قاچانلاردا قايتۇرۇپ بولارمەن؟

-
بارغىن، ئىنسان !
بارغىن، ئەگەر سەن
بۇ قەرىزلەرنى قايتۇرۇش نىيتىگىلا كەلسەڭ
چوقۇم
قايتۇرۇپ بولالايسەن.

-
لىكىن مەن ئۈزۈل- كىسىل مەغلۇپ بولغان، مىنىڭ ھىچنىمەم يوق. مەن ھەممە نىمەمدىن ئايرىلغان، بىئەتىۋا، بىكىرەك ئىنسانمەن. مىنىڭ بۇ دۇنيادا بىر كۈن ياشىيالىشىمغىمۇ كۆزۈم يەتمەيدۇ.

-
ھاياتلا بولىدىكەنسەن ياشىيالايسەن، بالام. مەردانە بول. قارا، بالام! يۈلتۈز كەبى
كۆزلىرىڭ ، بۇلاق مىسال ئىغىزىڭ، تۈگىمەس بايلىق كەبى ساغلام تېنىڭ، يولۋاس مىسال ئۇستىخىنىڭ تۇرۇپ يەنە نىمىدىن غەم قىلىسەن؟! سەن ئۆزەك


-



بايلىق. سەن ئۆزەڭ
بىباھا دۇنيادۇرسەن. قىنى نەزەر سال ئۆزۈڭگە !
نەزەر سال ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىڭگە! يول پەقەت ئالدى تەرىپىڭدىلا ئەمەس، ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىڭدىمۇ يول بار.

ئۆزۈمگە قارىدىم. قىلچە ئەيىپ- نوقسانسىز جىسمىم، بەقۇۋۋەت تىنىم.
ئاتا- ئانام مىنى قانچە جاپالاردا قاتارغا قوشقان بولغىيتتى؟! مۇشۇنداقلا بۇ ھاياتنى تەرىك ئەتسەم بولمىغۇدەك. مەن ياشىشىم كىرەك.

ئوڭ تەرىپىمگە نەزەر سالدىم. ياپيىشىل ۋادىدا توپ- توپ قۇلانلار يايلاپ يۈرىشەتتى. سول تەرىپىمگە نەزەر سالدىم، كۆرۈمسىز ئىگىز- پەس تاغلار ئۈستىدىكى تاش- تۇپراقلار ئارىسىدا نىمىلەردۇر يۈلتۈزدەك پارقىرىشىپ تۇراتتى.
بىردىنلا ھاياتى كۈچكە تولدۇم. ئوڭ تەرىپىمگە قەدەم باستىم.مەن ئۆلمىگەن ئىكەنمەن چوقۇم ياشىشىم كىرەككەن. ئوڭ تەرەپتىكى ئوت- چۆپلەردىن تاغار توقۇپ، سول تەرەپتىكى تاغدىن ئالتۈن، ئالماسلارنى كولاپ ئىلىپ، تاغارغا قاچىلاپ، بىر قۇلانغا ئارتىپ
قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ھاياتلىق يولىغا ئاتلاندىم.

يەكەن ناھىيە كونىشەھەر مەكتەپتىن: نۇرگۇل ھېيىت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-18 01:53

Rank: 8Rank: 8

توردا
255سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
606 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ،ئادەم بەزىدە ئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياشاشتىن ئۈمىد ئۈزىدۇ،بۇ دەل شۇنداق كىشىلىرىمىزگە ماس كىلىدىكەن~!

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
summayya يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 02:34
بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ،ئادەم بەزىدە ئازراق قى ...

راس دەيسىز ...مۇنبەردىكىلەرنى كۇرۇپ باقسۇن دەپ يوللۇدۇم....

Rank: 8Rank: 8

توردا
756سائەت 
نادىر تېما
دوست
89 
يازما
2624 
تېما
451 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-18 09:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ! تېمىڭىزغا ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-12 16:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.