ئۇيغۇر بلوگلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا
تېخى يېقىندىلا ، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى يۈكسەل بلوگىدا باش قوشۇپ، «ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ چىقىش يولى» ئۈستىدە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە يۈرگۈزىشىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. كۈتمىگەندە 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ( پەيشەنبە ) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە 2 – قانىلى (2 XJTV) «بۈگۈنكى سۆھبەت»پروگىراممىسىدا مەخسۇس بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى. بۇ سۆھبەتكە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىن ئالىم ئەھەد مۇئەللىم (ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى) تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ، ئالىم ئەھەد ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا بلوگ، مىكروبلوگ، مۇنبەر قاتارلىق تور تاراتقۇلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق توختالدى . مەزكۇر سۆھبەتتە يۈكسەل ، 80 خالتا قاتارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى . پىروگىرامما كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ تەدبىركار، يۈكسەل، 80 خالتا بلوگلىرىمۇ تېگىشلىك ئورۇن ئالدى . |