- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-21
- تىزىملاش
- 2010-5-6
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 362سائەت
- جۇغلانما
- 1647
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 627
- تېما
- 31
- توردا
- 362سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 14
- يازما
- 627
- تېما
- 31
|
سىر ساقلاش
كېچىلىك بەزمىخانىدىكى قىز بىر ئەسكەردىن ؛___سىلەرنىڭ بازىدا قانچە ئايروپىلاب بار ،دەپ سوراپتۇ.؛
_ سىز بۇ مەسىلنىڭ خاراكتېرىنى بىلەمسىز؟ئەسكەرلەرنىڭ مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش مەجبۇريىتى بار. مەن بىر لاياقەتلىك ئەسكەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بازىمىزدا ئەللىك بومباردىمانچى ئايروپىلان بارلىقىنى ئاشكارلاپ قويسام قانداق بولىدۇ،_دەپتۇ ئەسكەر جىددىي تەلەپپۇزدا.
سوتچى بىلەن ئوغرى
سوتچى ئوغرىغا دەپتۇ؛_سەن بىر ئۆمۈر كىشىلەرنىڭ نەرسە _كېرەكلىرىنى ئوغرىلاپ جان بىقىپ كەلدىڭ ،ھالالدىن تاپقان بىر سوم پۇلۇڭ يۇق _دەپتۇ.
ئۆتكەن قېتىمدا سىزگە بىر بىلەت تاشلاپ بەش يۈەنگە ئېرىشكەن ،مانا شۇ بەش يۈەن بۇنىڭ سىرىتىدا دەپتۇ ئوغرى.
جاننىڭ يېرىمى قالدى
تار كوچىدا بىر بۇلاڭچى بىر سودىگەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ ۋاقىراپتۇ؛_جانغا تورامسەن،100 سومغىمۇ؟
____ئەللىك سوم بەرسەم بولا ؟ قورقۇپ جېنىمنىڭ يېرىمى قالدى ،_دەپتۇ سودىگەر.
پاراسەت
سىزمۇ ۋاقتىڭىزنى ئالدىغان زىيارەت قىلغۇچىلاردىن بىزارمۇ ؟مېنىڭ بىر ئامالىم بار ،سىزمۇ سىناپ باقامسىز؟
___ قانداق ئامال ئۇ؟
_-ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىغان ھامان ،مەن دەرھال شىلەپەم بىلەن پەلىيىمنى كىيىۋېلىپ ئاندىن ئىشىكنى ئاچىمەن .مۇبادا كەلگۈچى ماڭا تازا ياقمايدىغان ئادەم بولسا ، ئۇنىڭغا كەچۈرسىز، مەن مۇھىم ئىش بىلەن سىرتقا چىقاي دەپ تۇرغان دەيمەن .
___ئەگەر كەلگەن كىشى سىز ياقتۇردىغان ئادەم بولسىچۇ؟
ئۇ چاغدا مەن ،ۋاي ئەجەپ دەل ۋاقتىدا كەپسىز ،مەن ئەمدىلا ئۆيگە كېلىپ تۇرىۋېدىم دەيمەن .
تاماق يەۋالاي
خوتۇنى؛سەن مېنى زادى ياخشى كۆرەمسەن ،ياخشى كۆرمەمسەن؟ راستىنى .ئېيىت.
ئېرى؛تاماق يەپ بولۇپ ئاندىن دېيىشەيلى ،ھازىرلا دېسەم تاماق يېيەلمەي قالىمىز.
ئاپىڭىز ئۇقىمىسۇن
ئېرى؛ مەن بايا ئەكەلگەن ژۇرنال نەدە؟
خوتۇنى ؛ قانداق ژۇرنال ئىدى؟
ئېرى؛<< ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى>> دېگەن ژۇرنالچۇ؟
خوتۇنى؛ئۇنى تىقىپ قويغان .
ئېرى؛نىمە ئۈچۈن؟
خوتۇنى؛ئاپىڭىزنى ئوقۇۋالمىسۇن دەپ.
ئېسىمدە يوق
يىگىت قىزغا خەت يېزىپتۇ؛<<سۆيۈملۈكۈم لالە، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم ناھايىتى ناچار بولغاچقا ،سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەنكى ،تۈنۈگۈن مەن سىزگە توي تەكلىپى قويغاندا سىز ماقۇل دېدىڭىزمۇ ياكى ياق دېدىڭىزمۇ ؟ بىلۋالسام بولاتتى>>
قىز يىگىتكە جاۋاپ خەت يېزىپتۇ.
<<سۆيۈملۈك ئەكبەر ،خىتىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ،ئىسىمدە قىلىشىچە تۈنۈگۈن ياق دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىم ئېنىق ،لېكىن كىمگە شۇنداق دېگەنلىكىمنى تازا ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن>>
|
|