موما ، چىشىڭىز ساقمۇ باغچىدىكى ئورۇندۇقتا بىر موماي ئولتۇرسا ، بىر ئوغۇل يۈگۈرۈپ كېلىپ سوراپتۇ :
- موما، ياخشىمۇسىز، چىشلىرىڭىز ساقمۇ؟
- ياق، بالام، ھەممىسى چۈشۈپ كەتتى.
- تەلىيىم بار ئىكەن، مۇنۇ باداملىرىمنى ساقلاپ تۇرسىڭىز ھازىرلا يىتىپ كىلىمەن.
مۇئەللىم، بىلىپ قىلىڭ مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا <ئەگەر مەن مىليۇنىر بولسام> دىگەن تىمىدا ماقالە يىزىشنى تاپشۇرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىللىق بىلەن يىزىشقا كىرىشپتۇ، پەقەت مەمەتجانلا قولىنى قولۇشتۇرۇپ جىم ئولتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ مۇئەللىم ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- مەمەتجان، سەن نىمىشقا تاپشۇرۇقنى يازمايسەن؟
- بىلىپ قويۇڭ، مۇئەللىم، مىليۇنىر پۇل تىپىشتىن باشقا ھىچ ئىش قىلمايدۇ.
ئىسقىرتساڭ كىلىدۇ
دادىسى ئوغلى ئەمەتجاننى ئىلىپ ئاپىسىنى يوقلىغىلى پويىزدا كىتىۋاتقاندا، ئەمەتجان دىرىزىدىن بىشىنى چىقىرىپ دادىسىغا ئارام بەرمەپتۇ. شۇڭا، ئەمەتجان ئۈچىنچى قىتىم دىرىزىدىن بىشىنى چىقىرىشىغا، دادىسى ئۇنىڭ شەپكىسىنى ئىتتىك ئىلىۋىلىپ <شامال ئۇچۇرۇپ كەتتى> دەپتىكەن، ئەمەتجان يىغلاشقا باشلاپتۇ. دادىسى ئۇنىڭ يىغىسىنى توختىتىش ئۈچۈن: <ئسقىرتساڭ شەپكەڭ قايتىپ كىلىدۇ> دەپتۇ. ئەمەتجان دەرىزىنىڭ يىنىغا كىلىپ ئىسقىرتىشىغىلا، دادىسى تىقىپ قويغان شەپكىسىنى ئىتتىك بىشىغا كىيدۈرۈپ قويۇپتۇ. ئەمەتجان بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، كۆڭلىدە: <بۇ قىززىق ئىش ئىكەن> دەپ ئوپلاپتۇ_ دە، دادىسىنىڭ شەپكىسىنى ئىلىپ دەرىزىدىن تاشلىۋىتىپ دەپتۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- دادا ئىسقىرتىقىنا، شەپكەڭ ھازىر قايتىپ كىلىدۇ.
ئىمتىھان نەتىجىسى
ئوقۇغۇچى: بۇ قىتىمىى ئىمتىھاندا نىمىشقا ماڭا نۆل قويدىڭىز؟ ئادىل بولماپتۇ مۇئەللىم.
مۇئەللىم: دەرۋەقە شۇنداق بولۇپ قالدى. راستىنى ئىيتىسام، زادى باشقا ئامال تاپالمىدىم. نۆلدىن تۆۋەن نومۇر يوق ئىكەن ئەمەسمۇ.
ئالدىن بايقاش
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسىنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ ئاغرىق پەسەيتىش دورسىنى بىرىپ دەپتۇ:
- مۇنۇ دورىنى ئىچىپ ئۆيۈڭگە قايتىقىن.
- مىنىڭ ھىچ يىرىم ئاغرىمايدۇ، مۇئەللىم
- ئىمتىھان نۇمۇرۇڭنى داداڭغا كۆرسەتسەڭ، شۇ چاغدا پۈتۈن بەدىنىڭ ئاغرىشقا باشلايدۇ.
چۈجە ئەممەيدۇ
مۇئەللىم جانلىقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈپ دەپتۇ:
- بايتال تۇغسا، تايچاق تۇغۇلۇپلا ئانىسىنى ئىمىدۇ.
يولۋاس، ئىيىق، ئىتنىڭ باللىرىمۇ توغۇلۇپلا ئانىسىنى ئىمىدۇ. تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەممەيدىغان جانلىق يوق، چۈشەندىڭلارمۇ؟
- رۇخسەتمۇ،- دەپتۇ ئابدۇرىھىمجان ئورنىدىن تۇرۇپ، تۇغۇلۇپ ئانىسىنى ئەممەيدىغان جانلىقلارمۇ بار. مەسىلەن، يىڭىلا تۇخۇمدىن چىققان چۈجە ئانىسىنى ئەممەيدۇ.
ئاپتوموبىل ئۆتمىدى ئوغلى ئاپىسىدىن سوراپتۇ:
- موماملارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئويناپ كىلەيمۇ؟
- ماقۇل، قوزام، لىكىن يولدىن ئۆتكەندە پەخەس بولغىن، ئاپتوموبىللار ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆتكىن جۇمۇ!
ئوغلى <ماقۇل> دەپ خۇشال ھالدا ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ، خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يىغلىغىنچە قايتىپ كەپتىكەن، ئاپىسى ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ:
- نىمە بولدى، قاپتىپ كىرىپسەنغۇ؟
- سەن كوچىدىن ئاپتوموبىللار ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆتكىن دىگەندىڭ، ھازىرغىچە ساقلىسام، بىرمۇ ئاپتوموبىل ئۆتمىدى. |